شۇنداق شۇنداق ئەلى مۇئەللىمدىن باشقا يەنە مەمتىمىن دوكتۇرنىڭ باغداشتا ئېلان قىلغان يەنە بىر ماقالىسى باركەن ،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھۆرمەتلىك باغداش مۇنبىرىدىكى تورداشلار، ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرستېتىدا مېدىتسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئاكا يېقىندا ئوتتۇرىغا چىققان ئەيدىز كېسىلىنىڭ دورىسى توغرىسىدا تارقالغان خەۋەرگە ئىزاھات بېرىپ يازما يوللاپ، بۇنى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە يوللاپ قويۇشىنى ھاۋالە قىپتۇ. شۇ سەۋەپتىن مەن بۇ يازمىنى باغداش مۇنبىرىگە يوللاپ قويدۇم. باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلاپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
يېقىندا ئوتتۇرىغا چىققان ئەيدىز كېسىلىنىڭ دورىسى توغرىسىدا ئىزاھات
دوكتۇر مەمەت ئىمىن (دوختۇر)
يېقىندا ئىستانبۇلدا ئىچىلغان ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى يىغىنىدا كۈسەنى ئۇستاز ئۆزى سۆزلەۋاتقان تېمىدىن چەتنەت، ئۆز كەسىپى بولمىغان دائىردە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش توغرىسىدا بەزى سۆزلەرنى قىلغان بولۇپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا بەزى تالاش-تارتىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان. مەن كۈسەنى ئۇستازنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېز يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان بەزى سۆزلىرىنى ئىنكار قىلمايمەن، بىراق كۈسەنى ئۇستاز تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتتە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدى ھەم ئۇيغۇرلار ئىچىدە بەزى قايمۇقۇشلارنى پەيدا قىلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر دەخلى يەتكۈزىدىغان ئاقىۋەتنى كەلتۇرپ چىقاردى.
كۈسەن ئۇستاز ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۆز كەسپىدىن بەكلا يىراق بولغان ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش توغرسىدا سۆز ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئازراق كۆرگەن ۋە ئاڭلىۋالغان ئىشلىرىغا ئاساسەن، ئۆز ئۇستازى گەرچە ئەيدىز كىسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالايدىغان دورا تاپقان بولسىمۇ، بىراق غەرب ئەللىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز مەنپئەتى ئۈچۈن ئۇ دورىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى چەكلىگەن، دەپ تەتۈر تەشۋىقات قىلدى. ئامېرىكا بىلەن ئەرەب ئىسلام دۆلەتلەر ئارىسىدا بەزى زىدىيەلەر ۋە مەنپەت توقۇنۇشلىرى مەۋجۇت، بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز. بىراق بۇنى كۆزدە تۇتۇپ بىر ئاكادىمىك يىغىندا ئاساسى يوق گەپلەرنى تەشۋىق قىلسا، بۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئاكادىمىكلەرنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىگە تامامەن خىلاپ.
كۈسەنى ئۇستاز ئۆز ھىسياتىغا تايىنىپ، ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب ئارىسىدىكى بەزى زىدىيەتلەرگە ئاساسلىنىپ، ئۆزى تەكىتلىمەكچى بولغان ئىدىيەنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن غەربتىكى بارلىق دورا شىركەتلىرىدىكى ئالىملارنى ۋە تەتقىقاتچىلارنى بىراقلا قارىلاپ، پۇل تېپىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ سالامەتلىكى بىلەن كارى يوق، ھەتتا ئىنسانلارنى كۆپرەك كېسەل بولسا دەيدۇ، دەپ، پەن-تېخنىكا ئالىملىرىنى ھاقارەت قىلدى.
ئەيدىز كىسىلىگە ئۈزۈل-كېسىل داۋا تېپىلسا، مەيلى ئۇنى كىم ۋە قايسى دۆلەتتە تاپسۇن، ئەلۋەتتە ھەمىمىز سۆيىنىمىز، بۇ بىر ياخشى ئىش. بۇ يەردىكى مەسىلە ئەيدىز كېسىلىگە دورا يوق ئەمەس، ھازىر ئەيدىز كىسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىۋاتقان دورىلار 30 خىلدىن ئارتۇق بولسىمۇ، بىراق ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالاپ ساقايتىدىغان دورا تېخى يوق. ئادەتتە بىر ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ 5 - 10 يىللىق يوشۇرۇن باسقۇچتىن كېيىن ئاندىن ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققى قىلىدۇ، ئاندىن تەخمىنەن 3 - 5 يىلدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھىچقانداق داۋالاش ئېلىپ بارمىغانلارمۇ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ 10 يىلدىن ئارتۇق ياشىيالايدۇ.
ئەيدىز كېسىلىنى ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان دورىلارنىڭ بىر نەچچە خىلى بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بىمارلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. داۋالاش ئارقىلىق قاندىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى تۆۋەنلەتكى، ھەتتە بەزى بىمارلاردا تامامەن يوقاتقىلى بولىدۇ، بىراق داۋالاش توختاپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى يەنە قايتىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى ئاساسلىقى لىمفا ھۈجەيرىسى ۋە باشقا ئىممۇنىتېت ھۈجەيلىرى ئىچىدە ياشاپ ۋە ئۇ يەردە كۆپەيگەنلىگى ئۈچۈن، قاندىكى ۋىرۇسلار دورا ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ، داۋالاش توختاپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ھۈجەيرىلەر ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان ۋە پۇرسەت تېپىپ كۆپەيگەن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى قايتا قانغا كىرىدۇ. يەنى قاندىكى ۋىرۇسنى تازىلاپ يوقاتقان بىلەن، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى يوقاتقىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئادەتتە ئەيدىز كېسىلىگە تېخى ئۈزۈل-كېسىل داۋا يوق دەپ قارايمىز. ئەمىلىيەتتە ھازىر ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار داۋالىنىش ئارقىلىق 20 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس.
مەن كۈسەنى ئۇستاز تىلغا ئالغان ئۆزىنىڭ ئۇ ئۇستازى ۋە ئۇنىڭ ياساپ چىققان دورىسى توغرىسىدا توغرا ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۇچۇن، ئاز تولا ئىزدەندىم ۋە خىلى كۆپ ماتىرىياللارنى كۆرۈپ چىقتىم.
كۈسەنى ئۇستاز تىلغا ئالغان ئابدۇل مەجىت زىندانى ئىشلەپ چىقارغان دورا بىر خىل ئوت-چۆپتىن ياسالغان ئەنئەنىۋى دورا بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىگە نىسبەتەن بەزى ئۈنۈمى بار ئىكەن، ھەم 2006-يىلى پاتېنت ئالغان ئىكەن. يېتەرلىك سانلىق مەلۇمات بولمىغاچقا، ئەيدىز كىسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ساقايتىمەن، دېگىنىگە ئىشەنمەيدىغانلار كۆپ ئىكەن، بولۇپمۇ خەلقئارادىكى ھىچقانداق بىر نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ جەزملەشتۈرىشىگە ئېرىشەلمىگەن ئىكەن. بىزنىڭ تىبابەتچىلىگىمىزدىمۇ نۇرغۇن دورىلار بار، ئۇنى بىز گەرچە تارىختىن بۇيان نۇرغۇن كىسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈملەرگە ئېرىشىپ كەلگەن بولساقمۇ، بىراق بىزدە ئۇلارغا نىسبەتەن يىتەرلىك سانلىق مەلۇمات بولمىغاچقا، ئۇ دورىلىرىمىز خەلئقارادىكى نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشەلمەي، ئىشلىتىلىشى ناھايتى چەكلىك دائىردە ساقلىنىپ كەلمەكتە. بىز بۇنى نوقۇل ھالدا باشقىلاردىن كۆرسەك، غەرب بىلەن ئىسلام ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا، ۋە ياكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹دۇنيانى كونترول قىلىش››ىغا ئارتىپ قويساق بولمايدۇ. ئاكادىمىك دېگەن ھېسياتقا ئەمەس، بەلكىم پاكىتقا ۋە سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن سۆزلەش كېرەك. باشقىلار دەۋالغان ۋە ياكى بىرسى كۆرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئومۇملىققا ئىگە ھەقىقەت بولىۋەرمەيدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ئۇ دورىسى بىلەن بىر قىسىم بىمارلارغا داۋالاش ئېلىپ بارغانلىقى راست بولۇشى مۇمكىن، مەن ئۇنى ئىنكار قىلمايمەن، بىراق بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ساقايتىدۇ، دېگەن يەكۈن چىقمايدۇ. كەم دېگەندە بىر، ئىككى مىڭ بىمارنى ئىككىگە بۆلۈپ، يېرىمىنى ئۇ دورا بىلەن، يېرىمىنى باشقا سىلىشتۇرما قاتارىدىكى دورا بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۈنىمىنى يەنى قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈنىمىنى سېلىشتۇرۇپ، تەپسىلى چىقارغان بىر سانلىق مەلۇمات بولمىسا، تاساددىپى ساقىيىپ قالغان بىر نەچچە بىمار بىلەن ‹‹پۈتۈنلەي ساقايتىمەن.›› دەپ ھۆكۈم چىقارغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە مەن ئامال بولمىغان كېسەللەرگە نىسبەتەن ۋە ياكى باشقا دورىلار بىلەن داۋالىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىمارلارغا نىسبەتەن قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىشنىڭ زەرەرى يوق دەپ قارايمەن.
ئاخىردا تەكىتلەپ ئۆتىدىغىنىم، كۈسەنى ئۇستازنىڭ ئۇستازى ئابدۇل مىجىت زىندانى ئىجاد قىلغان دورا، مەن دەسلەپتە تەكىتلىگىنىمگە ئوخشاش ئۆسۈملۈكتىن ياسالغان بىر خىل ئەنئەنىۋى دورا بولغاچقا، ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان غەرب دورىلىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىقىمدىكى نەرسە. ئۇلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۆز-ئارا رىقابەتتە بولالمايدۇ. ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدا نۇرغۇن جوڭيى دورىلار ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ئەنئەنىۋى دورىلىرى بار. ئۇلارنىڭ تەستىقلىنىپ بازارغا كىرىشى ۋە سېتىلىش رەسمىيەتلىرى ئادەتتىكى غەرب دورىلىرىدىن خېلىلا ئاسان. باشقا غەرب دورىلىرىنىڭ تەستىقلىنىپ بازارغا كىرىش رەسمىيەتلىرى ناھايتى مۇرەككەپ، بازارغا كىرگەندىن كىيىنمۇ ئۇلارنى ئېلىش ئۈچۈن رېتسېپ كېتىدۇ، يەنى دوختۇرنىڭ رېتسېپىسىز ئۇ دورىلارنى ھەرگىز ئالغىلى بولمايدۇ، بىراق بۇ ئۆسۈملۈكتىن ياسالغان دورىلار ئادەتتىكى ساقلىقنى ساقلاش بويۇملىرى قاتارىدا، رېتسېپسىز سېتىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندىمۇ كۈسەنى ئۇستاز ئېيتقاندەك ئۇ دورىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ باستۇرىۋەتكەن، دېيىشنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق. تۈركىيەدە شۇ دورىنى ياسايدىغان زاۋۇت قۇرۇلۇپ، ئۇ دورا ياسىلىپ بازارغا چۈشكەندىمۇ پەقەت پەقەتلا ساقلىقنى ساقلاش دورىلىرى قاتارىدىكى ئۆسۈملۈك دورىسى بولۇپ بازارغا كىرىشى مۇمكىن.
مەمەت ئىمىن دوختۇر
مەنبەسى:
http://bilip-qiling.blogspot.jp/