ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئەركىن ئاكا ، يېڭى يازمىڭىزنى كۈرۈپ تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم ، ھەرقېتىم يوللىغان يازمىڭىزدا يېپيېڭى بىر ئىلمى بايقاشنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ بىزنىڭ چاڭقىغان ئېڭىمىزنى سۈيۈندۈرىسىز سىزگە كۆپ رەھمەت ، گەپنىڭ قىسقىسى :ئاللاھتىن سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر ، يەنىمۇ ئۆتكۈر پاراسەت ، قايناق كەسپى ئىلھام تىلەيمىز ، سىزنىڭ ئاسمان ئىلمىدە قازانغان نەتىجىلىرىڭىز ھەممىمىزگە شەرەپ تۇيغۇسى ئېلىپ كىلىدۇ ، تىلىكىمىز : ئۆزىڭىزگە ئوخشاش كەسىپتە ، ئۇرۇندا خىزمەت ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارالايدىغان تىلداش ئىزباسارلاردىن تەربىيىلەپ يىتىشتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز دىگەن ئۈمىدتەمىز....
ئەمدى «تاش» ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى دەپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ، تاشنىڭ پايدا بۇلۇپ قېلىشىدا مەنمۇ بىرىنچى بۇلۇپ «پۇرسەتنىڭ چاقىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئورنىدىن قوزغۇلۇپ ئۆرۈلۈپ قالغان» دىگەن پەزەرگە قۇشۇلغۇم كىلىپ قالدى ، لوگىكىلىق قەھەتتىن قارىغاندىمۇ ، شۇنداق ئھھتىمال ھەممىدىن بەك ئەمەلىيەتكە يېقىن ، ئەمدى قىزىقىپ سورىغىم كەلگىنى ، بۇتاشنىڭ چوڭلىقى زادى قانچىلىك ؟ پۇرسەتنىڭ چاقىنىڭ دىئامىتىرى قانچە كىلىدۇ ؟ قانچىلىك ئېغىرلىق بېسىمى بىلەن ئاندىن قانچىىك ئېغىرلىقتىكى تاشنى ئورنىدىن قوزغىيالايدۇ ؟ تاشنىڭ شەكلى قانداق ھالەتتە ؟ پۇرسەت مىنىڭچە تاشنى بېسىپ ئۈتۈپ كەتكەندە ، تاشنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىن ئەمەس بەلكى بىر بۇرجىكتىن يەنە شىناسىمان قىسمىدىن يانتۇ ھالەتتە بېسىپ ، ئاندىن تاشنىڭ تۇرغان تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ ئاندىن ئۆرۈلۈپ چىقىپ قالغان بۇلىشىمۇ مۇمكىن ، بولمىغاندا تاش تېخىمۇ جايىغا چوڭقۇر پېتىپ كەتكەن بۇلارىدى ..... تاشنىڭ ئۆزىنى ئاشكارە قىلىشى - ئالىملىرىمىزغا يەنە بىر خىزمە پۇرسىتىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ ، يەنى ئۇ تاش ئالىملارنى مارىسقا بىرقېتىم «مېھمان بۇلۇپ» كېتىشكە چاقىرىۋاتىدۇ ، ئالىملار ئۇ تاشنى ئاۋايلاپ قاچىلاپ كىلىپ ئاندىن ناسانىڭ تەجىربىخانىسىدا ئانالىز قىلغاندا ئاندىن ھەقىقى سىرنى يەشتى دىگىلى بولغۇدەك ، دىمەك، ئەركىنكا ، تاش قاچان بىزگە «مىھمان»غا كىلىدۇ ؟ بۇلارنى يېزىۋېتىپ ئامرىكىنىڭ بىر كىنوسى يادىمغا كىلىپ قالدى ، كىنودا ئالەمدىن كىلىپ قالغان بىر « ئۇچقۇر تاش » بىر ۋادىغا چۈشۈپ ناھايتى چۇڭقۇر ئازگال پەيدا قىلىپ ئاندىن ئۇ يەردىن ئاجايىپ قورقۇنۇچلۇق جانلىقلار پەيدا بۇلۇپ كىتەتتى ، مۇنداق ئېيتقاندا ۋەقەلىك كىيىنكى راۋاجى «تەدىرىجى تەرەققىيات »نەزەرىيەسى بۇيىچە ماڭاتتى ، ئاخىرىدا ئىنسانلار غەلىتە مەخلۇقتىن غەلىبە قىلىدۇ .....لىكىن مارىستا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان مۇنۇ تاشنىڭ خوتەن قاشتىشىدەك قىممەت يارىتىشىنى ، بىزگە ئاپەت كەلتۈرمەسلىكىنى تىلەيمىز
تەتقىقاتىڭلارغا يەنىمۇ زور نەتىجىلەر يار بولسۇن ئەركىنكا !