ئۇيغۇر تىلىدىكى «بەلكى»، «بەلكىم» سۆزلىرى ھەققىدە
غەيرەت ئابدۇرەھمان
ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى جاپاكەش تىلشۇناسلارنىڭ ئەمگىكى بەدىلىگە خېلى مۇكەممەللىشىپ، بەلگىلىك ئۈنۈم ياراتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىدىكى قارىماققا كىچىك، ئەمما ھەل قىلمىسا، تىل قالايمىقانچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىقلارغا سەۋەب بولىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەر يەنىلا تىلشۇناسلارنىڭ نەزەرىگە ئىلىنالماي، ئىلىنسىمۇ قايىل قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشەلمەي كەلمەكتە. ئۇيغۇر تىلىدا جۈملىلەردە كۆپ قوللىنىلىدىغان «بەلكى»، «بەلكىم» سۆزلىرى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
كۆپلىگەن ئەدەبىي، پەننىي ئەسەرلەردە، كىنو- تېلېۋىزىيە، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى نۇتۇقتا بۇ ئىككى سۆز دائىم ئارىلاشتۇرۇلۇپ قوللىنىلىپ، ئىككىسىنىڭ چېگرىسى ئارىلاشتۇرۇۋېلىنىپ، ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب بىر قىسىم گرامماتىكا كىتابلىرىدا بۇ ئىككى سۆزنى ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىشقا يول قويۇش ئەھۋاللىرى ھېلىھەم مەۋجۇت.
ئۇيغۇر تىلى ئىپادىلەشكە باي، لېكسىكىلىق تەكىبى ئىنتايىن مول ئىكەن، ئەلۋەتتە بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋاق ئېلىۋاتقان ياش- ئۆسمۈرلەرگە، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان باشقا مىللەت ھەۋەسمەنلىرىگە ئۇقۇمى ئېنىق، ئىپادىلەش كۈچى رەڭگارەڭ، مۇكەممەل ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكا قۇرۇلمىسىنى تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ماقالەمدە، گرامماتىكا كىتابلىرىدىكى بۇ ئىككى سۆز ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ئۆز كۆزقاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.
شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989- يىلى 4- ئايدا 2- قېتىم نەشر قىلىنغان، 1992- يىلى 8- ئايدا 3- قېتىم بېسىلغان، تۇردى ئەخمەت، ئەنسەرىدىن مۇسا، نەسرۇللا يولبولدى قاتارلىق پېشقەدەم تىلشۇناسلار تۈزگەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق كىتابتا «بەلكى» سۆزى ئۈستىدە توختىلىپ: «كۈچەيتمە باغلىغۇچىلار ‹بەلكى، ھەتتا، ھەتتاكى› قاتارلىق سۆزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق باغلىغۇچىلار سۆزلىگۈچى نەزىرىدە مەلۇم ئىش- ھەرىكەتنىڭ يەنە بىر ئىش- ھەرىكەتتىن ئاشۇرۇپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ» دېيىلگەن. قازاقىستان س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى تۈزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985- يىلى 2- ئايدا نەشر قىلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق كىتابتا «بەلكى» سۆزى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ سۆزنىڭ قارىمۇ- قارشى باغلىغۇچىلار تىپىگە كىرىدىغانلىقى، ئۇنىڭ «قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنىڭ ئارىسىنى باغلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئوي- پىكىرگە، ئىش- ھەرىكەتكە كېيىنكى جۈملىدىكى ئوي- پىكىرنى، ئىش- ھەرىكەتنى قارشى قويۇش ياكى ئۇلارنىڭ باشقىچىرەك يۈز بېرىشىنى كۆرسىتىش خۇسۇسيىتىگە ئىگە» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. «بەلكىم» سۆزى ھەققىدە بۇ كىتابتا «مودال سۆز»لەر ئىچىدىكى «پىكىرنىڭ پائال ئەمەسلىكىنى، نامەلۇملىقىنى ۋە گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان مودال سۆز» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن. مىللەتلەر نەشرىياتى1987- يىلى 6- ئايدا نەشر قىلغان ئۇستاز تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر ئەپەندى ئاپتورلىقىدىكى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» (مورفولوگىيە) ناملىق كىتابتا «بەلكى» سۆزىنى بۇرۇلۇش باغلىغۇچىسى دەپ ئىزاھلىغان. «بەلكىم» سۆزىگە «مۆلچەر مەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ ئالدىدا ياكى ئارقىدا كېلىپ ياكى خەۋەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، مۆلچەر تەرزنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىغان يۈكلىمە» دەپ تەبىر بېرىلگەن.
يۇقىرىقى ئەسەرلەردە بۇ ئىككى سۆز ئارىلاشتۇرۇلۇپ، «بەلكى (بەلكىم)» تەرىقىسىدە بېرىلگەن بولۇپ، خەمىت تۆمۈر ئەپەندى «بەلكى (بەلكىم)» سۆزى باغلىغۇچى بولۇپ كەلگەندىن تاشقىرى، يەنە يۈكلىمە بولۇپ كېلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭدىن سىرت، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى نوپۇزلۇق قورالىمىز بولغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە، «بەلكى» سۆزى پارسچىدىن كىرگەن «⑴ بۇرۇلۇش مەنىسىدە كەلگەن جۈملە بىلەن جۈملىنى ۋە جۈملە بۆلەكلىرىنى باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؛ ⑵ «ئېھتىمال» دېگەن مەنىدە يۈكلىمە رولىدا كېلىدۇ» دەپ ئىزاھلىنىپ، «بەلكىم» سۆزىنى «بەلكى» سۆزىگە ھاۋالە قىلىش بىلەنلا كۇپايە قىلىنغان.
مېنىڭچە، بۇ ئىككى سۆزنى مۇنداق ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. «بەلكى» سۆزى ھەقىقەتەن باغلىغۇچىلارغا، باغلىغۇچىلار ئىچىدىكى ئايرىغۇچى- تەكىتلىگۈچى باغلىغۇچى دېيىشكە بولىدىغان تىپقا تەۋە. چۈنكى ئۇ كېيىنكى جۈملىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوي- پىكىرنى ئالدىنقى جۈملىدىن ئايرىپ تەكىتلەپ كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:
▲ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەش ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئۆتكەن ئىشلارغا بەلگىلىك ئىش قوشۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئا. جالالىدىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» 27- بەت)
▲ كىيىم ئۇلار ئۈچۈن خاراكتېردىكى ئاجىزلىقنى بېزەيدىغان ئالامەت ئەمەس ئىدى، بەلكى بىر خىل تۇرمۇش سەنئىتى ئىدى. (يۇقىرىقى كىتاب، 54- بەت)
▲ مەكتەپنىڭ بىنالىرى تاغنىڭ ئورمانلىق يېرىگە ئەمەس، بەلكى دەرەخسىز، تاقىر يەرلىرىگە پىلانلانغانىدى. (يۇقىرىقى كىتاب، 76- بەت)
▲ بىزنىڭ تامىقىمىز قاسساپ، ھاراق ئېچىتقۇچى ۋە بولكىچىلارنىڭ ھىممىتىدىن كەلگەن بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىدىن كەلگەن. (يۇقىرىقى كىتاب، 125- بەت)
▲ مەن قەيەردە راھەت بولسا ۋەتەننى تاشلاپ شۇ يەرگە كېتىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى راھەتنى ئۆز قولۇم بىلەن يارىتىشقا ئىنتىلىمەن. (يۇقىرىقى كىتاب، 226- بەت)
يۇقىرىقى مىساللاردىكى جۈملىلەرنى تەھلىل قىلىپ باقساقلا، «بەلكى» باغلىغۇچىسىنىڭ كۈچەيتىش باغلىغۇچىسى «ھەتتا، ھەتتاكى» بىلەن، قارىمۇ- قارشى باغلىغۇچى، بۇرۇلۇش باغلىغۇچىسى دېيىلگەن «ئەمما، لېكىن، بىراق، بولمىسا، ئەكسىچە،ۋەھالەنكى...» قاتارلىق باغلىغۇچىلار بىلەن پەرقلىق مەنە ئاڭلىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
«بەلكىم» سۆزى يۇقىرىقى «بەلكى» باغلىغۇچىسى بىلەن مەنە ۋە شەكىل جەھەتتىن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بولغان يۈكلىمە. ئۇ ئاساسەن مۆلچەرمەيلىدىكى جۈملىلەرنىڭ بېشىدا، ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاخىرىدا كېلىپ، قىياس، ئېھتىماللىق، گۇمان مەنىسىنى ئىپادىلەپ كېلىدۇ. مەسىلەن:
▲ بەلكىم، بىزنىڭ پويىز كۈتكەن ۋاقتىمىز بەش مىنۇتقىمۇ بارمىغان بولسا كېرەك، ئاخىر بىر پويىزغا چىقتۇق. (ئا. جالالىدىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» 43- بەت)
▲ يۇقىرىقى ئابزاسلاردىن تەڭقىس روھىي ھالىتىم ئايان بولغاندۇ بەلكىم. (يۇقىرىقى كىتاب، 128- بەت)
▲ بەلكىم، ئىسمى خىروكو ئۇنىڭ
ياكى ساچىكو،
شوخ قىزىنىڭ يېنىدا
ھارغىن بىر ئاق قۇ.
▲ بەلكىم، يېرىم ئاي ئۆتكەندۇ، بىر كۈنى كەچتە ئۇمېموتو ئەپەندى مېنى يېنىغا چاقىردى. (يۇقىرىقى كىتاب، 242- بەت)
▲ خو پروفېسسور ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدە ئەدەبىي، پەلسەپىۋى ئەسەرلەرنى يازمىغاندۇ بەلكىم، ئۇ بىر ماتېماتىك. (يۇقىرىقى كىتاب، 266- بەت)
يۇقىرىقى مىساللاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى، بەلكىم يۈكلىمىسى بۇ يەردە ھېچقانداق باغلىغۇچىلىق رولىنى ئۆتىمىگەن، ئۇ پەقەت گۇمان، مۆلچەر، قىياس تەرىزىدىكى بىر يۈكلىمىلا خالاس.
بۇ ئىككى سۆز نېمە ئۈچۈن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلىدۇ؟ بىز ئۇنىڭ ئەسلى پارسچىدا قانداق بولۇشىنى قويۇپ تۇرايلى، خەلقىمىزنىڭ تىل ئىستېمالىدا بۇ ئىككى سۆز ئىككى سۆز تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ، شەكلى جەھەتتىن سۆز ئاخىرىدىكى «م» تاۋۇشى ئارقىلىق بىر- بىرىدىن پەرقلەندۈرۈلۈپ كېلىنگەن. ناۋادا بۇ ئىككىسىنى بىر سۆز ھېسابىدا بىر تەرەپ قىلساق، تىلىمىزدا نۇرغۇن مۇجىمەللىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى تەبىئىي. مەسىلەن:
▲ مەن سېنى دېمىدىم، بەلكىم ئۇنى دېدىم. (توغرىسى: بەلكى)
▲ بەلكى، تېخى كەلمىگەندۇ. (توغرىسى: بەلكىم)
▲ ئۇنىڭ دادىسى ئوقۇتقۇچى ئەمەس، بەلكىم ئىشچى. (توغرىسى: بەلكى)
▲ بەلكى ئۇ يىپەك كىيىملىرىنى كىيىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان بولاتتى. (توغرىسى: بەلكىم)
شۇڭا، «بەلكى» سۆزى باغلىغۇچى ھېسابىدا تۇراقلاشتۇرۇلۇپ، ئىملاسى بېكىتىلسە، «بەلكىم» سۆزى يۈكلىمە ھېسابىدا تۇراقلاشتۇرۇلۇپ ئىملاسى بېكىتىلسە (سۆز ئاخىرىدىكى «م» تاۋۇشى چۈشۈرۈپ قويۇلمىسا)، بۇ ئىككى سۆزنىڭ بىر- بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنالايمىز ھەم ھەر بىرىگە ئايرىم ئىسىم قويۇپ، ئايرىم سۆز تۈركۈمى شەكلىدە چۈشەندۈرەلەيمىز. يېزىق شەكلىدىمۇ ئايرىم ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيمىز.
يۇقىرىقىلار «بەلكى»، بەلكىم» سۆزلىرى ھەققىدىكى ئۆزۈمنىڭ يۈزەكى قاراشلىرىم. مېنىڭچە، تىلىمىزدىكى بەزىبىر چۇۋالچاقلىقلار مۇشۇنداق پىشمىغان تەھلىللەر ئاساسىدا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى مۇمكىن. ئاخىرىدا، كەڭ تىلشۇناسلار ۋە مەتبۇئات ساھەسىدىكى يولداشلارنىڭ بۇ ئىككى سۆزنىڭ پەرقىنى توغرا ئايرىپ، ياش- ئۆسمۈرلىرىمىز ۋە ئۇيغۇر تىلىنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان ھەۋەسمەنلەرنى توغرا يولغا باشلاپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپ، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، لۇغەت تەركىبىمىزدىكى سۆزلەرنى توغرا ئىزاھلاشقا يېتەكلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
پايدىلانمىلار:
1. تۇردى ئەخمەت، ئەنسەرىدىن مۇسا، نەسرۇللا يولبولدى: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 1989- يىلى 4- ئاي 2- قېتىم نەشرى، 1992- يىلى 8- ئايدا 3- قېتىم بېسىلىشى.
2. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» قازاقىستان س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985- يىلى 2- ئاي نەشرى.
3. خەمىت تۆمۈر: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» (مورفولوگىيە)، مىللەتلەر نەشرىياتى1987- يىلى 6- ئاي نەشرى.
4. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» (قىسقارتىلمىسى)، ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999- يىلى 10- ئاي، 1- نەشرى.
5. ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005- يىلى 3- ئاي 1- نەشرى.
http://www.iliboy.com/edu/ebook/edebiyat/2013/1126/2420.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-15 12:43 PM