ALOGHLI يوللىغان ۋاقتى 2014-2-18 11:00 PM
قولىڭىزدىكى شۇ كىتابتا پاي چەكلىك شىركىتى ۋە چەكلىك م ...
شىركەت قانۇنىنىڭ 35-ماددىسىنى ئېچىپ كۆردۈم. بۇ ماددىدا پايچىكلار پايدىنى ئەمەلى تاپشۇرغان مەبلەغ نىسبىتىگە قاراپ بۆلىشىدۇ: شىركەت كاپىتالىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشتە پايچىك لەۋزە قىلغان مەبلەغى ئەمەلى تاپشۇرغان مەبلەغ نىسبىتىگە قاراپ ئاۋال چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق. لېكىنبارلىق پايچىك تاپشۇرغان مەبلەغ نىسبىتىگە قارىماي پايدا بۆلىشىش ياكى مەبلەغ چىقىرىش نىسبىتىگە قارىماي لەۋزى قىلغان مەبلەغنى ئاۋال چىقىرىشنى پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
[يىشىمى] بۇ ماددا پايچىكلارنىڭ پايدىنى ئەمەلى تاپشۇرغان مەبلەغ نىسبىتىگە قاراپ بۆلۈشۈشى ۋە لەۋزە قىلغان مەبلەغنى مەبلەغ كۆپەيتىشتە ئالدىن چىقىرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىدۇر.
شىركەتنىڭ پايدىسى، تۈرلۈك باجلارنى تۆلەپ شۇنداقلا قانۇن بۇيىچە زىياننى تولدۇرۇپ،
جامائەت فوندىغا پۇل قويغاندىن كىيىنكى ئېشىنچا بولۇپ، مانا بۇ پايچىكلارغا تەقسىم قىلىشقا بولىدىغان پايدىدۇر.
بۇ يەردە
جامائەت فوندى دىگەن گەپ ئوتتۇرغا چىقتى. مۇشۇ
جامائەت فوندى دىگەن گەپكە بىر ئېنىقلىما بەرگەن بولسىڭىز.