شۇنداق قىلىپ نىمىگە بىلەت تاشلاۋاتقانلىقىڭلارنى ئۇقتۇڭلارغۇ دەيمەن. ئەمما بۇنىڭدا ئۈمىد چوڭ ئەمەس، ئىلتىماسمۇ تولۇق يىزىلماي قالغان. ناۋادا ئىلتىماسمۇ قوبۇل قىلىنسا ۋىندوۋىسمۇ ماقۇل دەپ تەستىقلاپ بىزگە ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىلا قوشۇپ بەرسە بىزگە نىمە پايدىسى.. ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى ئىشلىتىمەن دىسە ھازىرقى بەيدۇ كۇنۇپكا تاختىسىدا ئىزدىسەك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى خەت تىرە ھۆججىتى بار. شۇنى ئىشلىتىۋەرسەكمۇ بولىدۇ... ئەسلى ئىلتىماسنى بىزگە مۇقىم فونىت قاچىلانغا ئۇيغۇرچە سىستىما كېرەك دەپ يازغان بولسا تىخىمۇ مۇكەممەل بولاتتى دەپ ئويلاپ قالدىم... بىزنىڭ ئىھتىياجلىق بولىۋاتقىنىمىزمۇ دەل مۇشۇ ئىدى... شۇڭلاشقا ھەر قانداق بىر ئىلتىماس سۇنغۇچى چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن ئىلتىماس سۇنۇڭ مەيلى قانداق ئىشتا بولسۇن...
تىمىنى كۈرۈپلام ئاتلاپ ئۈتۈپ كېتەي دىگەنتىم، لىكىن ئۈستىدىكى خاتالىقلارنى كۈرۈپ جىم تۇرالمايدىغان مىجەزىم ئېختىيارسىز كۇنۇپكا تاختىسىنى بىسشقا مەجبۇرلىدى.
قارىغاندا سىز تېخى wp8 سىستىمىلىق تىلفۇنلارنى بەك چۈشەنمەيدىغان ئوخشايسىز، ۋىندۇس8 ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، مىكروسوفىت يانغۇن، ئەيپاد قا ئوخشاش كۆچمە ئۈسكىنلەرگە ماسلاشتۇرۇپ مەشغۇلات سىستىمىسى ئېلان قىلدى، بۇ مەشغۇلات نامى Windows phone8 دەپ ئاتالدى. (يادرۇسى windows8)
مەشغۇلات سىستىمىسى ئېلان قېلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بۇ مەشغۇلات سىستىمىسىنى ھازىرغىچە، ئاندۇرد سىستىمىلىق تېلفۇنلارغا ئوخشاش روتلاپ (ئالىي باشقۇرغۇچى ھۇقۇقىغا ئېرىشىپ)، بەيدۇدىن تېرە ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش تۈگۈل، سىستىمىنىڭ ئالىي ھۇقۇقىنى ئالالمايۋاتىدۇ. بەكراق ھەپىلەشسىڭىز مەشغۇلات سىستىمىسىدا خاتالىق چىقىپ، مىكرو سوغىتنىڭ قۇرالى بىلەنلام مەشغۇلات سىستىمىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن مىكرو سوفىت ئورگان تورىغا پىكىر بىېرىش ئارقىلىق، مۇشۇ كىچىككىنە تەكلىپكە چۈشكەن بىلەت سانى ئارقىلىق ئەل رايىنى سىناۋاتىدۇ.
يازمىڭىزدا ناۋادا ئىلتىماسمۇ قوبۇل قىلىنسا ۋىندوۋىسمۇ ماقۇل دەپ تەستىقلاپ بىزگە ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىلا قوشۇپ بەرسە بىزگە نىمە پايدىسى. دەپسىز.
بىزگە پايدىسى ناھايىتى كۆپ، كىرزىسقا توسقان ھازىرقى مۇھىتتا، ھىچ بولمىغاندا ئانا تىلىمىزنى ھىچقانداق ئۈچىنجى قىستۇرما، پىروگراممىلىرىغا تايانماي تۇرۇپ، راۋان ئانا تىلىمىزدا قىسقا ئۇچۇر، خەت-پەتلەرنى يازالايمىز. بىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش راۋان ئالاقە قىلىپ كەتسەك، بۇ بىزگە پايدىسى ئەمەسمۇ؟!
ئالىم ئەھەت ئاكىمىزنىڭ ئىيتىشچە، بىلەت سانى 100 مىڭدىن ئاشقان تەكلىپلەرگە چۇقۇم جاۋاپ قايتۇردىكەن. بولسا قۇلىڭلاردىن كىلىشچە تەشۋىق قىلساق تېخى ياخشى. بولمىسا بىر يىلدىن كىيىن ئاندىن يەنە تەكلىپ بېرىش پۇرسىتى كىلىدۇ.
سىلگە تەكلىپ: بولسا ماۋۇ تىمىدىكى تەكلىپىڭلىنى ئالىم ئەھەت ئاكىمىزنىڭ بلوگىغا قالدۇرۇپ قويساڭلار، قايىل قىلارلىق جاۋاپلارغا ئېرىشىپ قىلىشىڭلار مومكىن ئىدى.
ئادرىسى:
http://www.alimahat.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ArmanimⅡ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-11 03:56 AM