كىلىتچى يوللىغان ۋاقتى 2014-2-16 03:21 PM
قېرىنداش ، تولا ئىمارەتلىكلەرگە يان باسماڭ ! بۇ خەقن ...
مەن بۇ يەردە ئۇ ئەرەبلەرگە يان بېسىپ ئولتارمىدىم..سىز خاتا چۈشۈنىۋالغان ئوخشايسىز....بىراق مەن ھەقنى ھەق ،كۆرگەننى كۆرگەن چۈشەنگەننى چۈشەنگەن بۇيىچە ئىنكاس يېزىۋاتىمەن..توغرا،بەزى ئەرەبلەرنىڭ كىبىرلىككە تولغان،باشقا مىللەتلەرنى ياراتمايدىغان بىر قىسىم كىشىلىرىمۇ بار،بىراق سىز دېگەندەك ھېچ قاچان بىر مىللەتنى پەس ياكى قۇل ئورنىدا كۆرمەيدۇ..بۇلۇپمۇ ھېندىستانلىق ۋە جۇڭگۇلۇقلارنى.نېمىشقا؟دۈبەينى دۈبەي قىلىشقا كۈچ چىقارغان يەنە شۇ ھېندىستانلىق(ئاساسەن قۇرۇلۇش خادىملىرى،ئالتۇن سودىگەرلىرى،نۇرغۇنلىغان چوڭ شىركەتلەر ۋە دۇككانلار ھېندىستانلىقلارنىڭ ئىلكىدە)،جۇڭگۇلۇقلار(دۈبەينىڭ ساياھەت سودا كىرىم مەنبەسىنىڭ ئاساسى)،فىلىپىنلىقلار(بالا باققۇچى،تېخنىكلار) ياۋرۇپالىقلار ۋە ئامىركىلىقلار..تۈرۈكلەر دېگەندەك ،ئۇلارنىڭ ھېچ بىر قايسىنى پەس ئورۇندا كۆرۈپ قۇل ئورنىدا ئىشلەتمىدى..سىز بۇ يەردە قۇل بىلەن ئىشلەمچىنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىشڭىز كېرەكتى...مەيلى ئىشلەمچى ياكى بالا باققۇچى بۇلسۇن،ھەممىسىنى سىز بە بىزنىڭ ئايلىق مائاشىمىزدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى مائاش ئېلىپ ھالال پۇل تېپىپ ئىشلەيدۇ.كىشىلىك قەدىرىنى قىلىدۇ....ئەگەر ئۇلار كىبىرلىك قىلغان بۇلسا،ئۇلار ئۇ يەردە تۇرمىغان بۇلاتتى..
خوش ئەمدى،سىز نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ئەرەبلەرگە كىچىك خوتۇن بۇلۇشقا رازى ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتۈپسىز..قارىغاندا سىز دۈبەيدە تۇرغىنىڭىز بىلەن چۈشەنمەيدىغان ئوخشايسىز..بۇ تۇغۇرلۇق دېسەم گەپ جىق..ھەتتا بېرىپ ئوغۇللارغىمۇ تاقىشىدۇ..ۋىجدانى بار بىرسىنىڭ بىر قىزنى ئەخمەق قىلىمىغان بۇلسا،غۇرۇرى بىلەن ۋىجدانى بىلەن ئاشۇ قىزلارغا ئىگە بۇلماي،مۇھەببەتنى ئويۇن ئورنىدا كۆرۈپ ئەخمەق قىلىپ يۈرسە،مۇسۇلمان دۆلىتىدە تۇرغان بىر ئەركەكنىڭ توغرا يوللارغا باشلىماي يۈرسە قانداق بۇلماقچى ئىدى....ئەرەبلەر بىلەن توي قىلماقچى بۇلغان قىزلارنىمۇ كۆرگەنمەن.ئۇلارنىمۇ ئوبدان تۇنۇيمەن.ئۇلار نېمىشقا شۇنداق يولغا كىرىپ قالىدۇ؟شۇنداق ياخشى قىزلار بار ئىدى،مۇھەببەتنىڭ ئويۇنى بۇلۇشقا خالىماسلىقى سەۋەبىدىن شۇنداق يوللارنى تاللاشقا مۇھتاج بۇلۇپ قالدى. ئەلۋەتتە دۈبەيدە بۇنداق ئەرەبلەرگە تەكگەن قىزلار ساناقلىقلا...ئۇلاردىن ئاغرىنماڭ....ھەر بىر كىشىنىڭ تۇتقان يۇلى باشقا..گەپ سىزنىڭ ياكى مېنىڭ ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىشىمىزدا....
پۇلنىڭ قۇدىرىتىگە بەك ئىشىنىدىغان دۆلەت دەپ ئاشۇرۇۋىتىپسىز.....بىر دۆلەت ئۈچۈن ئىقتىساد بۇلمىسا تەرەقىيات بۇلمايدۇ..پۇل پۇلنى تاپىدۇ..قاراملىق نەتىجىنى يارىتىدۇ......بۇ مىللەتتىن پەقەت سىزگە ياخشىلىق كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن سىز بىزگە ياخشىلىك كەلمەيدۇ دېمەڭ..كۈنلەر ئۇزۇن،ياخشىلىك كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن..بىز ئۇلارغا ياكى ئۇلار بىزگە قەرىزدار ئەمەس...
يەنە دېسەم يەنە شۇ مەن بۇ يەردە ئەرەپپەرەس بۇلۇۋالغىنىم يوق...مەنمۇ بۇ مىللەت بىلەن كۆپ ئارلىشىمەن.سودا ئىشلىرى دېگەندەك.2008-تۇتۇپ بەرگەن ۋەقەنى ئېيتسىڭىز..مەن ئۇ چاغدا دۈبەيگە تېخى چىقمىغان ،بىراق بۇ تۇغۇرلۇق ئىشلارنى كونسۇل ۋە باشقا قېرىنداشلاردىن ئاڭلىغان.خەقنىڭ دۆلىتىدە بىر يەرگە ھۇجۇم قىلسا،پارتلىتىشقا ئۇرۇنسا،ئەمەس قانداق قىلىش كېرەكتى؟تاماشا كۆرۈش كېرەكمۇ؟ئۇنتۇپ قالماڭ،ئۇلار تۇتۇلۇشقا ھەق....بىزنىڭ دىنىمىزدا تېرورلۇق ھۇجۇمىنى،قاتىلىقنى تەشەببۇس قىلمايدۇ،ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا،قارشى تۇرىدۇ،يامان بۇلىدۇ.شۇلارنى تۇتۇپ بەرگەن يەنىلا شۇ ۋەتەن سۆيەر قېرىنداشلىرىمىز..
ھېلىمۇ شۇلارنى جۇڭگۇغا دەرھال ئەۋەتىۋەتمىدى..ئاڭلىشىمچە ئۇلارنى 8يىل تۈرمىگە كېسىپتۇ.ۋاقىت توشقاندىن كېيىن جۇڭگۇغا قايتۇرىدىكەن.بۇنى شۇ يەردىكى گېزىتتە كۆرگەن ئىدىم.
ھالال ھاراملىقىنى ئايرىماي.***يەيدۇ..شۇنداق بەزەن بىر قىسىم ئەرەبلەر دىنى يوق،يەنە بەزەنلىرى خىرىستىئان...ھېچ قانداق بىر ئەرەبنىڭ ياكى باشقا بىر دىندىكى كىشىنىڭ تۇغۇلىشىدىلا مۇسۇلمان،خىرىستىئان،بۇددىست بۇلۇپ تۇغۇلىدۇ دەپ قانۇنىيەت يوق.شۇڭا بۇنىڭدىن ئاغرىنماڭ،ئۈلگە قىلماڭ...مەيلى ئۇ مۇسۇلمان بۇلسۇن،يات دىندىكى كىشى بۇلسۇن،قىلغان ئىشى ئۆزىگە.ھەممە ئەرەبنىڭ مۇسۇلمان بۇلىشى ناتايىن..سىز بۇ تۇغۇرلۇق چۈشەنچىڭىزنى ئايدىن قىلىۋىلىڭ...بىزنىڭ مىللىتىمىزدىنمۇ بەزى بىر قىسىم ئاز ساندىكى كىشىلەرمۇ بىلىپ بىلمەي باشقا دىنغا چوقۇنىدۇ ئەمەسمۇ؟
.بىزگە زىيىنى بۇلسا بۇلىدۇكى پايدىسى يوق مىللەت دېگىنىزنى كۆرۈپ.......
بۇلدىلا....