قەھرىتاننىڭ 20-كۈنى ئاسىيا بازىرى دوللار كۆرسەتكۈچى 81.15 ئەتراپىدا ،ئالدىنقى جۈمە كۈنى باھا ئۆسۈپ بازار يېپىلىپ ،ئىككى ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نوقتىنى ياراتتى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1256 دوللار ئەتراپىدا،ئالدىنقى جۈمە كۈنى باھا ئۆسۈپ بازار يېپىلدى .ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردا ئامرىكىنىڭ ئۇچۇرى ئانچە ياخشى چىقمىغان ،بۇلۇپمۇ ئامرىكىنىڭ 1-ئايلىق مىچىگان ئۇنىۋېرسىتى ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنىچ كۆرسەتكۈچى مۆلچەردىكىدىن بەك تۈۋەن چىققان ،ياۋرۇپانىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇرلىرى تېخىمۇ ناچار چىققان بۇلۇپ ،بازارنىڭ ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتى يۈرگۈزۈش مۆلچەرى يۇقىرى كۈتۈرۈلگەن .
قەھرىتاننىڭ 20-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن بۇ ھەپتىدىكى ھالقىلىق ئىقتىسادى ئۇچۇر- جوڭگونىڭ تۆتىنچى پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى قاتارلىق بىر قانچە ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ .لېكىن ياۋرۇپا ئامرىكا بازار ۋاقتى بىر قەدەر تېنىچ بۇلىشى مومكىن ،چۈنكى ياۋرۇپا ئامرىكىنىڭ ئېلان قىلىنىدىغان مۇھىم ئىقتىسادى ئۇچۇرلىرى يوق .يەنە كىلىپ ئامرىكا مارتىن لوتىڭ كىڭنى خاتىرلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دەم ئالىدۇ .مۆلچەرلەرگە قارىغاندا بۈگۈن جوڭگونىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇرىنىڭ تەسىرىدىن باشقا يەنىلا ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى ئۇچۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىشى مومكىن .بۇ ھەپتىدە يەنە ياپۇنىيە مەركىزى بانكىسى ۋە كانادا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا ئۆسۈم نىسپىتى،ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ يىغىنى،كۆپ دۆلەتلەرنىڭ 1-ئايلىق ياساش كەسپى PMI دەسلەپكى قىممىتى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
كوت كوت 395619400 ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى
iktisad
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 244يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.94يۈەن
بىر دوللار 6.0573 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.18056 يۈەن
بىر فودىستىرلىڭ 1.6420 يۈەن
ياۋرۇ 1.3535 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە ئىقتىساد ئۇندىدار سالونى