تىمور يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 09:37 PM
نىمانداق مىش-مىش پاراڭلار بۇ ؟ كەمپۈت بېرىپ ، شاكىلات ب ...
بالىلارنى ئىلمىي باشقۇرۇڭ،ئۇرۇپ تىللاپ ئەمەس.دىنىمىزدىمۇ يىشىغا توشۇپ ئىبادەتكە دەۋەت قىلساڭلا ئۇنىمىسا ئاندىن ئۇرۇڭلار دىيىلگەن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توغرىسىكى ھەدىستە كىچىك بالىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قولىدىن يۆتىلەپ خالىغان يىرىگە ئاپىرالايىتتى دىيىلگەن.
شۇڭا ئىلمىي يۇسۇندا بالا باشقۇرۇش ئەڭ ياخشى،مەسىلەن بىزنىڭ ئۆيدىكى نەۋرىلەر مىنىڭ ئالدىمدا قەغىش قىلىپ تۇرىۋالمايدۇ.چۈنكى ئۇلار بىر نەرسە تەلەپ قىلسا بىرىشكە تىگىشلىك بولسا چوقۇم بىرىمەن،ۋاقتى بولمىسا پالانچى چاغا بىرىمەن دەيمەن شۇ چاغدا بىرىمەن(بىز دۇكان ئاچىمىز،بالىلار تاتلىق تۈرۈمنى بەك تەلەپ قىلىدۇ،بەزىدە شۇنى يەپ تاماق يىمىگەچكە چەك قويدۇق)،يەنە باشقا ئىشلاردىمۇ شۇنداق،مەسىلەن بىر ئىشنى قىلىپ بىرىمەن دەيمەن چوقۇم ۋاقتىنى دەپ شۇ چاغدا قىلىپ بىرىمەن.بىشىدا ماڭىمۇ ھازىر بەرمەيمەن ياكى پالانچى چاغدا قىلىپ بىرەي دەپ چۈشەندۈرسەممۇ يىغلىدى(چوڭلار يىغلىسا چىدىماي قىلىپ بىرىپ كۆندۈرۈپ قويۇپتىكەن)،مەن كارىم بولمىدى،يىغلىساڭ قىلىپ بەرمەيمەنمۇ دىمىدىم،پەقەت پالانچى ۋاقىتتا ياكى چاغدا بىرىمەن ياكى قىلىپ بىرىمەن،يىغلىماڭ دىدىم. ئاندىن يىغلىسىمۇ كارىم بولمىدى. لىكىن ۋەدە قىلغان چاغ كەلسە ئۇلار دىسۇن-دىمىسۇن بىرىدىغاننى بىرىپ،قىلىدىغاننى قىلىپ بىرىمەن،ئاندىن بۇنى مەن قايسى چاغدا ۋەدە قىلغىنىمنى،ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا بىكارغا قەغىش قىلغىنىنى ئەمدى ئۇنداق قىلماسلىقنى تەكىتلىدىم. ھازىر بالىلار باشقىلار ئالدىدا قەغىش قىلسىمۇ مىنىڭ ئالدىمدا قىلمايدۇ،ھەم ماڭا بەك ئامراق.ئۆيدىكىلەرمۇ بالىلار گەپ ئاڭلىمىسا ماڭا دەيدۇ،مەنمۇ ئۇلارغا قانداق قىلىشنى بەك تەكىتلەپ كەتتىم.
لىكىن بىزدەكى بىر ئىش،كىچىك بالىلارنى بىردەمدە ئۇنتۇپ قالىدۇ دەپ بىرەر ئىشقا«ئەتە چوقۇم قىلىپ بىرىمەن،ياكى ئەتە ئىلىپ بىرەي»دەپ يالغان سۆزلەش.شۇڭا تەكلىۋىم بەرگەن ۋەدىنى ئۇلار ئۇنتۇپ قالسىمۇ قىلىپ بەرسەك،قىلىپ بەرمەيدىغاندا يالغان ۋەدە بەرمىسەك.
نەۋرىلەر ماڭا بەك ئىشىنەمدۇ تاڭ،ئۆيدىكىلەردىن ۋەدە ئىلىپ بولسا ماڭا تەستىقلىتىدۇ،مەن ھەئە دىسەم بۇ ئىش چوقۇم بولىدۇ دەپ بىلىدۇ،مەن بىرنىمە دىيەلمەيمەن دىسەم خوشلىقى سوۋۇيدۇ.مەنمۇ ئاندىن ئۇلار تەرەپتە تۇرۇپ ئۇلارغا ياردەملىشىپ ۋەدە بەرگۈچىدىن ۋەدىسىنى ئورۇنلاشنى تەلەپ قىلدىم.كىيىن ئۆيدىكىلەرمۇ قالايمىغان يالغان ۋەدە بەرمەيدىغان بولغان،ھازىر ئۆيدە ئەمەس،بۇ ئىشلار قانداقراق كىتىپ بارىدىكىتاڭ،لىكىن بىر ئىغىز گەپ. بالىغا قالايمىقان يالغان ۋەدە بەرمەيلى،بەرگەن ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلايلى.
ئاخىرىدا ئاللاھتىن ھەممىمىزگە سالىھ پەرزەنىت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن.
تېما ئىگىسىگە رەھمەت،سۆيۈنچە بىرىش ياخشى ئىش،سۆيەنچە ھەرخىل بولىدۇ،بۇ تېمىدىكى ياخشى خەۋەرگە بىرىلىدىغان سۆيۈنچىنى بەك قوللايمەن! كىچىكىمدە مومام شۇنداق قىلاتتى.
باشقا قىلغان ئىشىغا بىرىدىغان سۆيۈنچىنى تورداشلار ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ بىر قىزىل سىزىق سىزغىنى ياخشى.