ئەمۋاينىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئالىي مەكتەپكە يىڭى بارغان ۋاقلار ئىسىمگە كەپ قالدى.
شىنخۇا كىتابخانىسىدا كىتاپ كۆرۋاتسام بىر بالا كىلىپ ئەتە لىكسىيە با .ئاقلاپ بىقىڭ ..بەلكىم بۇ لىكسىيە ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن دەپ شۇنداق ماختاپ كەتتى..مەنمۇ ھە بوپتۇ ئاڭلاپ باقاي دەپ ئەتىسى ياتىقىمىدىكى يەنە بىر بالىنى بىللە ئىلىپ بىرىپتىمەن...
لىكىسىيە مەزمۇنى قانداق پۇل تىپىش ,قانداق قىممەت يارىتىش,قانداق قىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئىلىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا بولدى ..ماڭدامدا بىر چاۋاكلار چىلىنىپ ئالقىشلار ياڭىرىتىلدى(ئەسلى بۇ چاۋاك ۋە ئالقىشلار يىڭى قاتناشقۇچىلارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئەتەي ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئويۇنكەن.).لىكىسىيە ئاخىردا ئەمۋاينى ناھايتى دەبدەبىلىك قىلىپ تونۇشتۇردى..
لىكىسىە تۇگكەندىن كىيىن ئاڭلىغۇچىلار تەسىراتنى سۆزلەپ نۆۋەت ياتىقىمدىكى بالىغا كەلگەندە ئۇ بەكمۇ ھاياجانلانغانلقىنى ,نۇرغۇن تەسراتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى دەپ بەكمۇ ئۇزاق سۆزلىدى..منىڭ ھەيران قالغىنىم ياتاقتا تۇزۈك گەپمۇ قىلمايدىغان بالا ئاشۇ لىكسىيەنىڭ كۈچىدە ئاغزى ئىچىلىپ كەتكەنئدى.
تىخى بىر بالا بىز ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرىنى سىتىپ خەخنىڭ ئىشك ئالدىغىچە باردىكەنمىز..ئەگەر ئۇلار بىزنى سەتلىۋەتسە ,تىللىسا قانداق قىلىمىز دىسە، لىكسىيە سۆزلىگۇچى قوپاپ گەپ قىلماي كىتىڭلار.كۆڭلۈڭلار يىرىم بولغان بولسا بىزگە تىلفۇن قىلىڭلار كۆڭلۈڭلارنى بىز ياسايمىز دىمەسما..سەت كۈلۈپتىمەن ئىچىمدە...
مەكتەپكىمۇ قايىتتۇق..ھىلقى ياتاقداش شۇنىڭدىن كىيىن ئۆزگەردى..كىمنى كۆرسە ئەمۋاينى تەشۋىق قىلىپ تونۇشلارنىمۇ زىرىكتۇردى .كەچتە ياتاقتىكى بالىلارغا ھاياجانلىنىپ ئۇزاق سۆزلىدى . دەسلەپتە ھە دەپ ئاڭلىدۇق..قايلىىساق يەنە شۇ گەپ ئايغى تۇگمەيدىغان..ئۇنى دەپ بىقىپ بۇنى دەپ بىقىپ توختىتالماي...ئامال يوق تقانغا پۇركىنىپ ئۇخلاپتۇق..ئۇخلاپ بىر چاغدا بىرسى توۋلىغاندەك بولدى قارىسام ھىلقى بالا تىخى گەپ قىلىشتىن توختىماپتۇ..
شۇنداق قىلىپ بۇ ياتاقداش ئەمۋاينى تەشۋىق قىلىپ ئاخىرى “كاسكى” دىگەن لەقەمنىمۇ ئالدى..
ئوقۇشتىنمۇ يالتىيىپ ئىككى ئۈچ كۈن بولغاندا ئۆيگە تىلفۇن قىلىپ دادسىغا مەكتەپتە ئوقۇماي ئەمۋايچىلىق قىلدىغانلىقىنى ئىيتىپ كۆپ چۈشۈندۈردى .....دادىسى قوپاپ ئوقۇمايدىغان ئىشىڭ بولسا ئۆيگە يىنىپ كىلىپ قوي باق،ئىغىلنىڭ قىغىنى چىقا دىمەسمە ئا بالا گەپ قىلالماي خوش دەپ تىلفۇننى قويىۋەتتى..
شۇنداق قىلىپ بۇ ياتاقداش باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئىرشەلمەي بارا بارا بۇ ئىرادىسىدىن ياندى...
ھازىر ئالاقىلاشقاندا تە قىپ قويىمەن ...ھە ئەمۋايچىلىق قىلمىدىڭمۇ دەپ..
يەنە بىر تونۇشۇممۇ بۇ ئەمۋاينى مەكتەپتە داڭلاپ سىتىپ ئاقتۇرۇلماي ،تولا سۆزلەپ تونۇش باللىنمۇ زىرىكتۇرۇپ ئاخىرى ئۆزىمۇ توختاپ قالدى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا asrar729 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-11 01:52 AM