خۇنۈكلىشەر ساپ ھايات ئادىمىيلىك كۆمۈلسە،
ھايۋان بىلەن بىر يەڭگە سېپىلاركەن بەزىلەر
..........
كۆيدۈرگەچكە ۋىجداننى ھەسەتخورلۇق ئوچىقى ،
تىكەن بولۇپ تاپانغا قېقىلاركەن بەزىلەر
........
ئىناق،ئۆملۈك، ئەخلاقنى كىر تۇتقاچقا گاھىدا،
قۇۋ-رەزىللەر قوينىدا بېقىلاركەن بەزىلەر.
......
ۋىجدان،غۇرۇر، جان نېمە، نەپسى بالا ئالدىدا،
مەنسەپ ئۈچۈن كۈچۈك بوپ، يېلىناركەن بەزىلەر.
.......
كەتكەچ ئورناپ تۇيدۇرماي ھەسەت ئوتى يۈرەككە،
بىراۋ دەرتتىن يىغلىسا ئېچىلاركەن بەزىلەر.
ھورۇن ئېشەك ئەجىرسىز بوش قىلغاندەك تاغارنى،
تېپىپ قۇسۇر مېھنەتكە چېپىلاركەن بەزىلەر
.....
مۇشۇ تېما ئۈستىدە ھەرخىل گەپلەر بىلەن مۇنازىرىلىشۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا ھەدىيە . مۇشۇنىڭ بىلەن ئەقلىنى تېپىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .