بۇ نەقىل زادى قايسى مەنبدىن ئېلىنغان. ئېنىق يازغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
«تۇتىم» ئەمەس، «توتېم» يازغان بولسىڭىز توغرا بولاتتى.
" توتىم " سۆزى ھازىرقى ئاۋىستىرالىيىدە ياشايدىغان پاپائۇسلار ( ياۋرۇپالىقلار ئۇلارنى ئىندىئان دەپ ئاتايدۇ ) نىڭ تىلىدا " ئۇنىڭ ئۇرۇقى " دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
بۇ يەردىكى «ئۇنىڭ ئۇرقى» دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟ «ئۇ» دېگەن زادى نېمە(كىم) نى كۆرسىتىدۇ؟
ئىنسانلار باشلانغۇچ جەمىيەت ( ئانىلىق دەۋرى ) تە بىرەر ھايۋان ياكى دەرەخنى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى دەپ بىلىپ ، ئۇلارنى نەسىل - ئۇرۇق ۋە قان سىستىمىسىنى پەرىقلەندۇرۇشنىڭ بەلگسى قىلغان . توتىم دىگىنىمىز ئەنە شۇنى كۆرسىتىدۇ
ئۇنداقتا بۇ گەپتىن توتېم دېگەن، نەسىل - ئۇرۇق ۋە قاننى پەرقلەندۈرىدىغان بەلگە دېگەن گەپ بولامدۇ؟
ئەمدى تۆۋەندىكى .ئابزاسقا قارايلى:
" توتىم " ئىپتىدائى دىنىي ئىتىقادلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، تەبىئى شارائىتى خىلمۇ خىل بولغان جايلاردا ياشىغان ئادەملەر ، خىلمۇ خىل توتىملارغا ئىتىقاد قىلغان
بۇ ئابزاستىن توتېم دېگەن بىر خىل دىن دېگەن مەنە چىقتى.
ئۇنداقتا تۇتېىم دېگەن زادى نېمە؟ ئەگەر ئۇ جەمەتنى (ياكى قاننى ) پەرقلەندۈرىدىغان بەلگە بولسا، نېمىشقا ئىنسانلار ئاشۇ جەمەتنى پەرقلەندۈرىدىغان بەلگىگە نېمىشقا چوقىنىدۇ؟ زادى كىشىلەر توتېمنى بەلگە قىلغانمۇ، چوقۇنغانمۇ؟ كېينكى ئابزاستا دېگەن چوقىنىش بىلەن ئالدىنقى ئابزاستىكى بەلگە قىلىشنىڭ پەرقى نېمە؟
ئەگەر توتېمنى دىن دېيىش توغرا كەلسە، ئۇنداقتا سىز دەۋاتقان «دىن» دېگەن زادى نېمە؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئوغۇز116 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-27 11:24 PM