xarari يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 10:39 PM
شىنجاڭدا مىللىي بانكا يەنى شىنجاڭ بانكىسى قۇرغۇچى كار ...
كەچۈرۈڭ،مىللى بانكا«شىنجاڭ بانكىسى»نى قۇرغۇسى كارخانىلار دەپسىز،بۇنىڭ ئىنىق كىلىپ چىقىشىنى دەپ بىرەلەمسىز؟ پاكىتسىز سۆزلىمەڭ.
چۈنكى جوڭگۇدا تىخى بىرەر كارخانا ياكى ئۇيۇشمىنىڭ بانكا قۇرۇش ھوقۇقى يوق،جۈملىدىن شەخسى بانكا مەۋجۇت ئەمەس،قانۇن يول قويمايدۇ.بۇندىن كىيىن يولغا قويۇلىشىمۇ خىلى مەزگىل مۇمكىن ئەمەس.رادىل ئابلا ئەينى چاغدا نۇتقىدا مىللى بانكا قۇرىمىز دىدى،لىكىن بۇنىڭ تىخى قانۇندا يول قويۇلمىىغىنىنى دىمىدى،بەلكى يول قويۇلۇپ قالسا دىيىشى كىرەكتى.
تاۋباۋنىڭ خوجايىنى يەنى ئەلى بابانىڭ خوجايىنى مايۈنمۇ بانكا قۇرغۇم بار،مۇشۇ رۇخسەت قىلىنغان قانۇن ئىلان قىلىنسىلا قۇرىمەن دەپ يۈرۈيدۇ.ئۇنىڭ ئامرىكا سىتەنفورد ئۇنۋېرسىتىتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا بۇنى دەپ ئۆتكەن:
مەنزىل يوكۇ تورى:
http://v.youku.com/v_show/id_XMzEyNjM4ODA0.html
بۇ يەردە تورداشلاردىن ئۆتىدىغىنىم دىگەن سۆزۈڭلارغا بىرەر ئۇلىنىشنى بولسىمۇ پاكىت سۈپىتىدە بىرىپ سۆزلىساڭلار.بەلكى تەبىئي پەنچى بولغاچقا مۇشۇ كىسىلىم باردۇر. دىمەككىم دىگەن سۆزىمىزنىڭ نەدىن كەلگىنىنى كۆرسىتىپ ئۆتسەك،دەماللىققا نەدى كۆرگىنىمىز كەلمىسە شۇ نوقتىلىق سۆزنى ئىزدەش ماتورلىرىدا ئىزدىسەكلا بىردەمدە تىپىپ بولىمىز.بۇنى سىزگىلا دەپ ئەيىپلىگىنىم يوق،سىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىككە دەۋاتىمەن.رەھمەت.