XERHAN يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 10:08 PM
ھە ياخشى ياساپسىز ، مىنىڭ مۇشۇنداق ساپال بويۇملارنى ي ...
ھەقىقەتەن سىز ئېيتقاندەك بۇ ھۈنەرنى قىلىدىغانلار يىلدىن - يىلغا ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ ، ئۆتكەن يىلى بىزنىڭكىگە يېڭىساردىن بىر قانچە ئۇستاملار كەپتىكەن ، ئۇلارنىڭمۇ پەرزەنتلىرى بۇ ئىشقا قىزىقمايدىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئاساسلىقى ساياھەتچىلەرگە تەقلىدى ئاسارە - ئەتىقە ياساپ بېرىدىكەن ، مەن ئۇلارغا ‹‹ ئۇيغۇرلارمۇ ياخشى كۆرۈپ ساقلىغىدەك بىر نەرسىلەرنى ياساپ باقساق بولمامدۇ ؟››دىدىم ھەم شۇ ئۇستاملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ بېقىش ئۈچۈن ياساپ باقتىم ، مەن ئۇستام كۆرمەي ئۆزۈم ئۆگەنگەچكە نەرسىللىرىممۇ تازا دىگەندەك چىقمايۋاتىدۇ ، سەل قوپال ، ئۆزەمگىمۇ ياراپ كەتمەيدۇ ،
شۇنداقتىمۇ گۈزەل- سەنئەتكە قىزىققاشقا بىكار ۋاقىتلىرىمدا ئاز- تولا شۇ ھۈنەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ياساپ باقتىم .
ئاللاھ خالىسا ئەمدىكى پىلانىم مۇشۇ شىنجاڭدىكى قەدىمىي ئۇرۇنلارنىڭ كىچىكلىتىلگەن مودىللىرىنى ياساپ باقايمىكىن دەيمەن ، سىزمۇ يەكەندە ئاشۇنداق قەدىمىي ئۆي ، مەدرىسلەرنىڭ رەسىملىرى بولسا يوللاپ بېرەرسىز .