مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: marhaba422

مەن ‹ئۇيغۇر›نى ئالىمەن .   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73703
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 01:57:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
America يوللىغان ۋاقتى  2014-1-23 01:54 AM
مەن دىنغا مۇخالىپ بولمىغان بولسا ھەرقانداق قىزنى ئالى ...

ئاللا ئاللا قېرىندىشىم . نېمىلەرنى ئويلاپ يۇردىغانسىز دەيمەن بۇ پەقەت ئەسەرنىڭ باشلىنىشى . ئاخىرىغىچە ئوقۇسىڭىز نېمە مەقسەتتە يازغىنىمنى بىلەلەيسىز .

ھەرىلەرنىڭ نەشتىرى تۇرۇپ ،
بىر - بىرىنى چېقىشمايدىكەن .
ئادەملەرچۇ نەشتەرسىز تۇرۇپ ،
كەڭ ئالەمگە پېتىشمايدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89292
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2059
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 443 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 01:58:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرنى بى ئىتتىك يىزىڭە.ساقلاپ كۆزۈم بىرنەرسە بۇلاي دەپ قالدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32286
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 10:42:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇكام مەرھابا بۇ ھىكايىڭىزدە ئوتتورا مەكتەپتە ئوقوۋاتقان رەنا بىلەن قەيسەرنىڭ ئوتتوسىدىكى كەلگۈسىدە ئەر-خوتون بولۇش ئۈچۈن شەكىللەنگەن سەمىمى مىھرى-مۇھەببەتنى بەك تەسىرلىك تەسۋىرلەپسىز.مىنىڭ تەكلىۋىم؛-ئۇلارنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقوشقا بولغان ئارزۇ ۋە ئىرادىسىنىمۇ مەلۇم شەرت ۋەتەلەپلەر بىلەن ئىپادىلەپ قويوڭ.چۈنكى،ئۇلارنىڭ ھازىرقى شەرتى ئوقوشنى داۋاملاشتۇرۇش.ئەسەرنىڭ مەرگىزى ئىددىيسىدە مۇشۇ روھمۇ ئىپادىلىنىشى كىرەك،دىمەكچىمەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8978
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 356 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 11:04:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي ماشىنىسى بىزەۋاتقان يىگىتلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم. ماشىنىغا جايناماز ۋە قىز ئوغالچە دوپپا قوندۇرۇپ بىزەيدىكەن. ئۇلار جەينامازنى قەلبىگە، دوپپىنى بىشىغا تاقىسا ئاندىن ئۇلار ئىنساننى قايىل قىلمامدۇ. كىيىۋالغىنى ئەتلەس كۆينەك بولماستىن ياۋرۇپاچە توي كۆينىگى،ياسىۋالغان ماشىنىسى ئەتلەس، جەيناماز، دوپپا.................ھەي ماۋۇ قىزلاردەك ئۆرۈپ ئادىتىمىز بويىچە ياسانسا نىمە دىگەن چىرايلىق ھە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73703
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 11:44:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    داۋامى :  

ئەتىسى تاڭ سەھەردە  رەنا مەكتىپىگە كېلىپ ، سىنىپىغىمۇ كىرمەستىن ، ئۇدۇللا مەكتەپنىڭ ‹ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار شەرەپ مۇنبىرى › نىڭ ئالدىغا كەلدى - يۇ ، ئوماق چىرايىغا  مەمنۇنىيەت كۈلكىسى يامرىدى ،  تولۇق 2- يىللىقلار بويىچە پەقەت قەيسەر بىلەن رەنا ئىككىسىلا مۇنەۋۋەر تىزىملىككە كىرەلىگەنىدى .  ئۇ قەيسەرنىڭ رەسىمىگە قاراپ ئۆز- ئۆزىگە سۆزلىدى : - سىزگە ئىشىنەتتىم قەيسەر ، سىز ئەڭ مۇنەۋۋەر !        - سىزمۇ مۇنەۋۋەر بوپ باھالىنىپسىزغۇ!- قەيسەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان رەنا چۆچۈگىنىچە كەينىگە بۇرۇلدى . قەيسەر گېپىنى تەكرارلىدى :
   - سىزمۇ مۇنەۋۋەر بوپ باھالىنىپسىز .  مۇبارەك بولسۇن!  
   - بۇ كىچىككىنە نەتىجىگە كۆرەڭلەپ كېتىشكە بولمايدۇ ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئاندى ھەقىقى نەتىجە دېسەك بولىدۇ .
    - ماقۇل ئەمسە ، ئۇنداقتا بەسلىشىپ باقايلى ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا كىم يۇقىرى نومۇر ئالىدىكىن ؟!
   - ماقۇل ، گېپىمىز گەپ ئەمسە ، يېنىۋالماڭ ھە!
   - مەن دېگەن ئوغۇل بالا . يېنىۋالمايمەن . سىز يېنىۋالمىسىڭىزلا؟!
   - مەنمۇ يېنىۋالمايمەن ، بولدى ، ۋاقىتمۇ توشۇپ قاپتۇ . مەن سىنىپىمغا كىرىپ كەتتىم ، خوش .
  - خوش . ياخشى ئوقۇڭ !  
    مانا مۇشۇنداق بەسلىشىپ  ، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش جەريانىدا ، ئۇلارنىڭ مېھرى يەنە بىر قەدەم چوڭقۇرلاشتى ، رەنا ماتىماتىكا ، فىزىكا ، خىمىيە دەرسلىرىدىن بىلمىگەنلىرىنى قەيسەردىن سورايتتى ، قەيسەرمۇ تارىخ ، سىياسەت دەرسلىكلىرىدىن چۈشەنمىگەنلىرىنى سورايتتى ... مۇشۇنداق جىددى ئۆگىنىش ئۇلارغا بىر يىل ۋاقىتنىڭ قانداقلارچە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى سەزدۈرمىى ، مانا ، ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغىمۇ نەچچە ئايلا قالدى . مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، قەيسەرنىڭ نىمجان بوپ ياتقان دادىسى بۇ يورۇق ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىپ ، ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى . ئەسلىدىنلا ئاغرىقچان ئانىسى ئەللىك نەچچە يىللىق قەدىناسىنىڭ ئۆلۈمىگە چىدىماي ، شۇ بىر يىقىلغانچە ئورنىدىن قايتا تۇرالمىدى . قەيسەر دادىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئۆزى بىر قوللۇق ئورۇندىمىسا بولمىغاچ ، ئۈچ ھەپتىدىن ئارتۇق مەكتەپكە بارالمىدى ،رەنا ھېسابلاپ كۆرۈپ قەيسەرنى كۆرمىگىنىگە يىگىرمە كۈندىن ئاشقانلىقىنى بىلدى ،  رەنا ئۈچۈن بۇ يىگىرمە نەچچە كۈن گوياكى يىگىرمە نەچچە يىلدەك بىلىندى، رەنا قويغان تۇتقىنىنى بىلمەي قەيسەردىن ئەنسىرەپلا يۈردى ،  - ئەتە دەم ئېلىش كۈنىكەن ، مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ، دوستلىرىم بىلەن قەيسەرنى يەنە بىر يوقلاپ كەلسەم بولغۇدەك ، دېگەنلەرنى ئويلىغان رەنا بالدۇرلا ئۇخلاپ قالدى .  
   ئەتىسى تاڭ سەھەردە گۈلنار ، سەفىيە ، ئېرشات ، دىلمۇرات ، ئادىللار رەنانىڭ ئۆيىگە كەلدى .   
   - ئاداش ، بىز تۈنۈگۈن قەيسەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىشنى پىلانلىغانىدۇق ، شۇ سېنىمۇ بىز بىلەن بىللە بارامدىكىن دەپ يېنىڭغا كىردۇق ، _ دېدى گۈلنار گەپ باشلاپ .
   - سىنىپتىمۇ ، ھەتتا دەرس ۋاقتىدىمۇ خىيالدىن بېرى كېلەلمىدىڭىز ، شۇڭا مۇشۇنداق پىلانلىدۇق ،_ دېدى بوش كەلمەي .
   - ھەممىڭلار مېنىڭ غېمىمنى يەۋاتساڭلار ، نېمىشقا بارماي ؟،- رەنا سۇس كۈلۈمسىرىدى .
   - دوست تۇرۇپ غېمىڭنى يېمىسەك قاندا دوست دېگىلى بولسۇن؟ شۇندامۇ باللا! دېدى سەفىيە شوخلۇق بىلەن .
  - شۇنداق ، بۇ يەردە گەپ تالىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماي تىزرەك ماڭايلى ،- دېدى ئېرشات ئالدىرىتىپ .
   ئۇلار بىردەمدىلا قەيسەرنىڭ ئۆيىگە كەلدى ، ئەپسۇس ، قەيسەر ئۆيدە يوق ئىدى. بۇلارنىڭ كەلگىنىنى كۆرگەن قەيسەرنىڭ سىڭلىسى ئۇلارنى ئۇدۇل ئانىسى ياتقان ئۆيگە باشلاپ كىردى . ئۇلار قەيسەرنىڭ ئاپىسى بىلان بىرەر قۇر ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن ، رەنا قەيسەرنىڭ ئاپىسىغا نەيە بىر قېتىم رەن سالدى : دەرت ، غەم - قايغۇنىڭ دەستىدىن ئورۇقلاپ بىر تېرە - بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن رەنانىڭ ئىچى سېيرىلىپ ، كۆزلىرىگە لىققىدە ياش كەلدى ، رەنانىڭ كەيپىياتىغا دىققەت قىلىپ ئولتۇرغان گۈلنار دەرھاللا رەنانى سىرتقا ئېلىپ چىقتى . گۈلنار چاندۇرماي قەيسەرنىڭ سىڭلىسىدىن سورىدى :
  - ئاكىڭىز قېنى؟     قەيسەرنىڭ سىڭلىسى چۈچۈك تىللىرى بىلەن جاۋاپ بەردى :
  - ئاكام ئانامگا دويا ئالگىلى باژاگا كەتتى .
   - قاچان قايتىپ كېلىدۇ؟
   - بىلمەيمەن .
    شۇ ئارلىقتا سەفىيە قەيسەرنىڭ ئاپىسىنى يۆلىگىنىچە سىرتقا چىقتى ،  
   - رەنا ، ھاممام ھاجەتكە چىقىدىكەن ، نەدىلىكىنى بىلەمسەن؟
    رەنا يۈگرۈپ بېرىپ قەيسەرنىڭ ئاپىسنى قولتۇقلاپ سەفىيەگە دېدى:
   بىلىمەن ، مەنلا ئاپىراي .
   قەيسەرنىڭ ئاپىسىنىڭ ھالىغا قاراپ گۈلنار : بىچارە قەيسەر ، ئەمدى ئوقۇيالارمۇ؟
   - تولا ئاغزىڭنى ئۈششۈتمىگىنە ، قەيسەردەك تىرىشچان بالا ئوقۇمىسا كىم ئوقۇيدۇ؟
     ئاڭغىچە قەيسەر  قولىغا بىر مۇنچە نەرسىلەرنى كۆتۈرگەن پېتى ھويلىغا كىرىپ ، ھەيرانلىق ئىلكىدە تۇرۇپلا قالدى .
   - نېمە بولدى ؟ قارشى ئالمايدىغان ئوخشىمامسىز يوقلاپ كەلسەك؟! - دېگىنىچە قەيسەرنىڭ قولىدىكىنى ئالدى گۈلنار .
  - ياق ، ئۇنداق ئەمەس ، بايا تېخى سىلەرنى ئويلاپ تۇراتتىم . ئۆيگە كىرمەپسىلەرغۇ؟  
  سەفىيە رەنا بىلەن ئاپىسىنى ئىما قىلدى . رەنانىڭ ئاپىسىنى يۆلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن قەيسەر قوللىىرىدىكىنى تاشلىۋېتىپ يۈگرۈپ بارغىنىچە ئاپىسىنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى ، قەيسەرنىڭ يىغىسىغا ھەسرەت ، پۇشايمان ، ئازاپ  ، سېغىنىش شۇنداقلا ئۆكۈنۈش يوشۇرۇنغاندەك قىلاتتى .....


    (داۋامى بار )

ھەرىلەرنىڭ نەشتىرى تۇرۇپ ،
بىر - بىرىنى چېقىشمايدىكەن .
ئادەملەرچۇ نەشتەرسىز تۇرۇپ ،
كەڭ ئالەمگە پېتىشمايدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98986
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1363
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 648 سائەت
تىزىم: 2013-10-26
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 12:07:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەستا يەنە قىنى بۇ داۋامى................

ئىگىسىگە ئەخلاق بىرەلمىگەن ئىمان ھەقىقى مۇكەممەل ئىمان ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21786
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6004
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 12:13:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاللا  بەك  ياخشى  يېزىپتىكەنسىز  تازا  قىزىقىپ  ئوقۇۋاتسام.................ئاخىرنى  تىزىراق  يوللاڭڭە.....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73703
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 12:59:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-1-22 10:19 PM
ياخشى چىقىپتۇ.لېكىن تۇيۇقسىز شۇنى سورغىم كىپ قالدى ،سى ...

تۇرپان سىڭگىمدىن . سىزچۇ؟

ھەرىلەرنىڭ نەشتىرى تۇرۇپ ،
بىر - بىرىنى چېقىشمايدىكەن .
ئادەملەرچۇ نەشتەرسىز تۇرۇپ ،
كەڭ ئالەمگە پېتىشمايدىكەن .

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5412
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20253
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2282 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 01:04:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنىلا ئۇيغۇر زەينەپنى ئالاي.......

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

دوست بولمىسا دۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10951
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10859
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 3524 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 01:14:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يېزىلىپتىكەن  ئەپسۇس داۋامى يوقكەن  
داۋامىنى تىزراق يازسىڭىز بولاتتى ئادەمنى تەقەززا قىلماي

ئوقۇمىغان مىللەت نىمىنى بىلسۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش