ئەسسالامۇئەلەيكۇم قاسىمكا .
بۇ تىمىڭىزنى نەچچە رەت كۆرگەن بولساممۇ سىزنىڭ كوڭلىڭىزنى ئاياپ ئىنكاس يازمىغان ، بۇ تىما ۋە بۇ تىمىدىكى تەپەككۇر -مىنىڭ قارىشىمچە مەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ھەم ھىس قىلغان قاسىمكامنىڭ تىمىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ناباب تىما ۋە تەپەككۇر بولدى .گەرچە ، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بىر ئەلپەنچى بولساممۇ مەسئۇلىيەت نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئىپادە بىلدۇرەلمەي تۇرالمىدىم ، توغرا چۇشۇنۇشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن.
تور خاتىرىلىرىنى كۇرۇپ بۇنىڭدىن ئالاھىزەل ئىككى يىل بۇرۇنقى2012-1-24 22:02 كائىناتقا يوللىغان بىر يازمامنى ئوز ئەينى بۇ يەرگە ئەكىلىپ چاپلاشنى مۇۋاپىق تاپتىم .
قاسىم سىدىق روھىدىن ئوگىنەيلى!
مەن تۇرلۇك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن، بۇلۇپمۇ ، بىر قىسىم ئۇرۇنسىز مۇنازىرە كۈڭۇلسىزلىكلىرىدىن ئوزەمنى قاچۇرۇپ ، ئويغۇرچە تورلارغا يېقىنقى 3 يىل مابەينىدە تولىمۇ ئاز كىرگەن ئىدىم . يىڭى يىلدىن بويان مەن بەزى تورلارغا كىرىپ بىر ئىككى ئېغىز <<بىلجىرلاپ >>قۇيۇپ بىرقىسىم تىللارنىمۇ << ئىشتىپ >> ئالدىم. لىكىن ، ماڭا مەن ئاڭلىغان تىللار << موزاي تەپكەن>> دەك بىلىندى ، دە - ئويغۇر يىزىقىدىكى تورلارنى داۋاملىق ئارىلاپ يۇرۇپ
<<كائىنات>> قا چىقىپ قېلىپ ، بىرقىسىم يۇرۇق يولتۇزلارنى كورۇش شەرىپىگە ، شۇنداقلا ، يولتۇز بورانلىرى (قۇياش بورانلىرىدەك) نىڭ تەپەككۇر ئاتمۇسفىرارىمنى زەرەتلەش تەقدىرىگە نائىل بولدۇم.
<< كائىنات >> تا قاسم سىدىق مۇئەللىم << ئىففىكتى >> ۋە شەكىل نەزەرىيەسى<<رىئاكسىيەسى >> نەتىجىسىدە ، ئامىرىكا قاتارلىق ئەللەر قاتناشقان <<21 - دونيا ئۇرۇشى >> پارتلاپ<< قوياش سېستىمىسى >> ئورە - توپە بۇلۇپ كەتكىلى تاس قېلىپتۇ. شۇڭا ، مەن گەرچە << بىرلەشكەن يولتۇز سېستىمىسى تەشكىلاتى >> ياكى << سامانيۇلى سېستىمىسى سوتى >> نىڭ ئەمەلدارى بولمىساممۇ ، << يەرشارى پوقراسى>> سالاھيىتى بىلەن بىرنەچچە ئېغىز گەپ قىلغىم كىلىپ قالدى. كوپچىلىكنىڭ ئەيىپكە بويرىماي ئەقىل <<تىئورمىسى>>غا سېلىپ ، كۇڭۇل <<ئاكسىيومىسى>>دىن ئوتكۇزۇپ بېقىشىغا تىلەكداشمەن.
قاسىم سىدىق ھاياتى - ئىزدىنىش بىلەن ئوتكەن ھايات. قاسىم سىدىق ھاياتىغا تور خاتىرلىرىدىن نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ مەيلى << سامانلىق >> تا بولسۇن ياكى ئورومچىگە قىلىنغان << نوم بىرىش >> سەپىرىدە بولسۇن ۋە ياكى كېسەل كارۋىتىدا بولسۇن ، ھەتتاكى << قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى >>غا ئوچراۋاتقان ھالەتتە بولسۇن .ئىزدەنمىگەن بىرمۇ كۇنى يوقلىقىنى بىلىمىز. .
قاسىم سىدىق ھاياتىنىڭ << ئىنىرگىيە مەنبەسى >> قاسىم سىدىق روھىدۇر . قاسىم سىدىق<<ئىنىرتىسيىسى>>دۇر.
بىز قاسىم سىدىقنى ھىمايە قىلىشنى سېلىق قىلىپ سالماقچى ئەمەسمىز ، بىراق،ئۇستاز قاسىم سىدىقنىڭ نەچچە ئون يىلنى بىر كۇندەك ئوتكۇزۇپ ئىزدەنگەن روھىنى مەيلى ئۇنىڭ شەكىل نەزەرىيەسى غەلىبە قازانسۇن ياكى مەغلۇپ بولسۇن ئۇگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
ئاخىرىدا، <<كائىنات>> ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق تورداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۇڭۇللۇك ، ئىزدىنىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق ، تەپەككۇرىنىڭ ئۇرۇنلۇق ، يۇزىنىڭ ئابرويلۇق ، پىكىرىنىڭ نۇپۇزلۇق ....بۇلۇشىنى قاسىم سىدىق ئوستازدەك ھارماس بۇلۇشىنى تىلەيمەن.
مەنبە:
http://www.kayinat.com/bbs/forum ... e=1&extra=#pid24892
مىنىڭ مەۋقەرىم يەنىلا يۇقۇرقىدەك . ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك .
ئالمىنىڭ ئېغىرلىق كۇچى - دەل يەرشارىنىڭ ياكى ئالىمىنىڭ قارشى تەرەپكە چۇشۇرگەن ئالەملىك تارتىشىش كۇچىدۇر.
ئېغىرلىق كۈچى دەپ ئادەتتە ئالەملىك تارتىش كۇچى نەزەرگە ئېلىنىدۇ . ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇپ ، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ مەۋجۇتلۇغى ھەققىدە سۆز ئېچىش -ئەڭ ئەقەللى لوگىكىلىق خاتالىق ، مەن بۇ تىمىنى تۇنجى كورگەندە ۋە سىزنىڭ چۇشەندۇرۇشىڭىزنى ئاڭلىغاندا كۇلۇپ تۇرىۋالغىنىمنىڭ سەۋەبى مۇشۇ . بۇ ھەقتە ئەينى ۋاقىتتىمۇ ھەم ھازىرمۇ مىنىڭ پىكىرىمنى قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىڭىز ماڭا ئايان .
مەن بۇ ئىنكاسنى يىزىش ئارقىلىق ئۇزەمنىڭ ‹‹قالتىس›› ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىش ئەمەس بەلكى سىزگە شاگىرتلارچە سەمىمى ئەسكەرتىش بىرىش ، ياردىمى بۇلۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن .
ئىككىمىزنىڭ نۇرغۇن قاراشلىرىدا ئوخشاشلىق بولسىمۇ ماھىيەتلىك پەرق بارلىقى ئىككىلىمىزگە روشەن . بەلكىم سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىز توغرىدۇ!.
ھورمەت بىلەن سىزگە سالامەتلىك ، بەخت ۋە ئۇتۇقلار تىلەپ : ئىنىڭىزمۇھاكىمە