تەقدىر07 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 04:34 PM
راس دەيسىز.بولۇپمۇ چالما ئېتىشىش بەك شاش.مەن كۆزىنىلا ...
تۆۋە كۆزىنى سوقسڭىز كۆز ۋايجان دىمىسە كۆزنىڭ ئىگىسى ۋايجان دىگىنى قىززىق خۇ خا خا .
....راسىت دىدىڭىز ئۇ ۋاقىتلار بەك پەيزى ئىدى . بىر توپ بالىلار بىر يەرگە كىلىپ قالساق ھەربىي-دۈشمەن غەزەپ قىززىيىتتى دىسە پاھ-پاھ .
شۇ چاغلارنى ھازىر ئويلىسام تىنىم شۈكىنىپ كىتىدۇ ؟! نىمىشقا دىيىلسە ؟- جۇغۇم كىچىك بولغان بىلەن كاللام خىلى بەلەن ئىشلەپ قوياتتىكەن بىر-بىردىن سەر خىل رەگەتكىلەرنى ياساپ چىقىپ شۇنىڭ بىلەن سوقاتتىم . بىر ۋاقىتتا كونا ئاشلىق ئىدارىسنىڭ ئىچىدىن ئاشلىق ئىسكىلاتىنى قاشالاشقا ئىشلىتىدىغان بامبۇكتىن بىرنى قولغا چۈشۈرۋىلىپ ياغاچچىلىق قىلدىغان نەۋرە ئاكامغا يالۋۇرۇپ ماۋۇنى مۇنداق شەكىلدە ، تۇتقۇچىنى مۇنداق شەكىلدە، شىغىل قىسقۇچ تىرەك دانچۇقنى مۇنداق شەكىلدە قىلىپ بەرسەڭ دەپ يۈرۈپ شىغىل تاشنى قىسىپ خالىغان ۋاقىتتا قويۇپ بىرىپ ئاتىدىغان بىر خىل قۇرۇلمىنى ياسىتىۋالدىم ،شۇنىڭ بىلەن تىجارەتچىلەرنىڭ ئىسىپ قويغان لامپۇچكىللىرىنى تىجارەتچىلەر ئىشتىن چۈزشۈپ نەرسە-كىرەكلىرىنى ئىلىپ كىتىشكىندە 40~30 مىتىر يىراقلىقتىن شۇ قۇرۇلما بىلەن ئىتىپ چىقىلغان پوڭ !پوڭ! ئاۋازىدىن خۇشاللىق ئىلىپ يۈرۈپتىكەنمەن . ھەيييييييي قىلماس قىلغىم يوق ئىدى گاز بومبا دەپ ئانام تاماققا تەييارلاش ئۈچۈن بازاردىن ئەكىلىپ قويغان لازىلارنى ھاۋانچىدا سوقۇپ يۇمشاق بولغاندا يۇمشاق لازىنى پىرچەك يىپ يۆگەشكە ئىشلىتىدىغان كۇرۇپكىنىڭ بىر بىشىنى كارتۇن قەغەز بىلەن ئىتىۋىتىپ يەنە بىر بىشىغا لازىنى تازا سىلىپ لازىنىڭ ئوتتۇرسىغا بىر تال پىلىكى ئۇزارتىلغان پوجاڭزىنى مىس قۇتىغا ئىلۋالغان چوققا تەككۈزۈپ ئوت ئالدۇرۇپلا قىستۇرۇپ ھىلىقى قۇرۇلما بىلەن ‹‹ دۈشمەن ›› تەرەپكە قاراپ ئۈچ-تۆتنى ئاتىدىغان بولسام بىچارە تونۇش ھەقەمسايە دۈشمەنلىرىمنىڭ كۆزىدىن پۇرچاق-پۇرچاق ياشلار ئاقاتتى . مانا بالىلىقتىن ئەمەس ھەتتا بىر خوتۇن بىلەنمۇ خوشلىشىپ ھاياتنىڭ يىرىمىنى كەينىمگە يولغا سىلىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز ھەي بالىلىق ۋاقىتلار ! ھەي بالىلىق ۋاقىتلار !!!