ARAL52 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 03:03 PM
چوڭيىپ قالغان بالا دىگەنگە ئۆلچەم نىمە ئىكەن ؟ ..قانچە ...
قورساقتىكى بالا 6 ئايلىققا توشقان بولسىلا ، پىلانلىق تۇغۇت ئورۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىشىگە بولمايدىكەن ، 2 يىل بوپ قالاي دىدىغۇ دەيمەن ، ئىچكىرىدە سىچۈەندىمىكىن يادىمدا قالماپتۇ ، بىر ئايالنىڭ قورسىقىدىكى بالىسى تۇغۇلاي دىگەندە ، پىلاندىن سىرت بالىكەن دەپ ، دوختۇرخانىغا مەجبۇرى ئاپىرىپ ئالدۇرۇۋېتىپتۇ ، بۇ ئىش تورغا چىققاندىن كىيىن بەك غۇلغۇلا قوزغىلىپ كەتتى ، شۇنىڭدىن كىيىن ، قورساقتىكى بالا 6 ئايلىققا توشسىلا مەجبۇرىي چۈشۈرىۋېتىشكە بولمايدۇ دەپ گەپ چىقتى ، بۇ ئىش ئىچكىرىدە بولغان بىلەن ، بىزنىڭ شىنجاڭدا بولامدۇ ئەمەلگە ئاشامدۇ ئاشمامدۇ بىرنىمە دىمەك تەس ، ئەمما پۇلىڭىز بولسا ، پىلانلىق تۇغۇت ئورۇنلىرىنىڭ قويغان جەرىمانىسىنى تۆلىسىڭىزلا تۇغالايدىكەنسىز ، ئىشقىپ مەركەزنىڭ پۇخرالارغا قاراتقان سىياسىتى بەك ياخشى ، ئەمما بۇ ياخشى سىياسەتلەر شىنجاڭغا كەلگىچە بەك ھالسىراپ كېتەمدۇ شىنجاڭغا كېلەلمەيۋاتىدۇ ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىر گىپى باغۇ ، يەرلىكنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ئاساسەن دەپ خەقنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدىغان .....................