ئەلقسسە؛-پېقىر ئەزەلدىن جىمجىتلىقنى ياقتۇرمايدىغان، كۈندۈزى سرىتقا چىقىشتىن قورقمايدىغان، تاماق يىمىسەم ئۆرە تۇرالمايدىغان، كۈلكە-چاقچاققا خۇمار بىر ئىنسان بولۇپ بىر كۈنى مىسرانمىغا ئەزا بولدۇم.
قاملاشمىغان تېمىلاردىن نەچچىنى يېزىپ، كۈندە تاينى يوق ئىنكاسلارنى يوللاپ مەشەگىچە كەلدىم.
بۈگۈن يەنە قۇلۇم قىچىشىپ( قولۇم ھە)
تۇرۇپلا يادىمغا بىر تايىنى يوق تېما كەلدى، يېزىش مەندىن، تەستىقلاش باشقۇرغۇچىدىن، ئوقۇش سىلەردىن...ئەھە-ئىم.
بىر كۈنى مىسرانىمدىكى كونا بۇرادەردىن
چاپلىن ئەپەندى ئېغى يوق ئىشتىننى قىرلاپ،
نەسىرۇللا مالچىدىن ئارىيەت ئالغان تۇمىقنى كىيىپ،
ئىدىرىىس قايماقچىدىن بىر پىيالە قايماقنى نىسىگە ئىچىپ، تال چىۋىقنى ئات ئىتىپ، ئۇجۇكىنى پىلدىرلىتىپ،
تۇمۇچۇققا قاش ئېتىپ كىتىپ بارسا قىسىق كۆزىگە بىر ئەجايىپ كاتتا قۇرۇ -جاي چېلىقىپ قاپتۇلەر.
نەزمە:
تۇرادۇر بىر كاتتا جاي، ۋال-ۋال قىلۇر ئايۋان ساراي،
شەنبە-يەكشەنبە ئەجەپ زىرىكتىم، چاقىرمىسا نەگە باراي.
چاپلىن ئەپەندى تال چىۋىقىنى ئىشىك ئالدىدىكى تال سۈگەتكە باغلاپ قۇيۇپ، نەزەر سالدىلەركى بۇ سۆگەت مىۋىلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن ئىگىلىپ تۇرۇپتۇ. سارايغا يەنىمۇ ھۆسۈن قۇشۇپتۇ. ئۇ يامىشىپ ساراي بۇسۇغسىدىن چىقىپ شۇنداق نەزەر سېلىۋىدى بۇساراي بىر قىرغىزئاچقان بۇزىخانا ئىكەن. بوپتۇلا، كىرگەندىكىن بىرقانچە پىيالە ئىچەي دەپ بىر ئىچىشدە سەككىز مېتىر قېزا بىلەن 18 تاۋاق بۇزىنى ئىچىپ ، كەيپى كۆتۈرلۈپ تاماق سىڭدۈرگەچ جىڭياڭ داۋىنغا چىقىپ كېرەيچۇ دەپ قەدەم ئالدى، 16 قەۋەت ئايلانمىدىن چىقىپ بولغۇچى قۇلى تېلىپ، پۇتلىرى قىڭغىيىپ، يۈرىكى پولدۇڭلاپ پوتلىسى چۈگۈلۈپ تىلى يەرگە ساڭگىلاپ، ئاران بىر پارچە تاشقا ئۇلىشىپ ئۇيقۇغا چۈشتى. چۈشىدە
مەلەك دۇتار چالغۇدەك، كەترەن ئۇسۇل ئوينىغۇدەك....
ۋوووۋۋ!!!- قىلغان نەرە ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغانغان چاپلىن ھاپلا-شاپلا كۆزىنىڭ چاپىقنى ئېيتىپ قارىسا ئاق قاشقىلىق بىر ھەيۋەت يولۋاس، ئاھ!-
نەزمە:
مەن ئۆلەرمەن، مەن ئۆلەي...چۆلدە قويماڭلار مېنى.
********************************************
كىم بىلسۇن ئۇ پۇشقىقىدىن ئاققان نەمگە شۇنداق قارىۋىدى يەردە بىر دانە تەڭگە جىلۋە قىلىپ تۇرغىدەك.
يولۋاس نەرە تارتتى-دە چاپلىنغا سەكرىدى، چاپلىننىڭ بۇنىڭ بىلەن نىمە ئىشى، ئۇ پۇلنى ئالماق بولۇپ ئىڭىششى بىلەنلا يولۋاس ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئارتىلىپ تىك قىيادىن چۈشۈپ كېتىپ قۇربان بولدى، چاپلىن تىللاردا داستان بولغۇدەك بۇ قەھرىمانلىقلىرى بىلەن مىسرانىمدىن غايىب بولدى.
مەقسەتچۇ قاراڭلار مۇنداق ئىدى، تازا تورسىراپ مىجەزىمىز قوداڭشىپ تۇرغاندا مىسرانىم ئېچلىۋىدى نۇرغۇن تورداشلار ئەزا بولۇپ بىر مەزگىل تازا يايرىدۇق. ھازىرمىغۇ شۇنداق ياخشىغۇ، بىراق شۇ كونا بۇرادەرلەرنى سېغىنپمۇ قالدىكەنمىز دەڭلا. نەدىدۇ شۇ قېرىنداشلار!
مەنبە: تەپەككۇرى كۈچلۈك بولمىغان مەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 05:48 PM