XERHAN يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 06:15 PM
ھىرات شەھىرىنىڭ ھازىرقى ئورنى قەيەردۇ ؟ نىمە ئۈچۈن نەۋ ...
ھىرات ھازىر ئافغانىستانغا تەۋە . ھەزرىتى نەۋائىي زامانىدا ئەمىر تۆمۈر كوراگاننىڭ ئەۋلادلىردىن ھۈسەيىن بايقارا خۇراسان مەملكىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى ، نەۋائىي ،خاندەمىر ،بىېھزات قاتارلىق ئالىملارنىڭ تىرشچانلىقىداۋە پادىشاھنىڭ مەرىپەت ئادالەت ئەھلىنى دوست تۇتقانلىقى سەۋەبلىك پايتەخىت ھىرات شۇ دەۋردەجاھانغا مەشھۇر مەدەنىيەت مەركىزى بولغان . بايقارانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بەدىئۇززامان بىلەن مۇزەپپەر مىرزىلار بابۇرنىڭ مەسلىھەتىگە كىرىپ ئىتپاقىلىشىپ ،دەشتى قىپچاقتىن كەلگەن شەيبانىخاننىڭ ئۆزبىكلىرىگە تاقابىل تۇرماستىن ،ئەكسىچە بىرى -بىرى بىلەن تەخت تالىشىپ ئاخرى شەيبانىخانغا يەم بولدى ، ئۇزاق ئۆتمەي ئىران سەپەۋىلەر خانلىقنىڭ پادىشاھى ئىسمائىل شاھ شەيبانىخاننى ئۆلتۈرۈپ خۇراساننى بېسىۋالدى ،شۇندىن ئىتبارەن خۇراسان ئىراننىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ كەلمەكتە.
پەرغانە ۋادىسىدىن تارتىپ پۈتۈن ماۋارەئۈننەھرى ۋە خۇراسانلارنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، ئولۇغ بوۋسى قۇرغان بۈيۈك تىمۇرىيلەر مەملىكىتىنى تىرۈلدۈرىشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن بابۇر ،نىشانىنى ئۆزگەرتىپ پۈتۈن ھىندىستان ۋە ئافغانىستاننى بويسۇندۇرۇپ ، مۇغۇل ئىمپىريىسىگە ئاساس سالدى .
كەچۈرۈڭ ، ۋالاقلاپلا كېتىپتىمەن . قىزقسىڭىز ئايبىكىىڭ «نەۋائىي »،پىرمقۇل قادىروۋنىڭ «يۇلتۇزلۇق تۈنلەر» ياكى بابۇرنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «بابۇرنامە»لەرنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ .