تاجىسىمان يۈرەككېسىلى دىگىنىمىز، ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان يۈرەك مۇسكۇلىغا قانيېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى بولۇپ، تاجسىمان ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىخارەكتىرلىك يۈرەك كېسەللىكى ئاساسلىق ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. بۇ كېسەللىك ئوتتۇراياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇلتىقىلمىسى، يۈرەك مۇسكۇلىغا ئېغىر دەرىجىدە قان يېتىشمەسلىك، تۇيۇقسىز ئۆلۈم،ئالامەتسىز تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يۈرەك سانجىقىئۆز ئىچىدە تۇراقلىق يۈرەك سانجىقى ۋە تۇراقسىز يۈرەك سانجىقى قاتارلىقلارغابۆلۈنىدۇ. تۇراقلىق يۈرەك سانجىقى تاجىسىمان ئارتىرىيەنىڭ تارىيىسى ئاساسىدا،يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ يۈكى ئارتىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان يۈرەك سانجىقىنىكۆرسىتىدۇ. بۇ خىل يۈرەك سانجىقى كۆپىنچە زىيادە چارچىغاندا، زىيادە ھاياجانلانغاندا،زىيادە تويۇنغاندا يۈز بېرىدۇ.
تۇراقسىز يۈرەكسانجىقى بولسا، تاجىسىمان ئارتىرىيەدىكى بوتقىسىمان قېتىشىشتىن كېلىپ چىققان ئاجىزپەردىلەرنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، زىيادە چارچاش قاتارلىق ئامىللاردىنكېلىپ چىقىدىغان بولسىمۇ، تۇراقلىق يۈرەك سانجىقىغا ئوخشىمايدىغىنى، بىمارلارئارام ئالغاندىمۇ يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك ئالامىتى يوقالمايدۇ.
يۈرەك تىقىلمىسىبولسا يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن نېكروزلىنىشى(ئۆلۈشى) نىكۆرسىتىدۇ. يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ ئالامەتلىرى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى توغرىسىدا،كىيىنكى پارچىدە تەپسىلىي توختىلىمەن.
يۈرەك مۇسكۇلىغائېغىر دەرىجىدە قان يېتىشمەسلىك بولسا، يۈرەك تىقىلمىسىدىن كىيىن يۈز بېرىدىغانيۈرەكنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى ۋە يۈرەك ئاجىزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئۆز ئىچىگەئالغان يۈرەك كېسەللىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
تۇيۇقسىز ئۆلۈمبولسا تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر بولغان بىر تۈرى بولۇپ، كۆپىنچەتۇيۇقسىز يۈز بېرىدۇ. بەزى بىمارلاردا تۇيۇقسىز ئۆلۈشتىن 24 سائەت بۇرۇن يۈرەكسانجىقى ئالامەتلىرى كۆرۈلسىمۇ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنمىگەنلىكتىن يۈرەك سوقۇشىتۇيۇقسىز توختاش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدۇ.
دىققەت قىلىشقاتىگىشلىكى شۇكى، يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغان بىمار ئەگەر ۋاقتىداقۇتقۇزۇۋىلىنسا، بەلكىم ھايات قېلىشى مۈمكىن. CPRبولسا يۈرەك سوقۇشى ۋە نەپىسى توختاپقېلىشقا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ۋە ئۈنۈملۈك جىددىي قۇتقۇزۇش چارىسى. تەپسىلاتىكىيىنكى تېمىلاردا يوللىنىدۇ.
ئالامەتسىزتاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى يەنە يوشۇرۇن يۈرەك كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتەئاغرىق ئالامەتلىرى يوق بولۇپ، پەقەت ئېلىكتىروكاردىئوگىرامما(心电图) ئارقىلىقلا بايقىغىلى بولىدۇ.
مەنبەسى: دەرسلىك كىتابتىن تەرجىمە