مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: sayramkizi

مەن يەنە ئۈنسىز ياش تۆكتۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16622
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2552 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 06:15:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر ۋاپادار قەلبنىڭ مۇسىبەت كۈيى،ئادىمى ھېسنىڭ جاھانغا پاتقۇسىز تۈن تىۋىشلىرى ئىكەن،شائىرەنىڭ قەلىمى ھېچقانداق رىياغا تەڭكەش قىلماي،ئۆزىنىڭ ئەڭ ساپ ۋە ساداقەتكە  تويۇنغان مېھىر دۈنياسىنى بىزگە مەيۈسلۈك بىلەن ئىپادە قىلىپ ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئىنسانى مۇھەببەتنىڭ تېتىمىغا بىزنى شېرىك قىلغان ،ۋاقىتسىز ئايرىلغان ھالال جۈپتىنىڭ چىدۇغۇسىز  ئازابى بىردە ئۇنى ئازاپلىسا بىردە ئۇنى بۇ ئۆز يارىغا ئەسقاتمىغان دۈنيادىن بىللە ئېلىپ كېتىشكە سۆرەپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇغا ئەسىر قىلىدۇ،مانا بۇ قەلەم بىلەن ئەلەمنىڭ تەبئى يۇغۇرۇلۇپ ھاياتقا قالدۇرغان ئۇنتۇلغۇسىز تەسۋىرى، بۇ تەسۋىر ئەلۋەتتە كۆز ئالدىمىزدىكى ئاچچىق ۋە تاتلىق رىئاللىقنىڭ تەكەللۇپسىز سوۋغسى،شۇنداقلا ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە قىلغان ئېغىر يېنىك چاخچىقى ،ئۇنىڭ تەكتىدە يەتكىلى بولمايدىغان بىر مۇھەببەت تراگىدىيىسىنىڭ سۆيگۈگە باي بىر ئىشتىراكچىسى بار،ھىجراننىڭ ئەلىمى ئۇنى كۆتىرەلىگەن قەلبتىن ئۇنى تېخى سېزىپ باقمىغان قەلبنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ ئۆتىدۇ،ئۇ ئۆتكەن يەردە ئاداققى دەز يۈرەككە نەقىش بولىدۇ،‹‹مەن ›› نىڭ قېقىنۇستەك ئاۋازى قەلەمنىڭ ئاۋازىغا،قوشۇلۇپ بىزگە ھەممىنى ئۇنتۇلۇپ كەتكىلى بولسىمۇ مېھرى شەپقەتنىڭ دەملىرىنى ئۇنتۇشنىڭ ئاسىلىق،مەڭگۈلۈك ۋاپادارلىقنىڭ بىر خىل چاقىرىق ئىكەنلىگىدىن شۈبھىلىنىشنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر خىل ‹‹ئۆسمە››ئىكەنلىكىگە چىن پۈتكۈزىۋاتقان بىر خىل ئەقىدە ئەتىراپىمىزنى ئەگىۋاتقاندەك بىلىندى....
شائىرەنىڭ ئىۋەنسىز ھېسلىرى ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالغان قىسمەن ئىملانى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ بىر پارچە نەسىرنى ئاينىڭ بېشى ،يىلنىڭ دوقمۇشىدا تەكرار ئوقۇپ قويغۇدەك ۋەزنگە مۇناسىپ نەسىركەن دەپ قايىل بولدۇم:
مەسىلەن:
‹‹كۆمۈلۈپ ››ئەمەس ‹‹گۆمۈرۈلۈپ››، ‹‹رويۇمغا››ئەمەس ‹‹روھىمغا›› ،‹‹چېقىپ››ئەمەس‹‹چىقىپ››دىگەندەك ،ئۇندىن باشقا بەزى سۆزلەرنى مەنتىقى جەھەتتىن تاللاپ ئىشلىتىشمۇ نەىسر يازغان ئادەمنىڭ بىر نازۇك تەرىپى بولۇپ قالغۇسى ،مەسىلەن
‹‹نىجىس››كېسەل دىگەندىن كۆرە باشقىچە بىر سۆز ئېلىنسا ‹‹قورقۇنۇچلۇق››‹‹قاباھەتلىك››ياكى‹‹داۋاسىز ››كېسەل دىگەندەك ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92783
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 712
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 06:41:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«كۆپنى كۆرگەن ئوقۇتقۇچى بىلىملىك، كۆپ ئۈگەتكەن ئوقۇتقۇچى ئىقتىدارلىق، كۆپ يول كۆرسەتكەن ئوقۇتقۇچى تەجرىبىلىك » دىگەندەك  ئۇستاز يارمۇھەممەت تۇرسۇن ئاكامنىڭ پىكىر بەرگىنىدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن، ھەقىقەتەن مۇھىم نۇقتىلىرىغا دىققەت قىلماپتىمەن بۇ جەھەتتە يول كۆرسەتكەنلىكىڭىزدىن مىننەتتارمەن. ئەلۋەتتە، «قىلتىرىقسىز بېلىق بولماس، كەمچىلىكسىز ئادەم »دىگەندەك ئىملا جەھەتتىكى كەمچىلىكىمنى تۈزىتىش بىلەن بىرگە مەزمۇنىدىكى «نىجىس» كېسەل دىگەن سۆزلەرنىمۇ تۈزىتىپ قوياي، «دانادىن سىرىڭنى يوشۇرما، دوختۇردىن كېسىلىڭنى» دەپ كونىلار توغرا ئېيتىپتىكەن، راستىنى ئېيتسام ئۆز ھېسىياتىمنى ئىپادىلەشتە قەلىمىم ئاجىز كېلىپ قالدى ، دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى، يەنىمۇ كۆپرەك تىرىشىپ ئۈگىنىشىمگە توغرا كېلىدىكەن. بۇ جەھەتتە تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىزنى داۋاملىق بېرىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەجىرىڭىزگە رەخمەت ئۇستاز، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 06:54:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ئېسىل  ئەسەركەن، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چاقنار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-5 06:55 PM  


گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-5 07:05:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم قۇۋىتىڭىز كۇچلۈككەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100052
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 584
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 09:44:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاھ  ئۇرارمەن ئاھ ئۇرارمەن ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى،
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى...

تېما ئ“گىسىنىڭ تۇچ قەلىمى يالتىراپ تۇرسۇن...!

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10847
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1501 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-6 12:17:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت ئۈچۈن يۈركىڭىز ئۈنسىز يىغلاۋاتامدۇ؟
مەندىن چوڭلارنىڭ ماڭا بۇندىن نەچچە يىل بۇرۇن دىگەن مۇنۇ گەپلىرى بۈگۈن مۇنۇ تىمىنى كۈرۈپ ئىسىمگە كەپ قالدى ،ھازىرقى ھالىتىڭىزدە قولىقىڭىزغا خوش ياقمايدۇ ،چۈنكى ھازىر سىزنىڭ قەلبىڭىزنى ئەقىل ئەمەس ئازغۇنلۇق ئىگەللەپ بولدى ،شۇندىمۇ ئازراق ئەقلىڭىز يوق ئەمەستۇ ،شۇ ئەقلىڭىز بىلەن مىنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئاڭلاپ تۇرۇپ ،توغۇرلىقنى بىلىپ تۇرۇپ قۇبۇل قىممىغان بىر گەپنى سىزگە قالدۇرۇپ قۇياي ،يىغلاڭ ئۈزىڭزنى قۇيۋىتىپ يىغلاڭ ،پۈتۈن ئۆمرىڭىزدە قىلغانلىرڭىزنى ئويلاپ يىغلاڭ ،ئەمما پىنھاندا تىرەكنىڭ سايىسدا ئەمەس شارايتىڭىز يار بەرسە مەسچىتكە كىرىپ ،يار بەرمىسە ئۆيڭىزدە جەينىماز بولسا ،جەينىماز ئۈستىدە ئاللاھقا سېغنىپ بىر يىغلىۋېلىڭ قېرىندىشىم ..............
شۇ چاغدا ئاندىن سىز ئەقلىڭىزنى تېپىۋالايسىز ،ئەقلىڭىزنى ھىسيات بېسىپ كەتسە سىز مەڭگۈ خارلىقتا قاممىسڭىزمۇ مەلۇم ۋاقىت ئۈزڭىزنى خارلاشتۇرۇپ قۇيسىز ..........
ئوبدان بىر ئويلىنىڭ ،شۇ ئىسڭىزدە بولسۇن ،بىرنى تىندىڭز ئۆمرىڭىز قىسقىرايدۇ ،ۋاقتىڭىزنى شۇ بىراۋنى ئەسلەپ ئۈنسىز ياش تۈكىشكە سەرىپ قىلسىڭىزمۇ رىسقىڭىز تۈگىگەندە ئۈلۈم سىزنى ئۆز قوينىغا ئالىدۇ ،ئەكىسچە سىزنى ھەم مىنى ياراتقان پۈتكۈل مۆجىزلەرنىڭ بىردىن-بىر ياراتقۇچىسىغا سېغنىپ ،ئىنسانلارغا نىئمەت قىلىنغان شۇ ئۆلۈمنى ئەسلەپ ،شۇنىڭغا ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييارلانغان جەڭچىدەك تەييارلىق ھالەتتە تۇرسىڭزمۇ ئۆلۈم ھامىنى سىزنى ھەم ئىنسان بولۇپ يارالغان بارلىق ئىنسانلارنى ئۆز قوينىغا ئالىدۇ ،ئۆلۈمنى ھەقىقي ئويلىغىنڭىزدا سىز ئۈزڭىزنىڭ نىمىش قىلغىننى ئەقىل كۈڭىز بىلەن كۈرەلەيسىز ،ئەقلىڭز بىلەن ئويلىيالايسىز قېرىندىشىم ،ئاللاھ سىزگە ۋە بارلىق ئازغۇن ياشلىرمىزغا ھىدايەت ئاتا قىلسۇن ،كىچىككۈچىلەر،زىيان تارىتقۇچىلار قاتاردىن قىپ قويمىغاي ئاللاھ ھەر بىر بەندىسنى ..........

جاھان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100052
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 584
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2013-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-12 11:23:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ــ

مەيلى سەن ھايات دەپ ئۆزۈڭنى بەزلە،
مەيلى سەن ئۆلۈم دەپ ئىبادەت ئىزلە.
ھەق ناھەق چىرمىشىپ كەتكەن ئالەمدە،
ئىلىمنى قەدىرلەپ ھەق سۆزنى سۆزلە.
                         ـ ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەد ئىمىن

                             
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىبنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-12 11:25 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش