nazigul8 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 03:14 PM
شۇنىڭدا قۇياش بورىنى، يەرشارى ماگنىت مەيدانىنىڭ تەتۈر ...
بۇ سوئالىڭىزغا مەن جاۋاپ بىرەي،
ئالدى بىلەن قۇياشنى ناھايىتىمۇ چوڭ كۆيىۋاتقان ئوت شارى دىيىشكە بولىدۇ، كۆيۈش جەريانىدا ئىنىرگىيەسى ئىشىپ جۇغلىنىپ ئاخىرى ئىنتايىن كۆپ مىقداردا زەرەتلىك زەررىچىلەرنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ھادىسە قۇياشتا 11 يىلدا بىر قىتىم كۆرىلىدۇ، ھەم بۇ زەرەتلىك زەرىچىلەر سائاتىگە 3 مليون كىلومىتىر سۈرەت بىلەن ئالەمگە بوراندەك تارقىلىدۇ، مانا بۇ قۇياش بورىنى، بۇنى چۈشەنمىسىڭىز بۇنى قۇياشنىڭ قاتتىق چۈشكىرىشى دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ،
قۇياش بورىنىنڭ تەركىۋى ئاساسەن گامما نۇرى، ئىنفىرا قىزىل نۇر، ئېكىس نۇرى، ئولترا بىنەپشە نۇر قاتارلىق يۇقۇرى ھارارەتلىك رادىياتسىيەلىك نۇرلار، لىكىن قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى 149 مىليون يىل، سىز ھىساپلاپ بىقىڭ يەر شارىغا 50 سائەت ئەتراپىدا يىتىپ كىلەمدىكەن، بۇ جەرياندا 99% دىگىدەك ئاجىزلاپ خوراپ كىتىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا يەر شارى ئوتقا چۈشكەن سۈۋەرەكتەك پىششىدە كۆيۈپ تۈگەيتى.
يەنە بىر سەۋەپ يەر شارىنىڭ ئۆزىدە يەر شارىنى ئوراپ تۇرغان كۈچلۈك ماگنىت مەيدانىنىڭ بولغانلىغىدا، بايا قۇياش بورىنىنى زەرەتلىك زەرىچە دىدۇق، يەر شارى ماگنىت مەيدانىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىلىكتىر مەيدانى ، بۇ يەردە يەر شارىغا يىتىپ كەلگەن قۇياش بورىنىنىڭ زەرەتلىك ياكى ئىلىكترونلۇق زەرىچىلىرى بىلەن سوقۇشۇپ نىتراللىشىش كۆرۈلۈپ قۇياش بورىنىنىڭ يەر شارىغا يىتىپ كىلىدىغان زىيان زەخمىتى تىخىمۇ كۆپ ئازلايدۇ، خۇددى قىززىق سۇغا سوغۇق سۇنى قۇيسا ئىلمان سۇ بولغاندەك. ياكىيەرشارىنى ئوراپ تۇرغان يەر شارى ماگنىت مەيدانى بىزنى يەر شارىنى قۇياش بورىنىنىڭ زىيىنىدىن ساقلاپ تۇرىدىغان بىر قالقان،
قۇياش بورىنىنىڭ زىيىنى قانداق، قۇياش بورىنى بەك كۈچلۈك كىلىپ ياكى يەر شارى ماگنىت مەيدانى ئاجىزلاپ ياكى يوقۇلۇپ قۇياش بورىنىنىڭ تەسىرى روشەنلەشكەندە قانداق ھادىسە كۆرىلىدۇ؟ باشتا قۇياش بورىنىدىكى كۈچلۈك زەرەت ياكى تۇراقسىز توك ئىقىمى بىئەنياچى (ترانسىفورماتور) لارنى كۆيدۈرۋىتىدۇ توك توختاپ ھەممە جاي قاراڭغۇلىشىپ كىتىدۇ، بىزنىڭ قورانىڭ ترانسىفورماتورى كۆيۈپ كىتىپتىكەن، 90 مىڭ كويغا ئاپتىكەن دەڭە، ئىككى كۈن توك توختىدى ئالماشتۇرغىچە، مەن بۇ قۇياش بورىنىنىڭ تەسىرىدە كۆيۈپ كەتتى دىسەم خوشنىلا ھىجارىشىپ كەتتى، توۋا ما بالىغا نىم بولغاندۇ دەپ ياقىسىنى تۇتقانلار بار
يەنە بىر زىيان، قۇياش بورىنىدىكى بايا دىگەن يۇقۇرى ھارارەتلىك رادىياتسىيەلىك نۇرلار ئادەمنى چايان چاققاندەك كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، تەسەۋۋۇر قىلماق تەس،رادىيارسىيە بولسا تىرە راكى قاتارلىق تۈرلۈك راك كىسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
يەنە بىر زىيىنى ئادەتتەيەرشارى ماگنىت ئىلىكتىرون مەيدانىغا تايىنىپ ئىلىپ بىرىلىدىغان ئالاقىلىشىش ئىشلىرى پۇتۇنلەي توختايدۇ، سۈننى ھەمرا، تور ، تىلفۇن خەۋەرلىشىش ھەممىسى ۋەيران بولىدۇ، ھەتتا ماشىنىنىمۇ ئوت ئالدۇرغىلى بولمايدۇ،
يەر شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ تەتۈر ئايلىنىشىغا كەلسەك بۇ خىل ھادىسە بىرە مىليون يىللىدا بىر يۈز بىرىدىغان ۋەقە، ئەلۋەتتە بىز ئالدىنقى قىتىم يۈز بەرگەندە يەر شارىدا نىمە ئىشلار بولغانلىغىنى بىز بىلمەيمىز چۈنكى بىر مىليون يىل بۇرۇن يەر شارىدا ئەقلى ئادەملەر توپى شەكىللەنمىگەن، لىكىن پەرەز قىلىشقا بولىدىكى يەر شارى ماگنىت مەيدانى قۇتۇپ ئالمىشىش جەريانىدا ماگنىت مەيدان كۈچىنىڭ نۆلگە تەڭ بولۇش باسقۇچىنى باشتىن ئۆتكۈزمەي قالمايدۇ، ئالمىشىۋالغىچە ھە،
خوش، يەر شارى ماگنىت مەيدانى زور دەرىجىدە خوراپ كەتكەن، ياكى نۆلگە تەڭ بولغان باسقۇچلىدا قۇياش بورىنى يەر شارىنى خالىغانچە بوزەك قىلىشى، ياكى يەر يۈزىگە توسالغۇسىز يىتىپ كىلىپ تەسىرى بەك چوڭ بولغان بولىشى مۇمكىم، مەنچە ئۇ چاغلىدا يەر شارى ئوڭتەي توڭتەي بولۇپ كىلىمات قالايمىقانلىشىپ، ھەتتا ئوتاندەك كۆيۇپ نۇرغۇن جانلىقلىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بولىشى ئىنىق، لىكىن پۈتۈنلەي قۇرۇپ كىتەلمىگەن ، بولمىسا ھاياتلىق بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلىشىپ كىلەلمەيتى
ئەمدى سىزگە بىر نەرسىنى سوراي ھە، ئوتتۇرا ھايات ئىراسىنىڭ يورا دەۋرىدە تازا گۈللەپ ياشناپ يەر شارىنىڭ غوجىسى بولغان دىنازاۋورلار 150 مىليون يىللار ئىلگىرى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن، سىزنىڭچە بۇنىڭغىمۇ قۇياش بورىنى بىلەن يەر شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ تەتۈر ئايلىنىشى ياكى ئاجىزلىشىشى قوشۇلۇپ كىلىپ سەۋەپ بولغان دەپ چۈشۈنۈشكە بولامدۇ
يەر شارى جانلىقلار تارىخىدىكى نۇرغۇن قىتىملىق نەسلى قۇرۇش، دىندىكى نۇرغۇن قىتىملىق توپان بالاسى دىگەنلەرنى چۈشەنگەندەك بولدىڭىزمۇ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaro تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-31 02:30 AM