xajarim يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 10:13 PM
شۇنچە كۆپ كىشلەرنىڭ قاتارىدىن قۇتلۇق شەۋقى بىلەن... ...
ساۋاتلىق ئۇيغۇرلار ئىچىدە نۇزۇگۇمنى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك، ھېچبولمىغاندا ئاڭلاپ باققان بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەمما نۇزۇگۇم تېمىسىنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىردە، ئوخشىمىغان يازغۇچىلار تەرىپىدىن، ئوخشىمىغان ژانىردا قايتا – قايتا يېزىلغانلىقىنى بەلكىم خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىلمىسەكېرەك. ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ قەھرىمانىدىن چەكسىز پەخىرلىنىدۇ، ئەۋلادلارنىڭ ئۆز قەھرىمانىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، ئۇلارنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇشى ئۈچۈن، قەھرىمانلىرىغا ئاتاپ ئەسەرلەر يېزىشىدۇ.
مەلۇمكى، «نۇزۇگۇم» تېمىسىغا ئوخشاش، ئوخشىمىغان يازغۇچى تەرىپىدىن ئوخشىمىغان ماكان، زامانلاردا تەكرار يېزىلىدىغان بۇنداق ئىجادىيەت ھادىسسى دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا ھەرگىزمۇ يېگانە ھادىسە ئەمەس. مەيلى غەرپ ئەدەبىياتىدا، مەيلى شەرق ئەدەبىياتىدا بولسۇن بۇنداق ھادىسىلەر ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكىلا يەككە ھادىسە ئەمەس. «نۇزۇگۇم» تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ بىزدە تەكرار- يېزىلىشىنىڭ چوڭقۇر تارىخى يىلتىزى بار. تۆۋەندە بىز مەزكۇر ئىجادىيەت ھادىسىسىنىڭ شەرق – غەرپ ئەدەبىياتىدىكى ۋە شۇنداقلا كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى نامايەندىلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز. روشەنكى، بۇنىڭ مەزكۇر ئىجادىيەت ھادىسىسىنى توغرا، ئىلمىي چۈشىنىشىمىزدە ياردىمى زور.
«نەزىرە» دېگەن بۇ سۆز ئەسلى ئەرەپچىدىن كەلگەن بولۇپ،«ئوخشاش»، «بىردەك» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە. ئەمما، ئىسلام كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئۇ «تەقلىد قىلىش» دېگەن مەنىدە قىللىنىلىدۇ. نەزىرە دېگىنىمىز ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ياكى زامانداش ئەدىبلەرنىڭ ئەسىرىگە ئوخشاش قىلىپ ياكى ئۇنىڭغا جاۋاب تەرىقىسىدە يېزىلغان شېئىرىي ئەسەرلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يەنى، ئىككىنچى بىر شائىر (ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ياكى زامانداش) نىڭ شېئىرىغا ۋەزىن، شەكىلجەھەتتىن ئوخشاش قىلىپ يېزىلغان شىئىر[1]. تېخىمۇ چۈشىنىشلىك دېگەندە، نەزىرە باغلاش ھادىسىسى ئەسلىدە يېزىلىپ بولغان مەلۇم بىر ئەسەرنى دوراپ، شۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىجادىيەت ھادىسىسىدۇر.
ئەمما، بۇ ھەرگەزمۇ ئاددىي مەنىدىكى نوقۇل دوراپ قويۇشلا ئەمەس. بەلكى ئەسلى ئەسەرنىڭ تېما، سۇژىت، بەدىئىي ئوبراز قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىش، ئىمكانقەدەر ئەسلى ئەسەردىن ئاشۇرۇۋېتىش، ئۆزىگە خاس سەنئەت قىممىتى يارىتىش مەقسەت قىلىنىدۇ.بۇنىڭغا يازغۇچىنىڭ ئىدىيەسى،شۇ دەۋرنىڭ روھى سىڭگەن بولىدۇ. شۇڭا، بۇنى ئەسلى ئەسەرنى كۆچۈرۈپ قويۇش دەپ چۈشەنسەك خاتالاشقان بولىمىز.
شەرق ئىسلام ئەدەبىياتىدا «نەزىرە» ئەنئەنىسى ناھايىتى ئۇزاق تارىخى ئەنئەنىگە ئىگە. ئۇ ئەڭ دەسلەپتە بىر قەدەر قىسقىراق ئەسەرلەردە مەيدانغا كەلگەن، كېيىن 10 – 12- ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ نۇرغۇن زور ھەجىملىك ئەدەبىي ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى.شۇنىڭ بىلەن «نەزىرە» يازغۇچىلار دىققىتىنى يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن چوڭ ئەسەرلەرگە قارىتىشقا باشلىدى. بۈيۈك پارىس شائىرى فىردەۋىسنىڭ (934- 1020) «شەھنامە» سى ۋە نىزامى گەنجەۋىنىڭ (1029-1141) «خەمىسە» مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئەدىب، شائىرلار خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك، بەس – بەستە «نەزىرە» يېزىشقا كىرىشىپ، شەرق ئىسلام ئەدەبىياتىدا «نەزىرە» يېزىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.[2]
ماھيەتتە، نىزامى گەنجەۋىدىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن «خەمىسە» چىلىك قىزغىنلىقى دەل «نەزىرە» دىن ئىبارەت ئەنە شۇنداق بىر خىل ئىجادىيەت ئەنئەنىسىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغانىدى. شۇندقلا، بۇ ئىجادىيەت ئۇسۇلى شەرق – ئىسلام ئەدەبىياتىغىلا ئەمەس، مەلۇم دەرىجىدە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، غەرپ ئەدەبىياتىغىمۇ قىسمەن تەسىر كۆرسەتكەن. مەشھۇر ياۋرۇپا ئەدىبلىرىدىن گىيوتى، ھىيۇگو، ھېينى، پۇشكىن قاتارلىقلارمۇ ياۋرۇپا خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەردىن پايدىلىنىپ يېڭى ئەسەر يازغان ھەمدە ئىسلام ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەرگە تەقلىد قىلغان مەلۇم تەسىرلەرنى قوبۇل قىلغان.
گىيۇتى بالدۇرلا ئىسلام ئەدەبىياتىغا چوڭقۇر ھەۋەس قىلغان. ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇغان ھەم بىر پارچە «مۇھەممەد ناخشىسى» دەيدىغان شېئىر يازغان. 1813- يىلى ھاپىزنىڭ گېرمان تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان شېېئىرلار توپلىمىدىن ئىلھاملىنىپ «شەرق – غەرپ شېئىرلار توپلىمى» نى يېزىپ چىققان… ئەنگىلىيەنىڭ ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى مەشھۇر شائىر ماسيىۋ ئارنولد (1822-1888Mathew Arnold) نىڭ بىر ئۇزن داستانى «سۇھراب بىلەن رۇستەم» (1853- يىلى يېزىلغان) مۇ دەل فىردەۋىسنىڭ «شاھنامە»سى ئىچىدىكى شۇ ناملىق بابقا تەقلىد قىلنغان.[3]
دېمەك، نەزىرە ئەنئەنىسى شەرق ئەدەبىياتىدا ئۇزاق تارىخقا ئىگە بىر ئۆزگىچە ئىجادىيەت ئەنئەنىسى بولۇپ، بۇ پارىس- تۈركىي تىلىدىكى ئەدىبلەرگە جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئەدىبلىرىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىن كېيىن، غەرپ ئەدەبىياتىدىمۇ ئىلگىركى كونا تېما، رىۋايەتلەر ئاساسىدا قايتا يېڭىدىن ئەسەر يېزىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
«پىرومېتى» قەدىمكى يۇناندىكى بىر رىۋايەت. ئۇنى ئەيىسكۇلۇس مىلادىيەدىن ئىلگىركى 500- يىللاردا تىرىلوگىيەنىڭ 1- قىسىمى پۈتۈن، 2-، 3- قىسىمى تاماملىنالمىغان. گېرمانىيە شائىرى گىيۇتىمۇ «پىرومېتى» نى ئەسلىدىكى دېتاللاردىن پايدىلىنىپ قايتا يېزىپ چىققان، ئەمما تولۇق تاماملىيالمىغان.[4]
يەنە 1819 – يىلى ئەنگىلىيەلىك شائىر شېللېي (1792-1822) شېئىرىي دىراما «ئازاد قىلىنغان پىرومېتى»نى قايتا يېزىپ چىققان.بۇ ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسى بولۇپ قالغان.[5]
1816-يىلى ئەنگىلىيە شائىرى بايرون (1788- 1824) شېللېينىڭ تەسىرى بىلەن «پىرومېتى» نى يەنە يازغان.«دون جۇئان» ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى ئارىسىدا ئىلگىرىدىنباشلاپ تارقىلىپ كەلگەن، ئەمما بۇ تېما 1630- يىلىدىن تاكى 1912- يىلىغىچە ئوخشىمىغان نام، ئەمما ئوخشاش تېمىدا قايتا- قايتا يېزىلغان.
16- ئەسىرنىڭ بېشىدىن 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان ئەدەبىيات ئالتۇن دەۋرىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى، كۆزگە كۆرۈنگەن دىراماتورگى تىرسو مولىنا 1630- يىلى «دون جۇئان» نى تۇنجى قېتىم يازما ئەدەبىياتىغا ئېلىپ كىرگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ 1912 – يىلىغىچە 14 نەپەر يازغۇچى تەرىپىدىن تەكرار يېزىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر يازغۇچىلاردىن فىرانسىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ئالېكساندېر دۇماس (1802- 1870)، ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق شائىرى بايرۇن(1788- 1824)، مەشھۇر روس شائىرى پۇشكىن (1799- 1837) ۋە فىرانسىيەنىڭ شائىرى، مەشھۇر ئەدەبىيات سەنئەت ئوبزورچىسى بودلېر (1821- 1862) قاتارلىقلار بار.
خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش فائۇستىمۇ 16- ئەسىردىكى بىر شەخىس بولۇپ، كېيىن خەلق رىۋايەتلىرىدە سېھىرگەرلىكنى بىلىدىغان سىرلىق شەخس سۈپىتىدە خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. شۇنداقلا، 1857- يىلىدىن باشلاپ، 1947 يىلىغىچە بولغان يۈز يىل ئىچىدە ئون نەچچە قېتىم تەكرار يېزىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇر يازغۇچىلاردىن شېكېسپېردىن كېيىنكى ئەڭ مەشھۇر ئەنگىلىيە دىراماتورگى كىرىستوفېر مارلوۋ (1564- 1593)، مەشھۇر گېرمان يازغۇچىسى گىيۇتى، ھېنرىخ ھېينى (1797- 1856)، 1929 – يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن گېرمان يازغۇچىسى توماس مان (1875- 1955) قاتارلىقلار بار.[6]
يەنە ئىسپانىيەنىڭ ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىكى ئەڭ بۈيۈك يازغۇچىسى سېرۋانتېسنىڭ مەشھۇر رومانى «دونكىخوت»مۇ 1605- يىلى نەشىر قىلىنىپ يەنە 1614- يىلى ئالونىسو فېرناندىس دېگەن يازغۇچى نامىدىن ئۇنىڭ داۋامى يېزىلغان. ئەمما، بۇ دەل ئاقسۆڭەكلەر كاتولىك پوپلىرىغا ۋەكىللىك قىلىپ، سېرۋانتىسقا قارشى تۇرۇش، ئۇنىڭ رومانىنىڭ تەسىرىنى توقىتىش ئۈچۈن يېزىلغان[7].
شۇنداقلا يەنە ئېلىمىزنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «جاۋ ئائىلىسىنىڭ يېتىم ئوغلى» دەيدىغان شېئىرىي دىرامىسى ياۋرۇپادا كەڭ تارقىلىپ تەسىر قوزغاش بىلەن بىرگە نۇرغۇن يازغۇۋچىلار تەرىپىدىن قايتا يېزىلغان. بۇ دىراما 18- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرى فىرانسوزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، فىرانسىيەگە كىرگەن. ناھايىتى تېزلا ئىنگىلىز، گېرمان، ئىتالىيان، روس تىللىرىغا تەرجىمە قىلنغان. 741- ئەنگىلىيەلىك رىچارد خۇرد (Richard hurd) تەرىپىدىن «جۇڭگولۇق يېتىم ئوغۇل» دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1752 – يىلى ئىتالىيە دىراماتورگى پېترو تاستاسىئو (pietro Me Tastasio) «جۇڭگۇ قەھرىمانى» دەپ يازغان. 1755-يىلى مەشھۇر فىرانسىيە ئەدىبى، مۇتەپپەكۇرى ۋولتېر بۇ دىرامىنىڭ ئىلھامىدا بەش پەردىلىك بىر شېئىرىي دىراما يېزىپ، پارىژدا سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ زىلزىلە قوزغىۋەتكەن. شۇنداقلا بۇ ئەسەرنىڭ تېزلا ئىنگىلىزچە ئىتالىيانچە تەرجىمىلىرى بارلىققا كەلگەن[8].
دېمەك، بۇ يەنە باشقا ئەل ئەدەبىياتىدىمۇ كۆرۈلگەن. مەسىلەن، ھىندىستاننىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى سارشارمۇ ئىسپانىيە يازغۇچىسى سېرۋانتېسنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەم ئۇنىڭ رومانى «دونكىخوت» نى ئوردو تىلىغا تەرجىمە قىلغان. شۇنداقلا، شۇنىڭ تەسىرىدە «ئازاد ھەققىدە رىۋايەت» ناملىق رومانىنى يېزىپ چىققان. روماننىڭ ۋەقەلىك، سۇفىتى «دونكىخوت» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. يازغۇچى ئۆزىمۇ بۇنى تىلغا ئالغان. روماننىڭ باش پېر سۇناژى ئازادمۇ ماھىيەتتە دونكىخوتقا تەقلىد قىلىنىغان. ئازادنىڭ ھەمراھى خۇچ دونكىخوتنىڭ ھەمراھى سانچوپانسوغا تەقلىد قىلىنىغان بولۇپ، ئوردو تىلى ئەدەبىياتىدىكى «سانچو پانسو» بوپقالغان[9].
خەنزۇ ئەدەبىياتى، شۇنداقلا شەرقتىكى خوشنا مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىمۇ بۇنداق ھادىسە كۆرۈلگەن. تاڭ دەۋرىدىكى جىن- ئەرۋاھلار ھەققىدىكى رومانلار چاۋشيەنگە كىرگەندىن كېيىن چاۋشيەن يازغۇچىسى جىن شىشى شۇ رومانغا تىقلىد قىلىپ «ئالتۇن بېلىق ھەققىدە يېڭى پاراڭلار» ناملىق روماننى يازغان.كېيىن يېزىلغان «ماۋۇنىڭ تەرجىمىھالى»، «جۇماۋنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق رومانلارمۇ ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ كىلاسسك رومانى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» گە تەقلىد قىلىنغان… يەنە دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئايال يازغۇچىسى خۇاڭ لۇيىن گىيۇتىنىڭ رومانى «ياش ۋىتېرىنىڭ دەردى»گە تەقلىد قىلىنغان روماننى ئېلان قىلغان[10]. ھازىرمۇ خەنزۇ ئەدەبىياتىغا سەل دىققەت قىلغانلارغا مەلۇمكى، خەنزۇلارنىڭ كىلاسسىك رومانلىرىدىن «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «سۇ بويىدا»، «غەربكە ساياھەت» قاتارلىق رومانلاردىكى ۋەقەلىكلەرگە تەقلىد قىلىنغان ياكىئۇنىڭ دەۋامى قىلىنغان ئەسەرلەرنى تولا ئۇچرىتىمىز ھەم بۇ ھەقتە كىنو، تېلفىلىملەرمۇ ئىشلەندى.
دېمەك، ئەدەبىياتتا ئوخشاش بىر تېمىنىڭ تەكرار يېزىلىش ھادىسىسى پۈتۈن دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسىدۇر. بۇ خىل ئىجادىيەت ئەنئەنىسى پەقەت مۇلۇم مىللەت ئەدەبىياتىدا باشقا مىللەت ئەدەبىياتىدىن كۈچلۈكبولۇشى مۇمكىن. ئەمما، تامامەن يوق بولۇشى ناتايىن.
ئۇنداقتا، بۇ خىل ئىجادىيەت ئەنئەنىسى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا قانداقراق ئورۇن تۇتىدۇ؟
شەرق ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىمۇ «نەزىرە» باغلاش ھادىسىسى كەڭ ئومۇملاشقان ۋە كۆپ قوللىنىلغان. مېنىڭچە بۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ئاز – تولا خەۋەردار ھەرقانداق كىشىگە تولىمۇ ئايدىڭ بىر پاكىت. گەرچە بۇ يەردە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى تەكرار يېزىلغان بارلىق ئەسەرلەرنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىسىمۇ، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر مەشھۇرلىرىنى تېلغا ئېلىش زۆرۈردۇر.
نەۋايىنىڭ «خەمىسە» سى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن. نۇرغۇن يازغۇچى، شائىرلار نەۋايىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنىڭ «خەمىسە» سىدىن ئوزۇق قوبۇل قىلىپ ئەسەر ئىجاد قىلغان ھەم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى تەسىرى بارغانسېرى كۈچەيگەن. بەزى ئۇيغۇر يازغۇچىلار نەۋايىنىڭ «خەمىسە» سىنى نەسىرىي تىلغا ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ ئاددىي، ئاممىباب تىل بىلەن خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرماقچى بولغان.
18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە نەۋايىنىڭ «خەمىسە» سىنى چۈشىنىشلىك تىل بىلەن نەسىرىي شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ، ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش بىر دولقۇنغا ئايلانغان. 18 – ئەسىردە خوتەندە ئۆتكەن شائىر مەھزۇن نەۋايىنىڭ «پەرھاد – شېرىن» داستانىنى نەسىرىي شەكىلگە ئايلاندۇرغان ھەم ئۇنىڭغا «شاھزاد پەرھاد ۋە مەلىكە شېرىن» دەپ نام قويغان.
18 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن يەركەنلىك ئەدىب ئۆمەر باقى يەركەندى نەۋايىنىڭ «خەمىسە» سىدىن «پەرھاد شېرىن»، «لەيلى- مەجنۇن»نى تاللاپ نەسىرىي شەكىلدە قايتا يېزىپ چىققان. موللا سىدىق يەركەندى نەۋايىنىڭ پۈتۈن خەمىسەسىنى «نەسىرىي خەمىسە» گە ئايلاندۇرغان.
17 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى موللا پازىل 1705- يىلى نەۋايىنىڭ «خەمىسە» سىدىن پايدىلىنىپ «لەيلى-مەجنۇن» داستانىنى يېزىپ چىققان.
يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر شائىر ئابدۇرەھىم نىزارىي بولسا نەۋايىدىن كېيىنكى ئەڭ ھوسۇللۇق ئۇيغۇر ئەدىبىدۇر. ئۇنىڭ يازغان «پەرھاد-شېرى»، «لەيلى-مەجنۇن» قاتارلىق ئىككى داستانىمۇ نەۋايىنىڭ شۇ ناملىق داستانىغا تەقلىد قىلىنغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى جەريانىدا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىرىگە، يەنە ئىجادىي ئەمگەك قوشقان ھەم بۇنى كۈچلۈك يەرلىك پۇراققا ئىگە قىلغان.
19- ئەسىرنىڭ ئاخرى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقانىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئۆتۈش باسقۇچىدا ئىدى. 20 – ئەسىرنىڭ 20 –يىللىرىدىن باشلاپ سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتتى. ئۆزبېك ئەدەبىياتىدا نەۋايىنىڭ «خەمىسە» سىدىكى بەزى داستانلار سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىلىپ زىلزىلە قوزغىدى. 1930 – يىللاردا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا داغدۇغلىق مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەركىتى باشلىنىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى ئوزۇق بەخىش ئەتتى. 1930- يىللارنىڭ ئاخىردا بەزى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى «پەرھاد- شېرىن»، «لەيلى- مەجنۇن»نى دىرامىغا ئايلاندۇرۇپ، سەھنىلەردە ئوينالدى ۋە خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. 1940 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر شائىر، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان نىمشېھىت(1906- 1972) خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ۋارىيانتىغا ئاساسەن نەۋايىنىڭ «پەرھات-شېرىن»نى «مىڭئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» دېگەن ماۋزۇدا يېزىپ چىققان ھەم بۇ داستاننىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر تۇرمۇشى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ، ئۇنى كۈچلۈك يەرلىك پۇراققا ئىگە قىلغان. مەزكۇر تېمىنى نۇرمۇھەممەت توختى يەنە قايتا يېزىپ چىقتى.
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تەكرارلانغان تېمىلار نوقۇل پەرھاد – شېرىنلا ئەمەس، ئۇيغۇر شائىرى غېرىبى يەنە «خەمىسە» دىكى «سەبئى سەييار» دىن سۇژىت ئېلىپ «بەھرام ۋە دىلئارام» نى قايتا يېزىپ چىققان. مەلۇمكى، نەۋايىنىڭ «خەمىسە» سىمۇ نىزامى گەنجەۋىنىڭ «خەمىسە» سىگە تەقلىد قىلىنغان. ئۇنىڭدىكى «لەيلى – مەجنۇن»، «ئىسكەندەرنامە» لەرمۇ تەكرار – تەكرار يېزىلغان.
نىزارىنىڭ يازغان داستانى «رابىئە – سەئىدىن» نىمۇ ئەھمەد زىيائى قايتا يازغان. «غېرىپ – سەنەم» لەرمۇ شۇنداق بولغان.
دېمەك، تېمىلارنىڭ تەكرار يېزىلىشى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇزاق تارىخقا، چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بىر خىل ئىجادىيەت ھادىسىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىز- پاكىتلىرىنى «نۇزۇگۇم» تېمىسىدىكى ئەسەرلەردىنمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز. «نۇزۇگۇم» تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ قايتا – قايتا يېزىلىشى، ماھىيەتتە ئەنە شۇنداق ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىجادىيەت ئەنئەنىسىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان.
تۆۋەندە بىز نۇزۇگۇمنىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
نۇزۇگۇم ھەرگىزمۇ تارىختا تەكرارلانغان، پەرھاد- شېرىن، غېرىب- سەنەملەرگە ئوخشاش رىۋايەتلەردىكى توقۇلما شەخس ئەمەس بەلكى ئۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۆتكەن، رېئال بىر تارىخى شەخس. شۇڭلاشقا، بىز ئەدەبىياتىمىزدىكى نۇزۇگۇم ئوبرازى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشتىن ئاۋۋال، تارىخى نۇزۇگۇم بىلەن تونۇشۇپ چىقىش تولىمۇ زۆرۈر.
ئەپسۇسكى، ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن قولىمىزدا بار تارىخى ماتىرياللاردا نۇزۇگۇم ھەققىدە ئېنىق بىر خاتىرە يوق. ئەمما، بۇنداق بىر يازما ئىسپاتنىڭ بولماسلىقى نۇزۇگۇمنىڭ ئۆتمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەقەت بىر توقۇلما ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى، تارىخى ماتىرياللاردا شۇ مەزگىلدىكى قەشقەردە چىرىك ھاكىميەتكە قارشى قوزغالغان قوزغىلاڭ ۋە قەشقەردىن ئىلىغا ئاھالە سۈرگۈن قىلغانلىقى ھەققىدە يېتەرلىك پاكىتلار بار. نۇزۇگۇم ھەققىدىكى داستان، قىسسەلەردە، نۇزۇگۇمنىڭ ئۆزىنىڭ قوشاقلىرىدا تەمىنلەنگەن يىپ ئۇچى، ئۇچۇرلاردىن يۇقىرىقى ۋەقەلەرنىڭ راست يۈز بەرگەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئەگەر نۇزۇگۇم شۇ ئىشلارنى كۆرمىگەن، بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن بولسا، ئۇ ھەقتە ئەسلىمە، قوشاق قالدۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
تۆۋەندە بىز شۇ ۋاقىتتىكى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز. مۇللا بىلالنىڭ قىسسەسىدە مۇنداق بايانلار بار. : «داۋانخان خان بولۇپ، ئالتە يىل بولغاندا جاھانگىر خوجا قەشقەرگە كېلىپ، سوقۇشۇپ، قەشقەرنى ئۆزىگە تابىئە قىلىپ ئالتا ئاي سورىغان. ئاندىن كېيىن غۇلجا شەھىرىدىن چىنكۇنكى دېگەن جياڭجۈن نۇرغۇن لەشكەر ئالىپ قەشقەرگە كەلگەن… يىخوزايان دارىن دېگەن جياڭجۈنلەر بىر بولۇپ، جاھانگىر خوجا بىلەن سوقۇشۇپ، جاھانگىر خوجانى تۇتۇپ داۋانخاننىڭ يېنىغا ئېلىپ كېتىپ، قەشقەردىكى ئەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، خوتۇنلىرىنى غۇلجا شەھىرىگە ئېلىپ كېلىپ، ھەر بىر خوتۇننى بىر قالماققا خوتۇن قىلسۇن دەپ تۇتۇپ بەرگەنىكەن. ئەمما، نۇزۇگۇم دېگەن خوتۇننى ئاكىسى بىلەن بىر قالماققا بەرگەنىكەن»
بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە شېرىپىدىن ئۆمەر مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: ئاپاق غۇجىنىڭ ئوغۇللىرى بۇرھىنىدىن بىلەن خان غوجا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرى ھېسابلانغان خوجا جاھان ئەرشىنى ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈپ، جۇڭغارلارنى تىنىچلاندۇرغىلى كەلگەن مەنچىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى كۈرەشكە ئۆتىدۇ. 1757- يىلى باشلانغان جېدەل 1759- يىلغا كەلگەندە ئىككى خوجىنىڭ يېڭىلىش، قەتلە قىلىنىشى بىلەن تۈگىدى. بۇ تازىلاشتىن جاھانگىر خوجىنىڭ كىچىك بالىسى سامساق خوجا تۇتۇلۇپ قالغانىدى. ئۇ ۋاخاننىڭ خىلۋەت جايلىرىغا قېچىپ بېرىپ يۇشۇرۇندى. كېيىنرەك ئۇ قوقەنگە ئۆتۈپ، شۇ جايدا تۇرۇپ قالىدۇ ۋە شۇ جايدىن ئۆيلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۈچ ئۇغۇل تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ چوڭى يۈسۈپ خوجا، ئوتتۇرانچىسى باھاۋدۇن خوجا، كىچىكى جاھانگىر خوجا ئىدى. ئارىدىن بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتى راسا چىرىكلىشىدۇ. شىنجاڭدا يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھاكىميەتنى ئوغرى – قاراقچىلارغا سېتىپ بېرىش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىدۇ. خەلق مەنچىڭ ۋە يەرلىك فېئۇدال ئەمەلدارلار ھەم ئۇلارنىڭ غالچىلىرى قولىدا خالىغانچە بۇلاڭ- تالاڭدا قېلىپ، ئۇلارغا بولغان غەزەپ- نەپرىتى قايناپ-تېشىپ، سەۋر قاچىسى يېرىلىپ، 1816- يىلى قەشقەردە زىياۋدۇن رەھبەرلىكىدىكى خەلق قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ. لېكىن، بۇ قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولىدۇ. ئۇزۇندىن بىرى بوۋىسىنىڭ قەشقەرگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى قايتۇرۇۋېلىشىنى ئويلاپ يۈرگەن جاھانگىر خوجا قەشقەر خەلقىنىڭ مەنچىڭ ئىستىبداتى ۋە يەرلىك فىئوداللارغا بولغان نارازىلىقى ۋە غەزەپ- نەپرىتىدىن پەيت كەلدى دەپ بىلىپ، بۇرۇن قەشقەردىن قوغلىۋېتىلگەن سودىگەرلەرنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن زىياۋۇدۇن قوزغىلىڭىغا ئۇلاپلا 1816- يىلى قەشقەرنىڭ غەربىدىكى تاشمىلىقتا قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. ئۇ بۇ قېتىم يېڭىلىپ قېچىپ كېلىدۇ. ئەمما، ئۇ بىر شىددەتلىك بوراننىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۇ قايتىپ كۈچ توپلاشقا كىرىشىدۇ. ئۇ چوڭ ئاكىسىنىڭ بۇخاراغا كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، قىرغىزلار بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارنىڭ ئاتامانى سۈرەنچى بەگنىڭ باشچىلىقىدا 1822-يىلى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەمما، شەھەرنىڭ سىرتىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ كۈچلۈك قوشۇنىغا دۇچ كېلىپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ چېكىنىپ نارىندىكى «بولۇر» قىرغىزلىرىغا قوشۇلىۋالىدۇ. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئۈزۈل- كېسىل تارمار قىلىش ئۈچۈن بىر كۈنلۈك قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇلارنى «قورۇتقۇ» قورغىنىغىچە قوغلاپ بېرىپ، قايتاشىدا بىر تار جىلغىدا پىستىرمىغا يولۇقۇپ، پۈتۈنلەي ھالاك بولغىلىتاس قېلىپ، ئامان قالغىنى ئاران قېچىپ قۇتۇلىدۇ. بۇ مەنچىڭ خانىدانلىقى قوشۇنىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇرۇش تارىخىدا بىرىنچى قېتىم يېڭىلىشى ئىدى. بۇۋەقە ئوتتۇرا ئاسىياغا پۇر كېتىدۇ. خوجىلار بۇنىڭ بىلەن يېڭىباشتىن جانلىنىپ خورىكى ئۆسۈپ كېتىدۇ. ئەمدى تەۋەككۇلچىلەر تەرەپ – تەرەپتىن جاھانگىر خوجىنىڭ قەشقەر چېگىراسىغا تىكلىگەن بايرىقى ئاستىغا كېلىپ توپلىنىشقا باشلايدۇ. قوقەن خانى بۇ توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش ئۈچۈن بىر قوشۇن تەييارلاپ، ئۇنىڭغا ئەيسا دادخاھ قوشبېگىنى باشلىق قىلىپ ياردەمگە ئەۋەتىدۇ. ئەمدى خېلىلا قۇدرەتلىك ھەربىى كۈچكە ئىگە بولۇپ قالغان جاھانگىر خوجا شۇنىڭ بىلەن 1826 – يىلى ئەتىيازدا قەشقەرگە ھۇجۇم باشلايدۇ. ئۇ ھۇجۇم باشلاشتىن بۇرۇن، چوڭ بوۋىسى ئاپاق غوجىنىڭ قەشقەردىكى مۇرىتلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالىدۇ. نەتىجىدە قاتتىق جەڭ بولۇپ، ئىچكى- تاشقى قورشاۋدا قالغان مەنچىڭ ئارمىيەسى يېڭىلىدۇ. جاھانگىر خوجا قەشقەرگە غەلىبە بىلەن كىرىپ كەلگەندە، قەشقەر خەلقى ئۇنى داغدۇغا بىلەن قارشى ئالىدۇ… ئۇ قەشقەرگە كىرىپ ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى سىيىت جاھانگىر سۇلتان دەپ ئېلان قىلىپ، قەشقەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ.ئىككىنچى قەدەمدە، مەنچىڭ تەرەپتىن قويۇلغان، خەلققە چەكسىز زۇلۇم سالغان قەشقەر ھۆكۈمرانى مۇھەممەد سىيىتنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سىيىتنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان خەلق جاھانگىر خوجىغا ئىشىنىپ ئۇنى قوللايدۇ…
جاھانگىر خوجىنىڭ تەسىرى بىلەن، زورلۇق- زومبۇلۇققا چىدىيالماي ئاران تۇرغان يېڭىشەھەر، يەركەن، خوتەن، خەلقلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مەنچىڭ چېرىكلىرىنى قوغلاپ يۈرۈپ كوچا- كويلاردا ئۇجۇقتۇرىدۇ، يېڭىشەھەر قورغىنىدىكى ئەسكەرلەر قانچىلىك قارشىلىق كۆرسەتمىسۇن، قانات – قۇيرۇقى كېسىلىپ بېلى ئوشتۇلغانىدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قورغىنىدىكى چىڭ ئەسكەرلىرىنى تەسلىم قىلىپ بۇ قورغان تۈزلىۋېتىلىدى.
تاجاۋۇزچى جاھانگىر خوجا قەشقەردىكى ھاكىمىيىتىنى بىر ئاز رەتكە سېلىۋالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قوقەن خانى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرتىپكە سالماق بولىدۇ. قوقەن خانى مەدەلخان، ئۇنىڭ غەلبىسى مېنىڭ كۈچۈم بىلەن قولغا كەلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن قەشقەر خانلىقى «مېنىڭ قارمىقىمدا بولۇپ، ماڭا بويسۇنۇشى كېرەك» دېگەن تەلەپنى قويىدۇ. ئاقسۆڭەك خوجىلار بۇنىڭغا ئۇنىمايدۇ. مەدەلخان ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا چوڭ بىر قوشۇن ئەۋەتىدۇ. بۇ قوشۇن قەشقەر يېڭىشەھەر ئەتراپىدا جاھانگەر خوجا ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ، 1000 ئادىمىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئامالسىز قايتىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا مەنچىڭ چېرىكلىرىنىڭ يولغا چىققان خەۋىرى كېلىدۇ. ئاقسۇ بىلەن مارالبېشى يەنىلا مەنچىڭ چېرىكلىرىنىڭ قولىدا ئىدى. قەشقەرگە كىرىشتە بۇ جايلار زور ئىستىراتېگيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
ئىلى جىياڭجۈنى جاھانگىر خوجىنى ئۈزۈل-كېسىل تارمار قىلىش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشنى قارار قىلىدۇ. جاھانگىر خوجا قەشقەرنى ئاران ئالتە يىل تۇتۇپ تۇرالايدۇ. چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەسكەر مەنبەسى خۇيزۇ، موڭغۇل، شىۋە، سولانلار ئىدى. ئۇلاردىن تەشكىللەنگەن 100 مىڭ كىشىلىكتىن ئوشۇق قوشۇن 1827- يىلى 1- ئايدا ئاقسۇغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇنىڭغا ئاقسۇ، مارالبېشىدىن ئېلىنغان خۇيزۇ قوشۇنلىرى قوشۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ تاكتىكىسى 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇن زاۋال دەرياسىنىڭ ئىچى بىلەن مېڭىپ، چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ خوتەنگە ھۇجۇم قىلىش، تاللانغان 7000 كىشىلىك قوشۇن يەركەنگە ھۇجۇم قىلىپ، قالغان زور قوشۇن قىزىل دەرياسىنىڭ ئىككى قاسنىقىنى ياقىلاپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىش ئىدى. شۇ پېلان بويىچە ھۇجۇمنى چاقماق تېزلىكىدە باشلايدۇ….
مەنچىڭ چېرىكلىرى يېڭىئاۋاتقا يېتىپ كەلگەندە، جاھانگىر خوجىنىڭ بۇ جايغا توپلانغان 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلار قاتتىق جان تىكىپ ئېلىشىدۇ… ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي قەشقەر قوشۇنى تىرىپىرەن بولۇپ چېكىنىدۇ. مەنچىڭ چېرىكلىرى قەشقەرنى ئۈچ تەرەپتىن ئامبۇردەك مۇھاسىرگە ئالىدۇ. شۇ كېچىسى جاھانگىر خوجا قاراپ تاغقا قاراپ قاچىدۇ. ئەمما، داۋاننى قېلىن قار قاپلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۆتەلمەي قايتىپ كېلىپ بىر نەچچە كۈن مۆكۈپ تۈرۈپ، ئاخىرى قولغا چۈشىدۇ. ئۇ بېيجىڭغا – خاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ قەتل قىلىنىدۇ. قەشقەرگە ياڭ دارىن(ياڭ فاڭ) رەھبەرلىكىدىكى گارنىزوننى قالدۇرىدۇ. ئۇلار خوجالار تۈزلىۋەتكەن يېڭىشەھەرنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ قېتىمقى خوجىلار بىلەن بولغان جەڭدە ئىسھاق بەگ زور كۈچ چىقارغىنى ئۈچۈن قەشقەر ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلىنىدۇ.
مەنچىڭ چېرىكلىرى قوزغىلاڭنى تىنجىتقاندىن كېيىن، بۇ قوزغىلاڭغا قاتناشقان خەلققە دەھشەتلىك تېرورلۇق يۈرگۈزۈپ، 12 مىڭ تۈتۈننى ئىلى جياڭجۈنىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن يانچى قىلىپ ئىلىغا كۆچغرىدۇ. بۇ جەنۇپ ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1767 – يىلىدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىم سۈرگۈن قىلىنىشى ئىدى. مانا شۇ ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان 12 مىڭ تۇتقۇن ئىچىدە، بۇ قوزغىلاڭغا بىۋاستە قاتناشقان، قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇم بىلەن ئاكىسى ئابدۇللا خوجىمۇ بار ئىدى.
بىز بۇ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشتىن نۇزۇگۇمنىڭ ھەقىقەتەن رېئال شەخس ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئەمما، نۇزۇگۇم قاچان تۇغۇلغان؟ نەچچە يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن؟ قانداق قىز ئىدى؟ دېگەندەك ئىنچىكە تەپسىلاتلار ھەققىدە بىز يەنىلا قىياسقا تايىنىمىز.
ئابدۇرېھىم سابىت تۈزگەن «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» دا «نۇزۇگۇم تەخمىنەن1808 – يىللىرى قەشقەر ئەتراپىدا بىر كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەسلىي ئىسمى ‹چولپانگۈل› بولسىمۇ…(259-بەت)» دېيىلگەن. ئىلىغا قىلىنغان بۇ سۈرگۈن 1827 – يىلى يۈز بەرگەن. ئۇنداقتا بۇ چاغدا نۇزۇگۇم 20 ياش ئەتراپىدا بولىدۇ. گەرچە ئېنىق 1808 – يىلى تۇغۇلغان دىيەلمىسەكمۇ 1805 – يىلى 1810 –يىلى ئارلىقىدا تۇغۇلغان دەپ ھۆكۈم چىقرالايمىز. ئىسمىنىڭ «چولپانگۈل» ئىكەنلىكىمۇ بىر قىياس. ئەمما، نۇزۇگۇمنىڭ قوشاقلىرىدا ئۆزىنى نۇزۇگۇم دەپ ئاتىشىدىن قارىغاندا، ئەسلى ئىسمىنىڭ نۇزۇگۇم بۇلۇشى ئەمەلىيەتكە بەكرەك ئۇيغۇن.
نۇزۇگۇم ھەققىدىكى يەنە بەزى تارىخى مەلۇماتلارنى موللا بىلالنىڭ قىسسەسىدىن كۆرەلەيمىز. بۇنىڭدىكى ئۇچۇرلارنى باشقا مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چىن دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، چۈنكى، بۇ قىسسە يۇقىرىقى ۋەقە يۈز بېرىپ 55 يىلدىن كېيىن يېزىلغان بولۇپ، نۇزۇگۇم ھەققىدە ئەڭ بالدۇر يىزىلغان يازما ئەسەردۇر. شائىر مۇنداق يازىدۇ: «بۇ ۋاقىئاتلار كوناسال ئادەملەرنى موللا بىلال ئىبىن موللا يۈسۈپ نازىم ئۆيىگە چىللاپ كەلتۈرۈپ، تەھقىق بىلەن سوراپ، ئاڭلاپ، بىلىپ 1299 – يىلى روسىيە تارىخىدا 1882 – ماھى جۇمادىيەل ئەۋۋەلنىڭ 5- كۈنى غۇلجا مەۋزىيىدە تەھرىر تېپىلدى.» (بۇلاق 1981 – يىلى 1- سان 208- بەت)
شائىر توختاجى روزى ئۆزى ماڭا مۇنداق مەلۇمات بەرگەن: شائىر1966 – يىلى قەشقەردە تۇرغاندا شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەر ئويغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ باش تېۋىپى ھېپىزىخان مەخسۇم بىلەن بىرگە تۇرغان. توختاجى روزىنىڭ ئېيتىشىچە، ھېپىزىخان مەخسۇم بۇخارا، ھىندىستانلاردا ئۇزۇن يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئۆزى پىشقان موللا، ئۇستا تېۋىپ كىشىكەن. توختاجى روزى شۇ كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ، نۇزۇگۇم ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاقلاپ، ئاندىن ئىلھاملىنىپ نۇزۇگۇمنى يازغان. مەخسۇمغا نۇزۇگۇم ھەققىدىكى گەپلەرنى دادىسى دەپ بەرگەنىكەن. ھېپىزىخان مەخسۇمنىڭ شائىرغا دەپ بېرىشىچە، مەخسۇمنىڭ بوۋىسى نۇزۇگۇمنىڭ بوۋىسى بىلەن يېقىن قوشنا – بۇرادەرلەردىن ئىكەن. نۇزۇگۇمنىڭ دادىسى ئۇستا نەققاش بولۇپ، قەشقەر ھېيتگاھىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق قايتا رېمۇنتىغا قاتنىشىپ بارلىق نەقىشلىرىنى ئويغانىكەن. نۇزۇگۇم قەشقەرنىڭ تۈرمىتاي كۆلبېشى دېگەن مەھەللىسىدە تۇغۇلغانىكەن ھەم دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان موللا قىز ئىكەن (بۇ بايان موللا بىلالنىڭ نۇزۇگۇم موللا قىز ئىكەن، دېگەن بايانى بىلەن ئۇدۇل كېلىدۇ ھەم نۇزۇگۇمنىڭ قوشاقلىرىنىڭ سەۋىيەسىدىن ئۇنى ئوقۇغان، بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە دەپ ھۆكۈم چىقارساق خاتالاشقان بولمايمىز) ھەم دادىسىمۇ ھەقىقىي بىر خەلق قوشاقچىسى ئىكەن. نۇزۇگۇمنىڭ سۆيگىنى باقى بولسا دادىسىنىڭ شاگىرتى ئىكەن.
يۇقىرىقى ئاغزاكى بايانلارنى كەسكىن توغرا دېيىشكە ئاساسىمىز بولمىسىمۇ، مۇئەييەن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
ئەمدى بىز ئۆزىمىز ئېرىشكەن ماتىرياللاردىن تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىرالايمىز:
1) نۇزۇگۇم تارىختا ئۆتكەن بىر رېئال شەخس.
2) 1805~1810 – يىللىرى قەشقەردە تۇغۇلغان.
3) ئۇ ئوقۇغان قوشاقلاردىن ئۇنى موللا دېگىلى بولمىغاندىمۇ، ئۇنىڭ ساۋاتلىق ئىكەنلىكى، بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىق.
4) توي قىلغان، قىلمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. موللا بىلالنىڭ قەلىمىدىكى نۇزۇگۇمنىڭ قوشىقىدا:
چەمپەن بېرىپ ئۆلتۈرگەن،
ئۈچ ياشتىكى بالامنى.
دېيىلگەنلىكىدىن توي قىلغان چوكان دەپ بىلىمىز. ھېپىزىخان مەخسۇمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ چاغدا نۇزۇگۇم ئەمدى رەسىدە بولغان قىز ئىكەن. باشقا ئەسەرلەردىمۇ تولىراق قىز دەپ تەسۋىرلەنگەن. خەلق داستانىدىكى قوشاقتىمۇ مۇنداق كەلگەن: