nazigul8 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 07:54 PM
ئاشۇ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى سۆرەتلىرى، تەكشۈرۈش جەريان ...
مەن خىمىيىدە ئوقۇغان ،تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىدىن ئازتولا خەۋەردار .يىمەك -ئىچمەكلەرنىڭ تەركىبىنى ئانالىز قىلىش ئادەتتە ئادەتتكى خمىيلىك ئانالىز قلىش ۋە ئۈسكىنىلەردە ئانالىزقىلىش دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. يمەك -ئىمەك تەركىبىدىكى سۇ مىقرارى ،قەن مىقرارى ،كسلاتا-ئىشقارلىق دەرجىسى ،ئىسپىرىت مىقراى قاتارلىقلارنى خمىيلىك دورىلارنى تەڭشەپ ،پىروبىركا ، كولبا، كسلاتا-ئىشقار تېمىتقۇچى قاتارلىق ئادەتتكى تەجرىبە سايمانلىرىغا تايىنىپلا تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. بۇنىڭدا پىشقان لابۇرانتلار بولسسلا كۇپايە ،بىراق بۇ ئۇسۇلدا تەكشۈرلۈپ چىقىدىغان تەركىپلەر سالامەتلىككە چوڭ زەرەرى يوق تەركىپلەردۇر.
يىمەكلىك-ئىچىملىك تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى ، ئامىنو كىسلاتالار ، خىمىيلىك خۇرۇچلار(چىرىشتىن ساقلىغۇچى ،ئوكسىدلىنىشتىن ساقلىغۇچى ، تەم تەڭشىگۈچى ،رەڭ كىرگۈزگۈچى قاتارلىقلار ) ھەرخىل باكتىريە -زەمبىرۇغلار ، ئېغىرزەھەرلىك مىتال ئېلمىنتلار (مىس ،ئارسىن ، تۆمۈر ،قوغۇشۇن قاتارلىقلار )،دىھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقى قاتارلىق مۇھىم سلامەتلىككە ،يىمەكلىك -ئىچمەكلىك سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىغان تەركىپ -پارامىتىلار ناھايىتى نازۇك ،ئۆلچەش ئېنىقلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئۈسكۈنىلەردەمەسىلەن : (原子吸收光谱仪,液相色谱仪,气相色谱仪,火焰光度仪,分光光度计,食品微生物实验仪器)تەكشۈرۈلىدۇ .كەچۈرۈڭلار ،ئۈگەنگەندىن تارتىپ بۇئۈسكۈنىلەر توغرىسىدا ئۇيغۇرچە ماتريال كۆرۈپ باقمىغاچقا ،ئۇيغۇرچە ئىسمىنى بىلمەيدىكەنمەن .
بۇ ئۈسكىنلەرنىڭ دۆلىتمىزدە ئىشلەنگەنلىرىنى نەچچە ئونمىڭدىن يۈزنەچچە مىڭغىچە ،ئامرىكا ،ياپوندا ئىشلەنگەنلىرىنى نەچچە يۈزمىڭ ھەتتا مىليونغا ئالىدۇ . ئىشلىتىش ئۇسۇلىمۇ خېلى مۇرەككەپ ،مەخسۇس تەربىيلەنمىسڭىز ئىشلىتەلمەيسىز.