ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىسرانىم تورىنىڭ قۇرۇلغان 7 يىللىق قۇتلۇق كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، مىسرانىم تورىدىكى دوستلار ئىچىدىمۇ ئالما تېلفۇنىغا قىززىقىدىغان دوستلار بار دەپ قارايمەن شۇ ۋەجىدىن بۇ تېمىنى ئېلىپ كەلدىم.
بۈگۈن سىلەرگە تونۇشتۇردىغان قىستۇرما Eclipse، يەنى تېلىفۇننى كېچىلىك ھالەتكە (夜间模式 )كىرگۈزىدىغان قىستۇرما.
بۇ قىستۇرمىنى قاچىلىغاندىن كېيىن تېلىفۇننى كېچىلىك ھالەت (يەنى قارا ھالەت) كە كىرىش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز، بۇنداق بولغاندا تۆۋەندىكى مەقسەتكە يىتەلەيسىز:
1. يۇرۇق ھالەتتىن قارا ھالەتكە يۆتكىگەندە كۈچلۈك يۇرۇق نۇرنىڭ كۆزىڭىزنى زەھەرلەشنى ئازايتالايسىز، يۇرۇق نۇرغا كىچىسى تىكىلىپ ئولتۇرغاندىكى زىيىنىنى دىمىسەممۇ سىلەر ئۇبدان بىلىسىلەر.
2. توك تىجەش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز.
3. قارا ئۇسلۇبمۇ گۈزەلدە پات- پات ئىشلىتىپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق، ئەڭ مۇھىمى سالامەتلىككە زىيىنىنى ئازايتىش مەقسىتى مىنى بەك قايىل قىلدى.
قىستۇرمىنى BigBoss مەنبەسىدىن ئىزدەڭ( ئادەتتە بۇ مەنبە تۈرمىدىن قاچقاندا ئۆزى تەمىنلەنگەن بۇلىدۇ شۇڭا مەنبە قۇشۇش بىھاجەت) .
كېچىلىك ھالەتكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئۈنۈم رەسىم.
مەنبە: ئەندىزە يانفۇن تورى www.andiza.cn
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا wayima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-30 10:42 PM