ipar1 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 06:11 PM
ئېلىپبە دەرسىدە ئوقۇۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش ھەقىق ...
ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ھەققىدە شۇنداق تەپسىلى تۇختالغىنىڭىزغا رەھمەت.
مەن ئۇ ىۇسۇسىي مەكتەپتە پەقەتلا 25 كۈن دەرس ئۆتىمەن. دەرس ئۆتۈش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپلا قالماي شۇ 25 كۈن ئىچىدە ئاساسىي جەھەتتىن ساۋادىنى چىقىرىپ بولىشىم كېرەك. چۈنكى ئۇلار مېنى شۇنداق قىلالايدۇ دەپ تەكلىپ قىلغان چىغى.
ئوقۇغۇچى قاتلىمىغا كەلسەك، ياش جەھەتتىن بەش ياشتىن تارتىپ 15تەخمىنەن ياشقىچە بار. بۇلار ئىككىگە بۆلۇنگەن. يەنى تەيارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 3-سىنىپقىچە بىر گۇرۇپا، 3-سىنىپتىن يۇقىرىلا بىر گۇرۇپا.
سىز دېگەندەك ھەقىقەتەن تەس بولۋاتىدۇ. ‹ بولدىلا، نېمە بولسا بولا› دەپ قول ئۇچۇدىلا ئىش كۆرگىم كەلمىدى. بىرىنجى گۇرۇپىدىكى بالىلارنىڭمۇ سەۋيىسى ئوخشاش ئەمەس، ھەتتا قەلەم تۇتۇشنىمۇ بىلمەيدىغان بالىلار بولغاچقا ئۇنداقلارغا قول كۈندۇرۇش مەشىقى بىلەن ئېلىپبە جەدىۋىلىدىكى ھەرىپنى تونىتىشنى ئاساس قىلۋاتىمەن، 1-3-سىنىپقىچە بولغان بالىلارغا ئالدىغا سۇزۇق تاۋۇشنى ئۆتۈپ بولدۇم، كەينىگە ‹ئو› ھەرىپىگە كەلدىم.
سىز دېگەن ئۇسۇلنىمۇ قوللىنىپ بېقىشقا تىرىشىمەن.