قەھرىتاننىڭ 13-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى 80.50 ئەتراپىدا، ئالدىنقى جۈمە كۈنى بازار چۈشۈپ بازار يېپىلدى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1250 دوللار ئەتراپىدا ،ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى ئامرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىككە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى دوللارغا زىيانلىق چىقتى ،بۈگۈن ئىقتىسادى ئۇچۇرلار يوق دىيەرلىك ،قىممەتلىك مىتاللار بازىرى تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچىراپ بازار تەڭشىلىشى مومكىن .
قەھرىتاننىڭ 13-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان مۇھىم ئىقتىسادى ئۇچۇرلار يوق ،ئالتۇن بازىرى تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچىرىشى مومكىن .ئالتۇننىڭ ھەر ئونسىيەسى 1250 دوللارلىق ھالقىلىق ئورۇننى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۆتەلمەسلىكىگە دىققەت قىلىڭ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
كوت كوت 395619400
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 242 يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.92 يۈەن
بىر دوللار 6.0474 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.26979 يۈەن
بىر فودىستىرلىڭ 1.6505 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.3680 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !