ئۇيغۇر تېخنىكا ساھەسىنىڭ باشلامچىسى، جۇڭگودىكى ئون مۇنەۋۋەر IT مۇتەخەسىسى، ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتىماتېكا-سېستىما پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندىنى تونۇمايدىغانلار يوق. ئالدىنقى مەزگىللەردە ئالىم ئەھەت ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قان-تەرلىك جاپا مۇشەققەت بەدىلىگە كەلگەن Windows سېستىمىسغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى كىرگۈزۈش پىلانى ئەمەلگە ئىشىپ، Windows سېستىمىلىق كومپىيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەت بولۇش ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. بۇ شانلىق نەتىجىگە ئۇلىشىپ نۆۋەتتە Windows تېلېفۇنىغىمۇ ئۇيغۇرچە خەت بولىقى كىرگۈزۈشنى مىكرو سوفىت Windows شىركىتىگە ئىلتىماس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىلتىماسنىڭ تەستىقلىنىش ياكى تەستىقلانماسلىقى بىلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىكەن.
ناۋادا بۇ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشسا، ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى نۆۋەتتە يەر شارىدا نوپۇزى بار Windows تېلېفۇنىغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت بىر شانلىق نەتىجە بارلىققا كىلىدۇ. بىز ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تېخنىكا ساھەيىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى ئايىمايمىز.
تۆۋەندىكىسى بىلەت تاشلاش بىكەت ئادرىسى:
http://windowsphone.uservoice.com/forums/101801-feature-suggestions
بۇ تور بەتنى چەككەندىن كىيىن تۆۋەندىكى كۆرسىتىلگەن Uyghur language suopport نىڭ ئۇدۇلىدىكى Vote دېگەن كۆزنەكنى باسىسىڭىز، 1Vote ، 2Vote ۋە 3Vote دەپ چىقىدۇ، شۇنىڭ ئىچىدىكى 3Vote نى باسسىڭىز بولىدۇ. سىز بىلەتنى شۇ بەتنى قايتا چىكىش ئارقىلق يەنە قايتا تاشلىسىڭىز بولىدۇ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك:
1 سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (102.1 KB)
ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنىڭ خەلقئارالىق تەرەققىياتى ئۈچۈن، قىنى ھەرىكەتكە كىلىڭ!
مەنبە:ئالىپ تورى