hokumran يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 11:09 AM
تاڭنۇر ئۇكام:
شېئىرىيەت سېپىدە توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتقا ...
دۇنيادا مۇكەممەل نەرسە يوق بار بولسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىلغار پىكىرىلىك كىشىلەرنىڭ تولۇقلاپ تەكلىپ پىكىر بىرىش نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدۇ .
خېلى بولغان مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى تېما يازمىغىلى پىكىردىن يىراقلىشىپ سۇراققا يېقىنلىشىپ كەيپىياتىم تۇراقسىزلىشىپ خاتالىققا يېقىنلىشىپ كەتكەن بولىشىم مۈمكىن .
مەن ئۆزەمنىڭ نەزىرىدە ‹
مەن ئۆلەرمەن خەلىق نەزىرىدە › دىگەن تېما ئاستىدا مۇئەييەن نەتىجىگە ئىرىشتىم دەپ ئويلاپ تېمىنى يولىغان ، لىكىن يولىنىپ بولغاندا تېما ماڭا تەۋە بولمىغاچقا مۇۋاپىق تەكلىپ پىكىرنى قۇبۇلقىلىشنى لايىق تاپتىم ، چۇنكى تېما يولىنىشتىن بۇرۇن ماڭا تەۋە بولسا يولىنىپ بولغاندىن كىيىن ،كۆرۈرمەنگە تەۋە ،
تېما مەزمۇنى خەلىق نەزىرىدىن ،ھۆرمىتىدىن ئايرىلغان ئىنساننىڭ تىرىك موردىدىن پەرقى يوقلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ، ھۆكۈمران ئەپەندىنىڭ تەھرلىگىنىمۇ شۇمەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ ، دىمەك ئوخشاش مەزمۇن ئوخشىمىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولغاچقا ئەدىبىياتىمىز گۈزەلدۇر .
ئەپسۇس ھۆكۈمران ئەپەندى كۆرسەتكەن مىسالىڭىزدا ئېغىر مەسىلە بار .
ياخشىلارغا ئورا كولىسام،
يىقىلغانغا ناخشا توۋلىسام ،
قالقان بولۇپ ياۋدىن قوغدىسام ،
خائىن بولۇپ ‹‹ئۆز››نى ئوۋلىسام .
مەن ئۆلەرمەن خەلق قەلبىدە.
مەن يۈتەرمەن خەلق قەلبىدىن.
قالقان بولۇپ ياۋدىن قوغدىساق ھەرگىزمۇ خەلق قەلبىدىن يۈتمەيمىز بەلكى ھۆرمەتكە ئىرشىمىز شۇڭا ئاشۇ زىت مىسرانى مەن ئالغان بويىچە ئېلىڭ ياكى باشقىچە يېزىپ بېقىڭ ،
تەكلىپ پىكىرسىز تېما مۇكەممەلبولمىغان تېما ،