hokumran يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 12:02 AM
راست دەيسىز. ئەمما مۇشۇ يازمىنى ھەقىقەتەن ئۈچۈرۋېتىش ...
ھوكۇمران ئەپەندىم... ھەقىقەتەن توەرا دەيسىز قوللايمەن...
مۇشۇ چىرىكلىشىش توغرىسىدا دولھېچكىممۇ بۈگۈنكى جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىشىش ئەھۋالى ۋە ھەرقاسيى ساھەلەرنىڭ چىرىشلىىش ئەھۋالىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى يەنىلا خەلق ئاممىسى ئاغزىدىن ئاڭلاپ كۆرەيلى.
يۈزمىڭ يۈنلىك چىرىكلىك چوڭ دىلو، مىليون يۈەنلىك چىرىكلىك زور دىلو، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلمىغان تەقدىردىمۇ مۇدەتتسىز كىسىۋېتىش كىرەك،بۈگۈنكى كۈنگىچە چىرىكلىك دىلولىرىدا پۇل سانى ئاللىقاچان مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، ھەتتا يۈز مىليونلۇق، مىلياردلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى.
مەسلەن: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى جۇڭگو بانكىسىنىڭ تارماق بانكىسىنىڭ سابىق بانكا باشلىقى يۈ جېن دوڭ 4 مىليارد خىيانەت قىلغان. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭشەن شەھىرى ئوقەتچىلىك تەرەققىيات شىركىتىنىڭ سابىق مەسئۇلى چېن مەنشىيوڭ 420 مىليون خىيانەت قىلغان. چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ زوخەي 200 مىليون خىيانەت قىلغان. خۇبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ شىياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ سابىق مۇدىرى جىن جىيەنپېي 188مىليون خىيانەت قىلغان . يۈننەن قىزىل مۇنار گوروھىنىڭ سابىق لىدىرى شۈ شىجىيەن 180 مىليون خىيانەت قىلغان.شىيامېن تاموژنىسىنىڭ سابىق باشلىقى ياڭ چىيەنشىيەن 160 مىليون خىيانەت قىلغان. بۇ يىل تورغا چۈشكەن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سابىق قوماندانى ۋاڭ شوۋيې 160 مىليون خىيانەت قىلغان. شاڭخەي شەھەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ جۈنيى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوندىدىن 320 مىليوننى خىيانەت قىلغان.
1. گوروھلىشىش
جۇڭگودىكى چىرىكلىك دىلولىرىدا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىغىچە مۇتلەق كۆپ قىسىمى، يالغۇز ئات چاپتۇرۇش، بىر ئادەم بىر دىلو بولغان بولۇپ ، ئۇ ۋاقىتلاردىكى چىرىك ئۇنسۇرلار ئاشلىق ساڭغا يوشۇرۇنغان چاشقاندەك ئىزدىرەكسىز توشۇيدىغان نەرسىسى نەرسىسى چاغلىقلا ئىدى ھەم چىرىك ئۇنسۇرلارمۇ كۆپ ئەمەس بولۇپ، خىيانەتچىلىك دىلوسى كۆپ يۈز بەرمىگەن.
90- يىللاردىن كىيىن، چىرىك ئۇنسۇرلار گوروھلاشقان، ئۇلار ھەركەت قىلغاندا « ئون ئادەمنىڭ يەتتە- سەككىزى قورال ئېلىپ ماڭغان»، چىرىك ئۇنسۇرلار گوروھى ئون نەچچە كىشلىك، ھەتتا نەچچە يۈز كىشلىك چوڭ گوروھلارغا تەرەققىي قىلىپ كۆلەملەشكەن، گوروھلاشقان، نازارەت-بۆلۈملەشكەن.
2001-يىلى شىيامېندىكى چىرىكلىك دىلوسىدا، دىلوغا چېتىشلىق چىرىك ئۇنسۇرلاردىن شەھەرلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، دائىمىي كومىتىتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۆلكىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتىنىڭ باشلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يەنە ئارمىيە ،ھۆكىمەت ، ساقچى ،تاموژنا خادىملىرى بولۇپ چېتىلغان ئادەم 200 دىن ئېشىپ كەتكەن. 2004-يىلى 4-ئايدىكى، خېيلۇڭجىياڭ سۈيخۇا شەھىرىدىكى شەھەرلىك پارتىكومنىڭ شۈجىسى مادېنىڭ ئەمەل سېتىۋېلىش ۋە ئەمەل سېتىش دىلوسىدا، شۇ شەھەرگە بىۋاستە قاراشلىق ئون ناھيەدىكى يېرىمدىن ئارتۇق بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرى كادىرلاردىن بولۇپ جەمئىي 260 ئادەم بۇ دىلوغا چېتىلغان.
2004-2005- يىدىكى ئەنخۇي فۇياڭ شەھىرى يىڭشاڭ ناھيەسىنىڭ پارتىكوم شۈجىسىنىڭ خىيانەتچىلىك دىلوسىدا، جەمئىي 200 ئادەم ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. بۇدىلودا 2نەپىرى ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەر، 8نەپىرى شەھەرلىك پارتىكوم رەھبىرى،11 نەپىرى نازىر دەرىجىلىك رەھبەر بولغان.
2. چىرىكلىكنىڭ بۆلۈملىشىشى
چىرىكلىشىشنىڭ گوروھلىشىشىنىڭ رياونلارغا ئايرىلىشى مەلۇم ئۆلكە شەھەرلىك كومىتىت ياكى مەلۇم ناھيىلىك كومىتتىنىڭ چىرىكلىشىشى بولۇپ، ئاساسلىقى پارتىيە سېستىمىسىنىڭ چىرىكلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگودا ئەزەلدىن پارتىيە سىياسىتى ئايرىلمىغان، پارتىيە ئىچىدىكى رەھبىرى كادىرلار خىيانەتچىلىك قىلسىمۇ، ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغىنى چىرىكلىك گوروھى ئىچىدىكى مەلۇم پارتىكوم ياكى بۆلۈمنى كۆرسىتىدۇ.
جۇڭگو جەمىيىتىدىكى بارلىق ساھە- بۆلۈملەر ئىچىدە، قاتناش بۆلۈملىرىنىڭ چىرىكلىشىشى ئەڭ ئېغىر. پۈتۈن مەملىكەتتە قاتناش نازارىتىنىڭ نازىرىنىڭ چىرىكلىشى دىلوسى ئەڭ كۆپ بولغان بولۇپ ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 97- يىلدىن ھازىرغىچە جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ قاتناش نازىرى جاڭ جۈنيۈەن، سىچۈن ئۆلكىسىنىڭ قاتناش نازىرى لىيۇ جۇڭشەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قاتناش نازىرى نىيۇ خېئېن، گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ قاتناش نازىرى لۇ ۋەنلى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن قاتناش نازىرى پۇ فۇشىياڭ، خېيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن قاتناش نازىرى ۋاڭ لىزى قاتارلىق 20 گە يېقىن قاتناش نازىرى، مۇئاۋىن قاتناش نازىرى چىرىكلىشىش سەۋەبىدىن ئاتتىن يىقىلغان . جۇڭگو جەمىيىتىدىكى ناھيە دەرىجىلىك قاتناش ئىدارىلىرىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ چىرىكلىشىش دىلولىرىنى سناپ تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدۇ.
2002- يىلى ئەنخۈينىڭ قاتناش نازىرى 23 تۈرلۈك «ھۆكۈمەت قالپىقى» ساتقان. 75 قېتىم «ھۆكۈمەت قالپىقى»دا 900 مىڭ يۈەن يىغقان. بۇ يىل ئاتتىن چۈشكەن خۇنەن چېنجو شەھىرىدىكى لىيۇ چىڭجىياڭ بىر تۇققىنى بولغان شەھەرلىك پارتىكوم شۈجىسى لى دالۈندىن بىر مىليون يۈەنگە تەشكىلات بۆلۈم باشلىقلىق ھۆكۈمەت قالپىقىنى سېتىۋالغاندىن كىيىن، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 20 مىليون يۈەن خىيانەت قىلغان.
ئەڭ ۋەھشىي قەبىھ بولغىنى شەنشى چاڭجى ناھيىسىنىڭ پارتىكوم شۈجىسى ۋاڭ خۇلىن بولۇپ، ئۇ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى «ھۆكۈمەت قالپىقى»نى پارچە سېتىش دۇكىنى ئېچىشتىن توپ سېتىش دۇكىنىغا ئۆزگەرتكەن بولۇپ، ئىككى ئاي ئىچىدە، « ھۆكۈمەت قالپىقى» دىن 432 خىل « قالپاق» سېتىپ چىقارغان. ناھيەلىك پارتىكومدا پەقەت ئالتە ماشىنىستدىن باشقا بارلىق خىزمەتچى خادىملار ئەمەلدار بولۇپ كەتكەن. بەزى بوغالتىرلار سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بەزى شوپۇرلار پارتىكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىگەنكدەك « ھۆكۈمەت قالپىقى»نى سېتىۋالغان.
3. بازارلىشىش
چىرىكلىكنىڭ بازارلىشىشى بۇ جۇڭگودىكى سودا بوشلۇقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەكىسچە «ھۆكىمەت قالپىقى» ئاستىدىكى سودىنى كۆرسىتىدۇ.
چىرىكلىشىشنىڭ بازارلىشىشىدا ئەڭ ۋەھشىي ئېغىر بولغىنى خۇنەن چېنجو شەھىرىدىكى شەھەرلىك پارتىكوم شۈجىسى لى دالۈننىڭ« ھۆكۈمەت قالپىقى» نى سېتىش دىلوسى بولغان.
بىز شەھەرلىك پارتىكوم شۈجىسى لى دالۈن، مۇئاۋىن شۈجى زوڭ جىياۋۇ ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتى شۈجىسى زېڭ جىنچۈن ئۈچىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئاچقان« ھۆكۈمەت قالپىقى سېتىش دۇكىنى»دىكى قالپاقلارنىڭ باھاسىنى كۆرۈپ باقايلى.
«ناھيەلىك پارتىكوم شۈجىسى قالپىقى»-2مىليون، «مۇئاۋىن پاتىكوم شۈجىسى قالپىقى»- 600مىڭ، «ھاكىم قالپىقى» 1 مىليون 200 مىڭ، « مۇئاۋىن ھاكىم قالپىقى»- 500 مىڭ، «ناھيەلىك سىياسىي قانۇن كومىتىتى شۈجىسى قالپىقى»- 600 مىڭ، «ناھيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتى قالپىقى»-500مىڭ، «ناھيەلىك دائىم كومىتىت شۈجىسى قالپىقى»-400مىڭ، «ناھيەلىك ج خ باشلىقى قالپىقى»- 1 مىليون 500مىڭ، « شىمالىي كۆل رايونى سۇشەن رايونى مۇئاۋىن شۈجىسى قالپىقى»- 600مىڭ، « **رايون باشلىقى قالپىقى ىر مىليون، « مۇئاۋىن رايون باشلىقى قالپىقى»- 40مىڭ، « چېنجو شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى باشلىقى قالپىقى»-2 مىليون، «شەھەرلىك سىياسى قانۇن كومىتىتى شۈجىسى قالپىقى»- 2 مىليون، «شەھەرلىك ھەرقايسى ئىدارە=ئورگانلارنىڭ باشلىقى قالپىقى »-500 مىڭ.
«ھۆكۈمەت قالپىقى توپ سېتىش دۇكىنى»نىڭ كىرىمىنىڭ ئايرىلىش ئەھۋالى چېنجو شەھەرلىك پارتىكوم شۈجىسى لى دالۈن 50%، مۇئاۋىن پارتىكوم شۈجىسى زوڭ جىياۋي 20%، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتىتى شۈجىسى زېڭ جىنچۈن 30% پايدىنى ئايرىشقان.
4. چىرىكلىكنىڭ قارا گوروھلىشىشى
چىرىكلىكنىڭ قارا گوروھلىشىشى بولسا ئەدىلىيە سېستىمىسىنىڭ قارا گوروھلىشىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەدىلىيە سېستىمىسىدىكى خادىملار چىرىكلىشى ئەھۋاللىرىغا قارىتا قارا جەمىيەت قوغدىغۇچىلىرىدەك قوغدىغۇچى بولغان.
چىڭدۇ شەھىرى ۋوگزال ساقچىخانىسىدىكى 150 ساقچىنىڭ 3\1 دىن ئارتۇقى ئوغرىلاردىن «كۈندىلىك قوغداش ھەققى» ۋە « بازارغا كىرىش ھەققى » يىغقان.
خېيلوڭجىياڭ چىتەي خې شەھىرىدە قارا جەمىيەت كاتتىۋېشى ج خ خادىملىرى بىلەن بىرلىشىپ قىمارخانا ئاچقان.
جىنېڭ شەھىرىدە ج خ ئىدارىسى چوڭ ئەتىرىتى پاھىشخانىدىكىلەرگە پاشىخانىغا كىرگۈچىلەرنى دوكىلات قىلسا ، دوكىلات قىلغان ھەربىر ئادەم ئۈچۈن 500 يۈەن مۇكاپات تارقاتقان، ئۇلارنىڭ مەقسىتى پاھىشخانىغا كىرگەنلەرنى تۇتۇش بولۇپ، كىرگۈچىدىن كىشى بېشىغا 5000 يۈەن جەرىمانە ئالغان، 2004- يىلى بىر قېتىمدا بىر ئەمەلدارنى تۇتىۋېلىپ 200مىڭ، 2005- يىلى بىر قېتىمدا 500 مىڭ ئۈندۈرىۋالغان.
باشلان تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! :
www.Baxlan.com
... مەنبە؛
http://www.baxlan.cn/article/html/hawar_13451.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا guzal~yurtum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-2 02:34 PM