yulghunjan يوللىغان ۋاقتى 2014-1-15 09:14 PM
قازاق، قىرغىزدا تىلەمچى يوق. بىز ئۇيغۇرلاردا بار.
مەن ت ...
بۇرادەر ئوقۇۋاتقاندا قازاق بالىلار شۇنداق دىيشەتتى قازاقتا دىۋانە يوق دەپ ،ھەقىقەتەن ئۈرۈمچىدە كۆرۈپ باقمىغان قازاق تىلەمچىنى ...ئۆزيۇرتىدا ياكى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا بامىدۇ يا ؟ ئەگەر بۇلاردا تىلەمچى بولمىسا ،بۇ ئۇلارنىڭ بىرەر ئەنئەنىسى بىلەن مۇناسۋەتلىكمۇ ؟
ئەمما مۇشۇ ئىچكىرىسىدىمۇ ھەتتا بېيجىڭغا بارغاندىمۇ ھەرخىل سىياق ،ھەرخىل ياشتىكى تىلەمچىلەر مىترو بىكىتى ،بازارلار ،ساياھەت نۇقتلىرىدىمۇ ئۇچراپ تۇرىدىكەن . بەزىلىرى قاتتىق بىزەڭ ،سەندىن بىرنەرسە ئالمىغۇچە كەتمەيدۇ تېخى ...
چەتكە چىقىش نىسىپ بولمىغان بولسىمۇ ،تاراتقۇلاردىن ۋە بارغانلاردىن ئاڭلىساق توكيو ،نىيويۇرك دىگەندەك شەھەرلەردىمۇ جىقمىش تىلەمچى ....
سىز قازاق -قىرغىزلارنى خېلى چۈشنىدىكەنسىز ، ئۇلاردا زادى نېمىشقا تىلەمچى يوقلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇلار ئارىسىدمۇ تۇرمۇشتا قەتئىي چىقىش يولى تاپالمىغانلار ،ئەمگەك ئىقتىدارى يوق ،قارىغۇچىسى يوق قېرىلار بارلىقى چوقۇم ،مۇشۇنداق بىچارىلەر تىلەمچىلىك قىلمايمۇ قانداق باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدىكەن؟ بولسا شۇلارنىڭ تىلەمچىلىك قىلماي تۇرۇپمۇ ،شۇنداق بىچارىلەرگە ئۈنۈملۈك ياردەم بىېرەلەيدىغان بىرەر ياخشى ئەنئەنسى بولسا ، بىزمۇ ئۆزىمىزگە تەدبىقلاپ باقساق بولىدۇ.