326ayixa يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 09:58 PM
مەنمۇ قانۇن-ۋە پۇقرادا كۆرگەن . لېكىن مۇشۇ قانۇن قانۇن ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
قانۇن ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ ھېسياتىنى ئاساس قىلمايدۇ. دەلىل ئىسپات ئاساس، قانۇن ئۆلچەم، ھەرقانداق ئۆلكە، ئاپتونۇم رايۇندا 3 دەرىجە سوت مەھكىمىسى بار. ئاساسىي قاتلام (شەھەر, ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى) دېلو قوبۇل قىلىپ، سوت ئاچقان بولسا، ئەگەر ھۆكۈمگە قايىل بولمىغانلار، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە، 1-قېتىم سوت ئاچقان سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق ياكى بىۋاستە ئۆزى بىر دەرىجە يوقۇرى سوت مەھكىمىسىگە(ۋىلايەت، ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھىكىمىسى) نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ. ئەگەر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزنى قوبۇل قىلىپ، قاراپ چىققاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن دەۋاگەر ياكى جاۋاپكار سوتتا تەمىنلىگە دەلىل ئىسپات، پاكىت قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان بولسا، ياكى يېتەرلىك پاكىت بولمىسا، ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىسگە قايتا سوت ئېچىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەگەر ھۆكۈمنامە ھەقىقەتەن قانۇندا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولماي، دەلىل ئىسپات قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى تولۇق بولغان بولسا ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت ئاچىدۇ. ئەگەر، ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنامىسى قانۇنىي تەرتىپكە ئۇيغۇن بولۇپ ھۆكمۈنامىمۇ قانۇنغا ئۇيغۇن، ئادىل بولغان بولسا، ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ، ئەسلى ھۆكۈمنامىنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
ئەگەر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا سوت ئېچىپ ھۆكۈم چىقارغان بولسا، بىر تەرەپ بۇ قېتىمقى ھۆكمنامىگە قايىل بولمىسا، يوقۇرى سوت مەھكىمىسىگە (ئاپتونۇم رايۇنلىق يوقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسى) نارازىلىق ئەرز قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. (يوقۇرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشتىن بۇرۇن بەزى ئەھۋالدا ئوبلاست، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئەرزىيەت ئىشىانىسىغا ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ)
سىز دەۋاتقاندەك ھېسيات ئاساس بولىدىغان ئىش ھازىر يوق. مەيلى قايسى خىلدىكى دەۋا دېلوسى بولسۇن، داۋانىڭ شەكىللىنىشىدە ئىككى تەرەپ بولىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپكە ناھەقچىلىق بولغان بولسا، ناھەقچىلىق بولدى دەپ قارىغان تەرەپ يوقۇرىدا مەن دېگەندەك يوقۇرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدۇ. بۇ يەردە ئەڭ مۇھىم نەرسە «پاكىت» ئەگەر سىز بىرسىگە 1000 يۈەن پۇل قەرز بەرگەن بولسىڭىز، لېكىن قولىڭىزدە ھۆججەت بولمىسا ياكى گۇۋاھچىمۇ بولمىسا سىز سوت مەھكىمىسىگە قەرزنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بىرىش توغرىسىدا ئەرز قىلىپ، پاكىت تېپىپ بېرەلمىسىڭىز، سىز بېشىڭىزنى تاشقا ئۇرۇپ ئۆلىۋچالسىزىمۇ بىكار. سىزنىڭ پۇل بەرگىنىڭىز راست بولسىمۇ پاكىت بولمىسا سوت مەھكىسىمى دەۋا تەلىۋىڭىزنى رەت قىلىدۇ. مەسىلەن: ئەگەر سىزگە ھېچكىم 1000 يۇەن پۇل بەرمەي تۇرۇپ، سوت مەھكىمىسىگە «مەن326ayixa مىڭ يۇەن پۇل بىرىپ تۇرغان، دەپ ئەرز قىلىپ سوت مەھكىمىسىدە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، يىغلاپ تۇرسا، سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ قەسىمى، كۆز يېشىغا ئاساسەن، راست قەرز بىرىپتىكەن دەپ قاراپ سىز دەۋاگەرگە 1000 يۈەن پۇلنى تۆلەڭ دېسە سىز قانداق قىلىسىىز.
مەن بۇ يەردە قانۇنلۇق دەلىل ئىسپات، پاكىت ۋە گۇۋاھچى توغىرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بېرەي. بىلمىگەنلەر بىلىپ قالسۇن.
دەلىل ئىسپات (پاكىت) يازما ئىسپات، ئۈن سىىن، ماددىي ئىسپاتلارنى كۆرسىتىدۇ.
گۇۋاھچى: قانۇن بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارى نورمال بولغان دۆلەت پۇقراسىنى كۆرسىتىدۇ. (يېقىن تۇققانلىرى گۇۋاھچى بولالمايدۇ)
دەۋاگەر ياكى جاۋاپكارلانىڭ تۇققانلىرى گۇۋاھچى بولسا بولمايدۇ. سوت ئاچقاندا سوتقا قاتناشقان سوتچى، مۇۋەققەت سوتچى سوت ئېچىشقا قاتناشسا بولمايدۇ.
قانۇن ھەققىدە بىلىمگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى كۆپرەك كۆرۈڭ. يۇقارقىدەك ئاساسسىز گەپ قىلماڭ،
قانۇن ھەققىدە بىلىملەر بەك كەڭ بولغاچقا مۇشۇنچىلىك چۈشەنچە بېرەي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-16 11:29 PM