جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 13-فېۋرال خەۋىرى: جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6 گە قەدەر، خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 7.3 بال يەر تەۋرەشتە جەمئىي 739 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەنلىكى خاتىرلەنگەن، بۇنىڭدا 5.0-5.9 بال يەر تەۋرەش بىر قېتىم، 4.0-4.9 بال يەر تەۋرەش 10 قېتىم، 3.0-3.9 بال يەر تەۋرەش 20 قېتىم بولغان.
خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 5 كىچە بولغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، كېرىيە ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 7.3 بال يەر تەۋرەش خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە، لوپ، قاراقاش، نىيە، چىرا قاتارلىق ناھىيدە 6300 ئادەمنى ئاپەتكە ئۇچراتقان، 900 ئادەم بىخەتەر جايغا جىددىي يۆتكەلگەن، 3000 غا يېقىن ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ياكى زىيانغا ئۇچرىغان، 2400 ئېغىز ئۆي ئادەتتىكى زىيانغا ئۇچرىغان، قىسمەن چارۋا قوتانلىرى زىيانغا ئۇچرىغان، 178 تۇياق مال ئۆلگەن، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 33 مىليون يۈەن بولغان. ۋاقتىنچە ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە دوكلات يوق.