مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ahsaxum

يۈرەككە تامغان ياش ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

çok sevmek hataysa, ben büyü

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25578
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3288
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 05:37:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dawamichu?  chushiniksizla

باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلغۇدەك ياشا!!!!

ئىتقاد بارچە بار

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11056
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2651 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 05:52:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك ئەمما ئاساسلىق مەزمۇنى يوق. ئەسەر تېزلا تۈگەپ كەتسە مەيلى ... ئەمما چۇقۇم ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئازاراق بولسىمۇ ئىپادىلىنىشى كېرەك ... سىزنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنىڭىز ...
تېزراق يوللاڭ

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 06:46:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  بولغان  بىر ئەسەر ،داۋامىغا تەشنامىز.

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 10:46:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقىدە قولىغا ئالغان خالتىنى خۇددى بىرىنىڭ يۈرگىنى كۆتۈرگەندەك مەيدىسىگە چىڭ تاڭغىنىچە دىلشاتنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلدى ، ئۇ خۇددى ئارقىسىغا قارىسىلا دىلشاتنى كۆردىغاندەك ، ئۇ ئۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك تۇيغۇدا كەينىگە قايرىلىپ قاراشقا پېتىنالمىدى ، خۇددى بىراۋ ئۇنىڭغا قولىنى پۇلاڭلىتىپ قاراۋاتقاندەك ھېسياتتا ئىدى ، ئۇ ئارقىسىغا قارىدى ، بىراق ھېچنىمىنى كۆرەلمىدى ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىنى يامغۇردەك تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرى توسۇپ تۇراتتى . ياشلىرى توسمىغان تەقدىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ شىرىن ئەمما ئازاپلىق خىيالىنىڭ ئەمەليەتكە ئايلانمايدىغىنى ئېنىقلا ئىدى ، بىراق ئەقىدە ئەنە شۇنداق خىياللىرى بىلەن ئۆزىنى بەزلىمەكچىمىدۇ ياكى ئۆزىنى ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتمىگىنىگە ئىشەندۈرمەكچىمىدۇ ؟
ئەقىدە ئۆيىگە كېلىپلا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ، ئەقىدەنىڭ ئانىسى خاسيەت ئاچا خۇددى قىزىنىڭ شۇنداق قىلىدىغىنى بىلىدىغاندەكلا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . قىزىنىڭ ھازىر تەسەللىيگە مۇھتاج ئەمەس بەلكى رىئالىقنى دادىللىق بىلەن قۇبۇل قىلالايدىغان ئەقلىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بۇ ئائىلە ئايالى ئېنىق بىلەتتى . ئاتىسىدىن كىچىكلا يېتىم قالغان بۇ قىزغا ھەم ئاتا ھەم ئانا بولغان مۇشۇ 15 يىلدىن بۇيان بويۇن قىسمىغان ، ياش تۆكمىگەن بۇ قىز بۇ قېتىم ئانا ئالدىدا قانچلىك ياشىنىڭ تۆكۈلگىنى ، ئاننىنىڭ باغرىنى قانچلىك تىلغىننى ھېس قىلالمايتتى . بەلكىم ئۇ بۇرۇنقى كىچىكلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەندۇ ، بىراق ئۇ ئانا ئالدىدا مەڭگۈ بالا ، مەڭگۈ گۈدەك ئىدى .
ياتاق ئۆيىنى ئىچىدىن تاقىغان ئەقىدە ئۆزىنى بېسىۋالغان ھالدا ئالدىدىكى خالتىنى ئاچتى . بىر خاتىرە ، بىر دىيۇملۇق رەسسىمدىن بىر پارچە ، چوڭايتىلغان رەسسىمدىن بىر پارچە ، چاچ بوغقۇچتىن بىر تال ، بىر نەچچە تال پارچە ۋاراق ( ئەقىدە يازغان لىرىكا بولسا كېرەك ) ، قېپقىزىل رەڭدە بويالغان يۈرەك شەكلى  ..... ئەقىدە كۆرگەنلىرىگە ئىشنىش ياكى ئىشەنمەسلىك ھەققىدە كۆپ ئويلاندى  ئەڭ ئاددىيسى دىلشات چاخچاق قىلىپ ئۇنىڭدىن سوراپ ئېلىۋالغان ، ئەقىدەنىڭ ئېلۋېتىلگەن تىرنىقىمۇ تۇراتتى ، دىلشاتقا شۇ ۋاقىتتا ‹‹ نىممىمۇ قىلارسەن بۇ مەينەت تىرناقنى ؟ ›› دىگىنىدە دىلشات كۈلۈپ تۇرۇپ ‹‹ قانداق قىلاتتىم ، ساقلاپ قويۇپ تويۇڭدا ياكى بولمىسا شۇنداق چوڭراق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قايتۇرۇپ بېرىمەن ، شۇ ۋاقىتتا قانداق قىلىسەن ؟ ›› دىگەن ئىدى ، ئەقىدە بولسا كۈلگىنىچە ‹‹ ساراڭ  ، تويۇمغا شۇ مەينەت تىرنىقىمنى كۆتۈرۈپ بارامسەن ؟ ›› دەپ كۈلۈشۈپ كەتكەن ئىدى . بىراق ئەقىدە بۇ تىرناقنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى . ئەمدىلىكتە بولسا ئىچىدە كۈلمەكتە ، شۇ كىچىككىنە چاخچاق دەپ ئويلىغان دىلشاتنىڭ ھەر بىر سۆزلىرىنىڭ قەسەم بولۇپ يۈرگىگە ئۇيۇپ كېتىدىغىنىنى ئۇ شۇنچە كېچكىپ چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدى . چاچ بوغقىچنىمۇ پويىزدا دىلشاتنىڭ يۈتتۈرۋەتتىم دىگەن باھانىسى بىلەن بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ خالتىدىن چىقىشىنى ئۇ خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى . ئاۋۇ پارچە ۋاراقتىكى لىرىكىلارنى ئوقۇپ ئۆزىمۇ شىرىن ھېسلار ، قورقۇنۇچ ئىچىدە قېلىپ قالغىننى ئويلاپمۇ كۆرمىگەن ئىدى . ئىشنى قىلىپ دىلشات مەيلى چاخچاق قىلىپ ئېيتقان سۆزلىرى بولسۇن ياكى ئۇنى ئالدىغانلىرى بولسۇن ھەممىنىڭ بۈگۈنكى مۇشۇ كۈنگە كېلىپ ئاشكارلىنىدىغىننى ئەقىدە ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى . ئاشۇ چاخچاقلىرىنىڭ قەسەم كەبى ئويۇلغان يۈرەكنىڭ ئەمدى سوقمايدىغىننى ئەقىدە چۈشۈنۈپ يەتكىنىدە ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىپ قالدى ، بىراق بۇ يالغۇزلۇقنىڭ دىلشاتقا قانچىلىك ھەمراھ بولغىننى ئۇ بىر ئۆمۈر چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن ئىدى .
ئەقىدە دىلشاتنىڭ خاتىرىسىنى قولىغا ئالدى ، ئىككىلىنىش ئىلكىدە خاتىرىنى شۇنچە تەستە ئاچتى ، چۈنكى بۇ خاتىرىنىڭ ئىچىدە ئەقىدە ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان يەنە بىر دىلشاتنىڭ ياشايدىغىننى ، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىراۋلارنىڭ بۇ خاتىرىگە ئىز سالغىننى بىلىۋالغاندەك ئىدى .

‹‹ مېنى يۆلەنچۈك قىلما ، تاغ كەبى سېنى يۆلەپ تۇرالمايمەن ، مېنى كۆچەت قىلما ، قارغاي كەبى يىلتىز تارتالمايمەن ، مېنى پەقەتلا شامال قىل ، سەن مۇھتاج بولغاندا ساڭا ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرىمەن ، سېنى يەڭگىل يەلپۈشلىرىم بىلەن مەدەت بېرىمەن ! ››
خاتىرىنىڭ بىرىنجى بېتىگە يېزىلغان سۆزلەردىن ئەقىدە گاڭگىراپلا قالدى ، دىلشاتنىڭ ئەنە شۇ ئۈمۈدسىزلىك ئىچىدە ئۆزىگە ئۈمۈد بېرىپ يول كۆرسىتىپ كەلگەن شۇ كۈچنىڭ زادى نىمە تەرپىدىن بېرىلگىنىگە ھەيران بولماقتا ، ئۆز كۆڭلىدە شۇنچىلىك  بەردەم ، ئىچىگە سايا تاشلىغىنىدا كۆزلىرىدىن ھەممىنى كۆرەلەيدىغان بۇ يىگىتنىڭ زادى نىمە سەۋەپتىن ئۆزىگە شۇنچە چوڭ ئۈمۈدلەرنى ئېلىپ كېلەلىگىننى ئۇ خىيالىدىمۇ ھېس قىلماقچى بولاتتى . بىراق بۇ سۆزلەرنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇ دىلشاتنىڭ ئۇنچە بەردەم ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماقتا ئىدى .
‹‹ ماڭا ئىچ ئاغرىتما ! مەن شۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان تەقدىرىدىمۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتما ! چۈنكى ئۆزۈم سۆيگەن ، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كىشىلەر تەرپىدىن ئىچ ئاغرىتىلىشنىڭ ماڭا قانچلىك خورلۇق ئېلىپ كېلدىغىننى ھېس قىلالمايسەن . ماڭا ئاغرىتماقچى بولغان شۇ ئىچىڭنى كوچىدىكى دىۋانىلارغا ، كۆڭلىڭگە مەن كەبى ئىز سالالمايۋاتقان ئاشۇ بىچارىلەرگە ئاغرىتىۋال ! ››
ئەقىدە تېخىمۇ بەكرەك گاڭگىرىدى ، ئۇ بۇ سۆزنى بۇرۇنمۇ دىگەن ، كۆزلىرىنى ئەقىدەنىڭ كۆزىگە مىختەك قاداپ تۇرۇپ دىگەن ئىدى ، توغرا شۇ ۋاقىتتا دىلشاتنىڭ كۆزىدىن ياش پىلدىرلاپ قالغان بولسىمۇ شۇنچىلىك بەردەم ھالدا ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا دىگەن ئىدى .
خاتىرىنىڭ ئۈچۈنجى بېتىدىن باشلاپ دىلشاتنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ئىدى ، كۆپۈنچىسى دىلشاتنىڭ ئۆزىنى بەزلەش ، ئۆزىنى گوللاش ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئەقىدە كۆزلىرىگە يەنە بىر قېتىم ئىشىنەلمىدى . ئىشىنىشكە ئۇ راستىنلا ئامالسىز ئىدى ، چۈنكى ئالدىدا پۈتۈن ، كۈلۈپ يۈرگەن دىلشاتنىڭ ئەمەليەتتە بولسا ئىچى تۈتۈنگە قان ياشقا تولغان شۇنچە ئاجىز ، خۇددى پورلىشىپ كەتكەن قېرى سۆگەتكە ئوخشاپ قالغىننى ئۇ مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەنگە ھېس قىلدى .
خاتىرىدىكى ھەممىنى ئوقۇپ گاھىدا يىغلاپ ، گاھىدا كۈلۈپ كېتىۋاتقان ئەقىدەنىڭ كۆزلىرىدە بىر خىل ئىشەنمەسلىك چىقىپ تۇراتتى ، بىراق ئەمەليەت ، كۆ ئالدىدىكى ئېقى قەغەز ، قارىسى سىياھ بولغان شۇ خەتلەرنى ئۇ يادىلاۋتقاندەك شۇنچە ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇۋاتاتتى ، خۇددى ئوقۇغۇچىسىنىڭ يۈز نۇمۇرلۇق قەغىزىدىن قۇسۇر ئىزدەۋاتقان ئوقۇتقۇچىدەك ھەر بىر سۆزنى شۇنچە ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇۋاتاتتى .
‹‹ خاتىرىنى يا ئوقۇيسەن ، يا ئوقۇمايسەن ! شۇ بىر نەچچە كۈنلىك ھالىتىمنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن ، بەلكىم تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان چاخچىقى ئەنە شۇنداق بولسا كېرەك . بىراق شۇ ئېسىڭدە بولسۇن ، بۇنىڭ ھەممىنى ئۆزۈم خالاپ قىلغان ، سەندىن شۇنداق نەرسىلەرنى تەلەپ قىلدىم ، چۈنكى سېنىڭ ماڭا مەڭگۈلۈك ئۆچ بولۇشۇڭ ئۈچۈن ، سېنى يىغلاتتىم ، بۇندىن كىيىن چىرايىمغا كۈلۈپ تۇرۇپ قارىيالىشىڭ ئۈچۈن ، سەندىن ئەپۇ سورىمايمەن ، ساڭا چىن دىلىمدىن چىقىرىپ بەخىتمۇ تىلىيەلمەيمەن ، بۇ خاتىرىنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدا مەن بەلكىم بىراۋلارنىڭ تۇرمىشىغا يانداشقان ياكى بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان بولىمەن ، سەن ھامىنى بۇ خاتىرىنى ئوقۇيسەن ، شۇ ۋاقىتتا مېنى سەن قىلچىلىك چۈشەنمەيدىغىنىڭنى ھېس قىلىسەن . ››
ئەقىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ دېرىزە سىرتىغا قارىدى ، سىرىت ئاللىقاچان قارا لىباسىنى ئارتىپ ئۆز ئۇيقۇسۇنى ئۇخلاش ئۈچۈن مۈكۈنمەكتە ئىدى ، يىراقتىن يۇپۇرماقلارنىڭ شىرىلداشلىرى ، شامالنىڭ دېرىزىنى دەممۇ دەم چېكىشى ئەقىدەنى باشقا خىياللارغا سۆرىمەكتە ئىدى .


داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ .
مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، ھېكايىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى تولۇق بولغان بىلەن بېيتىدىغان مەزمۇنغا سەل كۈچگىلى سېلىۋاتىدۇ ، ھەم بۈگۈن يۈز بەرگەن بەزى ئىشلار سەۋەبلىك دىققىتىمنى تازا مەركەزلەشتۈرەلمەيۋاتىمەن ، ئەمما ھېكايىنى چوقۇم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ياققىدەك ئاخىرلاشتۇرغىچە تىرشىمەن . دوسلارنىڭ ، مېنى قوللاپ قۇۋەتلىگەن مۇنبەرداشلارغا رەھمەت ئېيىتمەن !

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 10:51:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
cubat يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 05:52 PM
تەسىرلىك ئەمما ئاساسلىق مەزمۇنى يوق. ئەسەر تېزلا تۈگەپ ...

ئاساسلىق مەزمۇنى ئەلۋەتتە بار ، شۇنداق بىر فىلىملەر بارغۇ ؟ ئاساسلىق ئارتىس كىنو تۈگەيدىغاندا چىقدىىغان ، ئالدىرىماڭ ، چوقۇم سىزنى رازى قىلغۇدەك ئاخىرلاشتۇرىمەن ھېكايىنى !

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 10:53:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 12:08 PM
مىنىڭچە ئۇدۇللۇق يولىغىنى ياخشى ، بىراقلا يوللاشقا ھ ...

كۆپ قىسىملىق كىنو كۆرگەندەك قىلىپ ھە ! ؟  ھاھاھا ، ئېلانى ئادەمنى قانچلىك بىزار قىلار دەيمەن شۇ كىنولارنىڭ ....... كېلەر قېتىم يەكەنگە بارسام ئىزدەرمەن ، مۇمكىن بولسا تىلفۇن نۇمۇرلىرىنى ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ قويسىلا ، يىڭسار تەرەپلەرگە كەلسىلىمۇ ھايت دىسىلە ، ئالدىلىرىغا چىقىپ كۈتۈۋالغۇچىلىكىمىز بولمىسمۇ يولدا قويمايمىز ئاكا !

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 10:55:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 12:03 PM
يەنە باشلاندى داۋامى بار ئەسەرلەر!! بېشىنى ئۇقۇپ بۇلۇپ ...

چوقۇم ئاخىرى چىقىدۇ ، شۇنچە تەقەززا قىلىپ يوللىسا بىر خىل پەيزى بولىدۇ دەيمەن ، ئەمما بۇ قېتىم بۇ ھېكايە راستىنلا خېلى بەك كۈچىگىلى سېلىۋاتىدۇ ! ئاخىرىنى چوقۇم سىز رازى بولغۇدەك چىقىرىشقا تىرىشىمەن ، قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت !

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 10:56:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەد يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 11:14 AM
ئەسىرىڭىزنى ئوقىماي تۇرۇپلا بىر تەكلىپ بىرەي ھە،ئەسلى ...

مېنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم بار ئىدى ، بىراق ماڭىمۇ ئازىراق بېسىم بولسا ئاندىن يازالايدىكەنمەن ، .ئۆزۈمدىكى شۇ بېسىمنى سىلەرنىڭ ئالدىرىتىشڭلار ، قوللاپ قۇۋەتلىشىڭلار ئارقىلىق ئېرىشمىسەم ، كومپىيۇتېرىمدا يېرىمىدىلا تاشلىنىپ قالدىكەن !

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 10:57:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
marhaba422 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 12:51 AM
توۋا . مەن نېمىگە يىغلاپ كەتتىم ئەمدى
   ئەسىر ...

ئاخىرى يوللاندى !

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 10:58:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەڭۋاش يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 01:01 AM
مەرھا  ئەسىرىڭىزنىڭ  ئايىغى قېنى  ،  ئەجەپ مۇ ساخلاتتىڭ ...

داۋامى يوللاندى !

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش