gayur1 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-19 06:20 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 c1 {' H$ `; Q. }
مېنىڭ ئۆرۇنسىز ئشلارغا ئارىلىشىپ, تىل ئشىتكۈم, قال ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, J+ E- r' d: e) }& ^) W" Qسىز «بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بەرىبىر» دەپ ئۆزىڭىزنى بىر قۇتۇب، بىزنى بىر قۇتۇب قىلىپ ئايرىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. نەزىرىڭىزدە بىز بەلكىم پاسىق ياكى تويۇنمىغان مۇسۇلماندۇرمىز. ئەمما سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش پىكىر قىلىدىغانلارغا سۆزۈم: ئاۋۋال يازغان ئىنكاسنىڭ مەنىسىنى ۋە نىمە دىمەكچى بولغىنىنى ئوبدان چۈشەنگەيسىلەر، ئۆزەڭلەرنىڭ چۈشەنچەڭلەر ئارقىلىق باشقىلارغا ماركا چاپلىمىغايسىلەر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: b, D" {' t2 @. ~% H$ F$ m' fبىز مۇسۇلمان بىر نىمە دىمىدۇق، ياكى ئىسلامنىڭ يامان گېپىنى قىلمىدۇق. پەقەت ئىسلامنى قانداقراق كاللىدا چۈشىنىش، قانداق بىلىم بىلەن چۈشىنىش، قۇرئاننى كۆرسەك قانداقراق كۆزدە كۆرۈش، تەپەككۇر قىلساق قانداقراق مەنتىقىدە تەپەككۇر قىلىش، ئەمەل قىلساق كىمنىڭ يولى بويىچە قانداق ئەمەل قىلىش، ئەمەل قىلىش بىلەن باشقىلارغا تەلەپ قويۇشنىڭ ئارىسىنى قانداق ھەل قىلىش ۋە باغلاشتۇرۇش ھەققىدە گەپ قىلدۇق.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 U1 m! M+ K6 h7 a
مۇسۇلمانلىق سالاھىيەت ئىرسىيەت قالمىغىنىدەك، مۇسۇلماننىڭ قانداقلىقىنى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ ساپاسى ۋە ئوبرازى بەلگىلەيدۇ. قۇرئان كەرىم بىزنىڭ توغرىلىقىمىزنى ئاقلايدىغان كوزىر ئەمەس، بەلكى بەلكى بىز قۇرئان كەرىمنى نامايەن قىلغۇچىلارمىز. ساھابىلەرنىڭ ھاياتى بىزنىڭ ياخشى ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنىڭ دەلىلى ئەمەس. بەلكى بىز ساھابىلەردەك بولالىساق شۇلاردەك ماختانساق بولىدۇ. دىمەك غايىۋىي مۇسۇلمان ۋە قۇرئان كەرىمدىكى ئورۇندالمىغان ئەھكاملارنى ھەر قانچە كۆككە كۆتۈرسەكمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلانمىغۇنچە ھىچكىم بىزگە ئىشەنمەيدۇ ياكى قايىل بولمايدۇ. مۇشۇ گەپلەرنى چۈشىنەلىگەن بولسىڭىز ئەمدى ئۆزۈمنىڭ گېپىمنى قىلىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, F9 E/ n& e) l) ^0 [- g% [/ N. Q- Mقۇرئان كەرىمنىڭ دىگەنلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قانچىلىك قىلغانلىقى باشقا-باشقا گەپ. ئىسلامنىڭ تەلەپ قىلغىنى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ رېئاللىقىمىزمۇ باشقا-باشقا گەپ. ئەمما بىز قۇرئان كەرىم خاتا ئىشقا بۇيرۇدى ياكى ئىسلامنىڭ مۇنداق تەرىپى خاتا دىمىدۇق، بەلكى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇۋاتقان كىشىلەر مۇسۇلمانلىق سالاھىيىتىگە لايىق نىمە قىلدى؟ مۇسۇلمانلىق سالاھىيىتىگە مۇخالىپ ئىشلارنى نىمە ئۈچۈن ئىسلام ياكى قۇرئان كەرىمنىڭ بۇيرۇقى دىگەندەك ئۇلۇغۋار شوئارلار ئاستىدا قىلىۋىرىدۇ؟ ئىسلام ھەقىقەت تۇرۇپ، مۇسۇلمان خار بولامدۇ؟ دىگەندەك سوئاللارنى قويدۇق. ئۆزىمىز ماۋۇ ئىسلام دەپ تۇرۇپ ئىسلام دىنىغا قوشۇۋالغان پاسسىپ نەرسىلەرنى رەت قىلدۇق، ئىسلامنى ئەسلىدىكىدەك ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ۋە سوبېكتىپ كۆزدە كۆزىتىشنى تەشەببۇس قىلدۇق. ئەمدى بۇ گەپلەرنىڭ بىرەرسىدە مەسىلە بار دەپ قارىسىڭىز ھەر قانداق قالپاق بولسا كېيىشكە بىز رازى.