|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان ئاكا, سىز تەۋسىيە قىلغان ماقالىنى كۆرۈپ سىلەر ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم. سىزگە ۋە بارلىق ئالىملىرىمىزغا ئاللاھتىن مەنپەئەتلىك ئلىم تىلەيمەن.
(د.ن.ئا.) ھەققىدە ئاز-تولا, چۈشەنچەم بار بولسىمۇ, بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن, بۇ قاتمال كاللامدا بىر قانچە تۈرلۈك سوئال شەكىللەندى. ۋاقتىڭىز يەتسە چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.
1. (د.ن.ئا.) تەتقىقاتى ئنسانلارنىڭ مېدىنسسىنا ئىشلىرىغا نىسبەتەن قانداق ماھىيەتلىك ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ? بەزى ماقالىلاردا دىيىلگەندەك, ئىچكى ۋە تاشقى ئەزالارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىپ ۋە كۆچۈرۈپ تاشقى كېسەللىك مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىگى بارمۇ?
2. گېن ئۆزگەرتىش ۋە تاللاش ئارقىلىق ئىرسى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش, ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ تەڭپۇڭلىغىنى ساقلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولامدۇ?
3. ناۋادا گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى غەيرى مەقسەتلەر ئۈچۈن ئشلىتىلسە ئنسانىيەتكە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ?
4. كىلون تېخنىكىسى ئارقىلىق (ت) ھۈجەيرىسىنى كىلونلاپ, ئەيدىز ئالامىتىنى كونتىرول قىلىشقا بولامدۇ.
5. يۇقۇرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئادەم مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلانى ئۇقۇغۇلى بولسا, ھەم ئاڭلاش ئقتىدارىنى ھاسىل قىلالايدىغا جىلىتكە ئارقىلىق تۇغما گاسنىمۇ ئاڭلىتالىسا, ئۇنداقتا ئادەم مېڭىسىگە سۈنئى ھالدا ئۇچۇر كىرگۈرۈش ئېھتىماللىغىمۇ بار بولامدۇ?
6. مېڭىنىڭ مەلۇم بۆلىگىنى كېسىپ ئېلىۋىتىپ, ئېلىكتىرونلۇق ئۇسكۇنىلەر سەپلەپ قويۇلسا, مېڭە پونكىسسىيىسىدە ئالدىن تۈزۈپ قويۇلغان پىروگرامما بويىچە خىزمەت قىلىش يۈزلىنىشى كۆرۈلەمدۇ?
7. بۇ مېنىڭ خۇسۇسى ئشىم ئدى, مەسلىھەت بەرسىڭىز: ئاتا-ئانامنىڭ ھەر ئككىلىسىدە يۈرەك يوغىناش كېسەللىگى بار ئدى. بۇ خىل بىمارلارنىڭ كۈتۈنۈشى ۋە داۋالىنىشى ھەققىدە مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. ئىرسىسەۋەپتىن بۇ كېسەللىكنىڭ مەندە كۆرۈلۈش ئېھتىماللىغى چوڭمۇ? نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىم كېرەك?
بىلگەجان ئاكا, بۇ مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە بىزدەك كەسىپ ئەھلى بولمىغانلار ئۈچۈن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر مەسىلىلەر ئەمەس. شۇڭا خىزمىتىڭىز مۇشۇ سەۋەپلىك تەسىرگە ئۇچرىسا كېيىنچە چۈشەندۇرۇپ قويارسىز.
ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئىمانىڭىزغا قۇۋۋەت, ئائلىڭىزگە ئەمىنلىك تىلەيمەن! سىزگە ۋە بارلىق ئالىملىرىمىزغا ئاللاھنىڭ سالامى, رەھمىتى ۋە بەرىكاتلىرى بولسۇن.
امين!
|
|