بۇ يىل يانۋار ئېيىدا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبى- شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش بازىسىىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى رەپقەتجان تۇرسۇنجان بىلەن توققۇز يىللىق توختام بىلەن گۇاڭخۇي كوماندىسىغا قۇبۇل قىلغان.
رەپقەتجان تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر، خوتەن شەھرىدىن، 1998-يىلى تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىكى 1.98 مىتىر، بەدەن ئىغىرلىقى 69 كىلوگىرام، ئالدى سەپ ھۇجۇمچى، ئۇ خوتەن شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ، خوتەن ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە مەكتىۋىدە ئۇقۇغان، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش بازىسىىدا تەربىيەلەنگەن. نۆۋەتتە رەپقەتجان تۇرسۇنجان شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار كوماندىسىدا مەشىقلەندۇرلىۋاتىدۇ.