C تىلى بارلىققا كىلىشىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى
c تىلى بولسا خەلقئارادا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك كومپىيۇتېر تىلى بولۇپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سىستېما يۇمشاق دىتالى(مەشغۇلات سىستىمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يىزىشقىمۇ، قوللىنىشچان دىتاللارنى يىزىشقىمۇ بولىدۇ.
ئەڭ دەسلەپكى مەشغۇلات سىستېمىلىرى(مەسلەن : Unix مەشغۇلات سىستىمىسى) ئاساسلىق ئەسسىمبىل تىلى بىلەن يىزىلىپ چىقىلغان ئىدى. ئەسسىمبىل تىلى كومپيۇتېر قاتتىق دىتالىغا تايانغانلىقتىن،ئەسسىمبىل تىلىدىن پايدىلىنىپ يىزىلغان پىروگىراممىلارنىڭ ئوقۇلۇشچانلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقى تۈۋەن بولغان . شۇنىڭ بىلەن سىستېما يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ ئوقۇلۇشچانلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەسسىمبىل تىلى ئورنىغا يۇقىرى دەرىجىلىك تىل ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەن. بىراق ئادەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تىلدا ئەسسىمبىل تىلىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان (ئەسسىمبىل تىلى كومپيۇتېر قاتتىق دىتال قىسىمىغا بىۋاستە مەشغۇلات ئىلىپ بارالايدۇ،مەسلەن: ئىچكى ساقلىغۇچ ئادىرىسىغا بىۋاستە مەشغۇلات ئىلىپ بىرىش ، بىتلىق مەشغۇلات. . . . . )شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر مۇشۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئادەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تىل بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك تىلنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇجەسسەملىگەن بىر تىلنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تەلپۈنگەن، C تىلى مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن.
C تىلى بولسا B تىلى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان بولۇپ ئۇنىڭ دەسلەپكى يىلتىزىنى ALGOL 60 دىيىشكىمۇ بولىدۇ . 1960-يىلى بارلىققا كەلگەن ALGOL 60 بولسا مەسىلىگە يۈزلەنگەن يۇقىرى دەرىجىلىك تىل بولۇپ ، قاتتىق دىتال بىلەن بولغان ماسلىشىشچانلىقى ياخشى ئەمەس ئىدى ، شۇ سەۋەبتىن ئۇ سىستىما دىتاللىرىنى يىزىشقا ماس كەلمىدى . 1963-يىلى ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنۋىرسىتىتى Combined Programming Language دەيدىغان بىر تىلنى تەتقىق قىلىپ چىقتى ھەم ئۇنى قىسقارتىپ CPL دەپ ئاتىدى .
CPL تىلى ALGOL 60 ئاساسىدا قاتتىق دىتالغا بىرقەدەر يېقىنلاشقان بولسىمۇ ، كۆلىمى بەك چوڭ بولغانلىقتىن ، ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرۇش تەسكە توختىدى. 1967 -يىلى ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنۋىرسىتىتىدىن (Martin Rechards)مارتىن CPL تىلىغا ئاددىيلاشتۇرۇپ BCPL تىلىنى (Basic Combined Programming Language) نى بارلىققا كەلتۈردى.
1970-يىلىغا كەلگەندە ئامرىكا بېل تەجرىبىخانىسى(Bell Labs) دىن Ken Thompson ئەپەندى BCPL تىلى ئاساسىدا يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ،تىخىمۇ ئاددىي بولغان شۇنداقلا قاتتىق دىتال بىلەن ماسلىشىشچانلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان BCPL تىلىنى بارلىققان كەلتۈرۇپ BCPL نىڭ باش ھەرىپى B بىلەن قىسقارتىپ B تىلى دەپ ئاتىدى .
شۇنداقلا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تۇنجى Unix مەشغۇلات سىستىمىسىنى تۈزۈپ چىقىپ ،كىچىك تىپتىكى PDP7 دا سىناپ مۇۋاپىقىيەت قازاندى . 1971-يىلىغا كەلگەندە PDP11/20 تىپلىق ماشىنىلاردا ئىشلىتىش رىئاللىققا ئايلاندى، شۇنداقلا ماس بولغان Unix مەشغۇلات سىستېمىسىى تۈزۈپ چىقىلدى . بۇ ۋاقىتتا B تىلى بەكلا ئاددىي بولۇپ ، ئىقتىدار جەھەتتىن نۇرغۇن چەكلىمىلەرگە ئۇچرايتتى . 1972-1973غىچە بولغان ۋاقىتتا بېل تەجرىبىخانىسدىن D.M.Ritchie ئەپەندىB تىلى ئاساسىدا C تىلىنى لاھىيلەپ چىقىپ BCPL نىڭ ئىككىنجى ھەرىپى بىلەن C تىلى دەپ ئاتىدى. C تىلى BCPL ۋە B تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇجەسسەملىگەن ئاساستا باشقا يىتەرسىزلىكىنىمۇ (ئىخچام بولۇش،سانلىق مەلۇمات تىپى . . . ) تولۇقلىدى. دەسلەپكى C تىلى پەقەت Unix سىستېمىسىنىڭ خىزمەت قۇرالى سۈپىتىدە لاھىيەلەنگەن ئىدى . 1973يىلى Ken Thompson بىلەن D.M.Ritchie نىڭ ھەمكارلىقىدا Unix نىڭ 5-نەشىرىنىڭ %90 كۆپ قىسمىنى C تىلى ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ چىقتى .(ئەڭ دەسلەپكى Unix سىتېمىسى 1969 - يىلى ئامرىكا بېل تەجرىبىخانىسىدا ئەسسىمبىل تىلى بىلەن يېزىپ چىقىلغان.)
D.M.Ritchie
[align=justify]كىيىن C تىلىغا قارىتا نۇرغۇن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ يەنىلا بېل تەجرىبىخانىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىلا ئىشلىتىلدى .1975-يىلى Unix نڭى 6-نەشرى ئېلان قىلىنغاندا ، C تىلىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئاندىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى .1977-يىلىغا كەلگەندە «يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان C تىلى تەرجىمانى » بارلىقققا كەلدى . شۇنىڭ بىلەن C تىلىنى باشقا ماشىنىلارغا يۆتكەشتە ئىشلىنىدىغان خىزمەت مىقدارى زور دەرىجىدە ئازايدى ، شۇنداقلا زور دەرىجىدە ئاددىيلاشتى . بۇ ھال C تىلىنىڭ باشقا ماشىنىلاردا ئەمىلىيلىشىنى بىۋاستە ھالدا ئىلگىرى سۈردى . VAX , AT&A قاتارلىق كومپيۇتېرلاردا Unix ئەمىلىيلەشتى . Unix بىلەن C تىلى قېرىنداشلارغا ئوخشاش بىرلىكتە تەرەققىي قىلدى . 1978-يىلىدىن كىيىن ، C تىلى چوڭ ، ئوتتۇرا ، كىچىك ، مىكروتىپلىق كومپيۇتېرلاردا ئەمىلىيلەشتى . بۇ C تىلىنىڭ Unix ۋە PDP دىن ئايرىلىپ چىقىپ ، مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىدى . قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە C تىلى ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىپ ، دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان كومپيۇتېر تىلى بولۇپ قالدى.
1977-يىلىغا كەلگەندە قاتتىق دىتالغا تاينىۋالمايدىغان «يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان C تىلى تەرجىمانى » بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن C تىلىنى باشقا ماشىنىلارغا يۆتكەشتە ئىشلىنىدىغان خىزمەت مىقدارى زور دەرىجىدە ئازىيىپ تىخىمۇ ئاددىيلاشتى . بۇ Unix مەشغۇلات سىستىمىلىرىنىڭ تىز سۈرەتتە ئوموملىشىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى .
VAX , AT&A قاتارلىق تىللاردىمۇ Unix نى ئىچىشقا باشلىدى (VAX , AT&A لارمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى يادروسى C بولغان پروگراممام لايىھىلەش قۇرالى ) ،Unix مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ كۈنسايىن ئوموملىشىشىغا ئەگىشىپ C تىلىمۇ تىز سۈرەتتە ئالقىشقا ئىرىشتى .
1978-يىلى ئېلان قىلىنغان Unix نىڭ 7-نەشرى ئېلان قىلىنىپ ئۇنىڭ C تىلى تەھرىر-تەرجىمە پىروگراممىسىدا D.M.Ritchie بىلەن B.W.Kernighan ھەمكارلىقىدا (K&R) يىزىلغان كىتاب «The C Programming Language »زور تەسىرلەرنى قوزغىدى. بۇ كىتاپ كىيىنكى C تىلىنىڭ ئاساسى قىلىنىپ ، C تىلىنىڭ ئۆلچىمى دەپ ئاتالدى .
1983-يىلى (ANSI) ئامرىكا خەلىئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى ANSI C نى C تىلىنىڭ رەسمىي ئۆلچىمى قىلىپ بىكىتپ چىقتى. ANSI C ئىلگىرىكى C دىن نۇرغۇن تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى.1988-يىلىغا كەلگەندە K&R لار ANSI C نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، The C Programming Language نى ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىقتى .
1994-يىلى خەلقئارا ئۆلچەملەشتۇرۇش تەشكىلاتى قايتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ISO C نى تۈزۈپ چىقتى .
ئىلگىرى ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان C تىلى تەرجىمە - تەھرىر سىستىمىلىرىدا ANSI C ئۆلچىمىدە ئىچىش ئىلىپ بىرىلاتتى ، بىراق ئوخشاش بولمىغان نەشىردىكى ، ئوخشاش بولمىغان نۇسخىدىكى C تەرجىمە - تەھرىر سىستىمىلىرى ئىگە بولىدىغان ئىقتىدار ، تىل ئىشلىتىلىشىدىكى پەرقى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئىشلەتكۈچى چوقۇم ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان C نىڭ ئىقتىدار ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق چۈشۈنىشى زۆرۈر.
نۆۋەتتە C نىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان نەشىرلىرىدىن بىر قانچىلىرى بار .
Microsoft C قىسقارتىلىپ MS C
Borland Turbo C قىسقارتىلىپ Turbo C
AT&T C
يۇقارقى ھەرخىل نەشىردىكى C لارنىڭ ھەممىسى ANSI C نى ئاساس قىلىپلا قالماي يەنە نۇرغۇنلىغان كىڭەيتىلگەن ئىقتىدارلىرى بولۇپ ئىشلىتىشكە تولىمۇ قولايلىق.
1983 - يىلى ئامرىكا بېل تەجىرىبىخانىسىدىكى Bjarne Strou-strup ئەپەندىم C تىلى ئاساسىدا ئوبىيىكىتقا يۈزلەنگەن پروگرامما تۈزۈش تىلى ++C نى بارلىققا كەلتۈردى.++C بولسا ئىلگىرىكى C تىلىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى .
++C نىڭ ھازىر كۆپ ئىشلىتىلىدىغان نۇسخىلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بار .
Microsoft شىركىتىنىڭ Visual ++C
Borland شىركىتىنىڭ Borland ++C
Symantec شىركىتىنىڭ Symantec ++C
C تىلى بىلەن ++C يەنە بىر قىسىم ئوخشىماسلىقلارغا ئىگە.
C تىلى بولسا ++C نىڭ ئاساسىي ، C تىلى بىلەن ++C بىر - بىرىگە بەكمۇ ماسلىشىشىدۇ، ++C ئۈگەنگۈچىلەر ئالدى بىلەن C نى ئىگىلەپ ئاندىن ++C غا تۇتۇش قىلسا ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ . (ھەر قايسىلىنىڭ ئۆز ئالدىغا يىتەرىسزلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى بولۇپ ++C نى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن C دىن خەۋىرى بولمىسىمۇ بولىدۇ ، بىراق ئۈگۈنۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىدۇ )
C تىلى بولسا قۇرۇلمىلاشقان تىل ++C بولسا ئوبىيىكىتقا يۈزلەنگەن تىل، ++Cنىڭ ئىقتداىرى Cنىڭ ئىقتىدارىدىن خىل بەك يۇقىرى .
C داتۈزگەن پروگرامما كودلىرى ++C دا نورمال ئىجرا بولىدۇ بىراق ++C دا يىزىلغان پروگراممىلارنى C مۇھىتىدا ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ .
مەنبە :تور دۇنياسى (تەرجىمە ماتېريال)