مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tohotur

نەزىر چىراق بىزنىڭ ئارقا ھويلىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54563
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3649
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 10:46:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aktax يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 12:00 AM
نەزىر دىگەن ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ  لۇغەت مەنىسى ۋەدە قىلما ...

ئاللاھ سىزدىن رازى بۇلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54563
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3649
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 10:56:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ نەزىرنى قىلىمىز دەپ دوزاققا ئەگشكەندىن ئارتۇق پۇلنى بىكاردىن بىكار سەرىپ قىلغاندىن كۆرە
ئاشۇ نەزىر قىلغان ، مەۋلۇد ئۇقۇغانلارغا بەرگەن پۇللارنى يىتىم - يىسىرغا ، تۇل ئايالغا بېرەيلي . قېيىنچىلىقى بارلارغا بىرىپ ئۇلارنى يۆلەيلى . نەزىر قىلىش .... بۇلار نىڭ ھەممىسى بۇنددا ئەقىدىسى  . ئاللاھ بۇنداق بىدئەتتىن ساقلىسۇن .   بىز مۇشۇنىڭغا سەرىپ قىلغان پۇللارنى  بىرەر يىتىم ياشنىڭ تويىنى قىلىپ قۇيايلى .  تۇرمۇشتا قىيلىنىۋاتقان  ،  ئۆي - ماكانى يۇق مىسكىنلەرنى يۆلەپ ، ئۇلارنىڭ بىرەر ياخشى تىجارەت يولىنى باشلىشىۋېلىشىغا ياردەمدە بۇلايلى .  
نەزىر قىلدۇق دەپ توقلارنىڭ قورسىقىنى بېقىپ ، مىسكىنلار نى   تاشلىمايلى . بىر كۈنلۈك كۈنىنى ئاران ئىلىۋاتقانلاربار  .  شۇلارنى يۆلەيلى ، ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىشلار ئۈچۈن زېھنىمىزنى ، پۇلىمىزنى سەرىپ قىلماي ، كەمبەغەللەرگە  ، قېرى - ياشانغانلارغا  ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بىرەيلى . شۇ نەزىرنىڭ  ، شۇ بىدئەت ، ئازغۇنلۇق يولىغا ئىشلەتكەن پۇللارنى   ئەنە ئاشۇلارغا ئىشلىتەيلى . بۇنداق نادانلىق ئەمدى تۈگۈسۇن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 12:13:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lotfiya يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 10:56 AM
ئاشۇ نەزىرنى قىلىمىز دەپ دوزاققا ئەگشكەندىن ئارتۇق پۇ ...

ئەرەپ مۇشرىكلىرگە ئوخشاش جاھىللا جاھىلىقنى قىلىۋىردۇ ، ھەتتا پەيغەمبىرمىز توغرا يولنى دەپ بەرسىمۇ ، ئاتالمىش ئۆرۈپ ئادەتنى تاشلىمايدۇ ،
بۇنىڭغا ئوخشاش نەزرە ، نامازدىن كىيىن دۇئا قىلامدۇق قىلمامدۇق ، رۇكۇدىن بۇرۇن قول كۈتۈرەمدۇق كۆتەمەمدۇق ، ئامىننى ئۈنلۈك دەمدۇق دىمەمدۇق دېگەندەك ئىشلا بۇرۇندىنلا تالاشتارتىشتا ، بىزگە پەقەت پىتنە ، غەيۋەت ،تەپرىقچىلىق ، ئايرىمچىلىق ،ئىتتىپاقسىزلىقتىن باشقىنى ئەپ كەلمەيدۇ ، بۇندىنكىيىنمۇ مۇشۇنداق تالشىدۇ،

اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾(ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر (3))سورة العلق
مَا أَنتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ ﴿٢﴾((ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن (2))سورة القلم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47175
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4669
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 3968 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 12:38:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ogdulmux يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 10:15 AM
مۇشۇ ئوزىنى ئاللانىڭ ئەڭ يىققىن بەندىسى سانىۋالغان ،ت ...

دىننى ساڭا كىم ئۈگەتتى؟  رەسۇلۇللانىڭ ھەدىسلىرى قۇلقىڭغا ياقمسا....... رەسۇلۇللا ئۈگەتمىگەن ئىشنى نەدىن تاپتىڭ  باشقىلارنى مۇناپىق دىيىشتىن بۇرۇن ئۈزۈڭنى ئوبدان تەكشۈش
يەنە ماۋۇ ئىنكاسىمغا نەقىل ئالما! ئەمدى ساڭا دەيدىغان  گىپىم يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103506
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2014-2-13
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 12:46:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مسكىنÍÍ يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 12:46 AM
يەنەشۇ نەزىرە ، ھەممە گەپنى پەيغەمبىرمىز ئالىملا ئىچى ...

راس دەيسىز.............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90776
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 187
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-1-28
ئاخىرقى: 2014-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-21 01:36:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 10:33 AM
ئۆرپ ئادەت مىللەتنىڭ قاشقىسى،ئۇنىڭ ئىچىدە ساقلاپ قېلى ...

مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلار، بۇلارنى تالىشىپ ئولتۇرمايلى. ئەڭ مۇھىمى دىن بىلەن ئۆرۇپ- ئادەتنى بىرلەشتۇرۇۋالمايلى. دىنىمىز ئىسلام.ئاللاھ بىر. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبىرىمىزدۇر. بىز بەرھەق مۇسۇلماندۇرمىز. ئۆرۇپ - ئادىتىمىز بولسا ئۇزاق تارىخى دەۋرلەردىن باشلاپ يەنى ئەجداتلىرىمىز  بۇددا دىنى، شامان دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان زامانلاردىن باشلاپ شەكىللىنىپ ھازىرغىچە ئۇلىشىپ كەلگەن،شۇ دەۋرلەرنىڭ يىغىندىسى بولغان ئاتا -بوۋىلىرىمىزدىن قالغان بىر خىل ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى شەكىل. شۇنىڭ ئۇچۇن دىن بىلەن ئۆرۇپ - ئادەت باشقا  باشقا مەسىلە.

ئاق تاش،،،،،،قۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1271
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11644
تۆھپە نۇمۇرى: 534
توردا: 6744 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 12:24:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ogdulmux يوللىغان ۋاقتى  2014-2-21 10:15 AM
مۇشۇ ئوزىنى ئاللانىڭ ئەڭ يىققىن بەندىسى سانىۋالغان ،ت ...

شالۋىقىڭنى ئېقىتماي ، چىرايلىقراق  گەپ  قىلىشنى بىلمەمسەن....؟زەدىروشكا...
ئىنكاسىمنى نەقىل قىلغۇچى بولغا!!!!
مەن مۇسۇلمانغا تىل تەككۈزۈشنىڭ گۇناھىدىن بەك قورقىمەن..ئەمما ئۆزى  ئاتىسىت كاپىرنىڭ
ئىددىيەسىدە تۇرۇپ، مۇسۇلمانلىق دەۋاسىدا بۇلىدىغان،زەدىروشكا مەخلۇقلارنىڭ كۆڭلىنى
ئاغرىتىشتىن  يانمايدىغان ئادەملىكىمنى ساڭا ئالدىن دەپ قوياي...  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مسكىنÍÍ + 39 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

سۆزلىمىسەڭ يوقتۇر  ھىچكىمنىڭ كارى سۆزلىگەن ئىكەنسەن   دەلىللەپ ئارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-22 01:24:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قيىامەت كۈنى   ئاللاھ تائالا ساڭا بەرگەن نىئمەتلىرىمنىڭ بەدىلىگە نىمە ئەمەللەرنى قىلدىڭ  دەپ سورىسا ،  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىننى تۇلۇق يەتكۈزمەپتىكەن چالا قالغانلىرىنى تۇلۇقلاپ قويدۇم دەپ  بارامىز مۇ  ئاللاھنىڭ ئالدىغا ......
ئىست ھالىمىزغا

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 10:54:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبە  كۆكنۇر تورى ۋە مەرىپەت يولى مۇنبىرى http://koknur.net/list.asp?unid=2832

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قۇتلاشنىڭ ھۆكمى




  مېھرىبان ۋە مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، مەدھىيە-ئالقىشلار ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، دۇرۇت ۋە سالاملار ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن!
   نۆۋەتتە بىز مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ھەر تۈرلۈك قۇتلاش پائالىيەتلىرى ئىچىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى يىغىلىشىنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈمىز ۋە بۇ يېغىلىشنى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن مەنپەئەتلىك ئىشلار قاتارىدا ئېتىبارغا ئالىمىز.
  ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ساھابە-كىراملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولسۇن ۋەياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت كۈنى بولسۇن ۋە ياكى بەدىر غازىتى كۈنى بولسۇن بۇلارنىڭ ھىچبىرىنى خاتىرىلەش يۈزسىدىن يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ پائالىيەت قىلىپ باقمىغان. نېمە ئۈچۈن؟
چۈنكى ساھابە-كىراملار يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەر بىرىنى ئۆزلىرى بىر قوللۇق باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەر ۋاقىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھايات ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھەمىشە ھايات بولغان بولۇپ، ئۇلار ھېچقاچان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەستىن چىقىرىپ قويغان ئەمەس، سەئد ئىبن ۋەققاس مۇنداق دەيدۇ: « بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەڭ تارىخلىرىنى بالىلىرىمىزغا خۇددى قۇرئان سۈرىلىرىنى يادقا بىلگىنىمىزدەك بىر-بىرمۇ بىر ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتۇق.» يەنى ساھابىلەر بالىلىرىغا: بەدىر ۋە ئوھود ئۇرۇشلىرىدا قانداق ئىشلار يۈزبەرگەن، خەندەك ئۇرۇشىدىچۇ، خەيبەردە قانداق بولغان؟ دېگەنلەرنى دائىم ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بىرەتتى.
ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بالىلىرىغا دائىم دېگۈدەك سۆزلەپ بىرىپ تۇرغانلىقلىرى ئۈچۈن يۇقارقىدەك ئىشلارنى ئەسلىتىشكە ئۇلار ئىھتىياجلىق ئەمەس ئىدى.
كىين بارا- بارا يۇقىرىقىدەك تارىخلارنى ئادەملەر ئۇنتۇيدىغان زامانلارنىڭ كىلىشى بىلەن بۇ ئىشلار كىشلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئەقلىدىن ۋە قەلبلىرىدىنمۇ كۆتۈرۈلۈپ كىتىشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر قەلبىدە ئۆلۈككە ئايلانغان بۇ تارىخنى ۋە ئۇنتۇلۇپ يوقىغان بۇ شانلىق ئىزلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولۇشتى...
توغرا، بۇ خىل پائالىيەتلەرگە بىر قاتار بىدئەتلەر ئارلىشىپ قالغان، ئەمما شۇنى دىمەي بولمايدۇكى، شەخسەن مەن پەيغەمبەر تارىخىنىڭ ھەقىقەتلىرىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رىسالىتىنىڭ ھەقىقەتلىرىنى كىشلەرگە تونۇشتۇرۇش ۋە ئەسلىتىش يۈزسىدىن بۇ كۈننى خاتىرىلەيمەن، مىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىشىمدىكى مەقسەت تۇغۇلغان كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى بۇ كۈننىڭ ئىسلام رىسالىتىنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، ھەم بۇ كۈندە مەن كىشلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى ۋە پەيغەمبەر تارىخىنى ئەسلىتىپ چىقىمەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن يەنە كىشلەرنى پەيغەمبەر تارىخى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن بۈيۈك ۋەقە-ھادىسىلەرنى ۋە بۇ ۋەقە-ھادىسىلەردىن ئىلىش زۆرۈر بولغان نەسىھەت ۋە ئىبرەت-ساۋاقلارنى كىشلەرگە ئەسلىتىپ ئۆتىمەن:« سىلەرگە ـ اﷲ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر .»[ئەھزاب سۈرىسى 21-ئايەت]
  مەن يەنە بۇ كۈننى خۇددى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھىجرەت كىچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا ئۆزى يىتىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇربان قىلالالىغىنىدەك،  ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا سەۋرى غارىدەك ئېگىز تاغقا ھەركۈنى دېگۈدەك چىقىپ پەيغەمبەر ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالىغىنىغا ئوخشاش، ساھابىلەر ئۆزىنى رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن قانداق پىدا قىلغان بولسا، بىزنىڭمۇ ئۇ زاتقا ئۆزىمىزنى شۇنداق پىدا قىلالايدىغان بولىشىمىز ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  ھىجرەت ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ ئىش قىلغىنىدەك بىزنىڭمۇ پىلانلىق ئىش ئىلىپ بىرىشىمىز ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئۇ زاتنىڭ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىنىدەك بىز نىڭمۇ تەۋەككۈل قىلالايدىغان بولىشىمىز ئۈچۈن بۇ كۈننى كىشلەرگە ئەسلىتىمەن. ئەينى ۋاقىتتا ئەبۇبەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: « ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلار شۇتاپ ئىككى قەدىمىنىڭ ئاستىغا قارايدىغانلا بولسا بىزنى كۆرۈپ قالىدۇ» دەپ ئەنسىرىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ شۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئەبا بەكر! ئىككى كىشى بولۇپ ئۇ ئىككى كىشىنىڭ ئۈچىنچىسى ئاللا بولغىنىدا قانداق ئويدا بولار ئىدىڭ؟ ئەنسىرىمىگىن، شۈبھىسىزكى ئاللاھ بىز بىلەن بىللە.»
  ھەقىقەتەنمۇ بىزلەر يۇقىرىقى تارىخىي ئىش-ئىزلاردىن كۆپلەپ ئىبرەت-ساۋاقلارنى ئىلىشقا مۇھتاجمىز، مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن ئىبارەت بۇ پائالىيەت، ئىبرەت-ساۋاقلارنى يەكۈنلەشتەك مەنىلىك ئىشلارنى كىشلەرگە تونۇتۇپلا قالماي، بۇ قۇتلاشنىڭ ئارقىسىدا يەنە مۇسۇلمانلارنى ئىسلام بىلەن بىرگەۋدە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ تىكلىشى ھەمدە ئۆزلىرىگە يېتەكچى قىلىۋېلىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى پەيغەمبەر تارىخى بىلەن باغلاشتەك ئىجابى نەتىجىلەرمۇ بار.
  بىراق بىز تەكىتلەۋاتقان بۇ دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن ئىشلارغا كەلسەك، ئۇ خىل ئىشلار مەۋلۇد پائالىيىتى قاتارىغا ئەسلا كىرمەيدۇ، ھەم بىز بۇنداق ئىشلارنى توغرا دەپ مۇئەييەنلەشتۇرمەيمىز.


پەتۋادا: ئىمام يۈسۈپ ئەلقەرەداۋىي
مەۋلانا تەرجىمىسى

كۆكنۇر نېت تورى ئىلاۋىسى: بۇگۇن پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى خاتىرىلىدى.دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەن-تەنە بىلەن مەۋلۇت ئوقۇلدى.شۇ مۇناسىبەت بىلەن تورىمىز بۇ ھەقتە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئەمگەك بولغان بۇ ماقالىنى بېتىمىزگە كۆچۇرۇپ چاپلاش بىلەن بىرگە بۇ قۇتلۇق كۇنگە مۇنۇ تىلەكلىرىمىزنى ئاتىدۇق.  بۇ ماقالە بۇگۇن مىسرانىم تورىدىن ئېلىندى.گەرچە مۆتىۋەر ئالىم يۇسۇپ قەززاۋى ساھابىلەر بىلەن كىيىنكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى قىياسى سېلىشتۇرۇپ مەسىلىنى نۇتقىي يورۇتقان بولسىمۇ بۇ تۇردىكى مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ تۇپكى مېتودى ۋە مېزانى يورۇتۇلمىغان.شۇنداقتىمۇ بۇ نۇتۇق بولۇپمۇ بۇگۇنكى بىز ئۇچۇن تولىمۇ قىممەتلىك.مەسىلىنى ئەينەن ھىس قىلىشىڭلارغا ياردىمى بولسۇن ئۇچۇن ئەلۋەتتە ماقالىنىڭ تىگىدىكى دەرھاللا قىرلانغۇسى بار ئىنكاسنى بىللە يوللىدۇق.دىنىي ئىلىم مۇامىلە ئىلمى ۋە مۇكەشىفە ئىلمى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.دىيارىمىزدا مۇكەشىفە ئىلىمىدە ئەمەس ،مۇامىلە ئىلمىدە لاياقەتلىك موللىنى تاپماق تولىمۇ تەس .ئەمما دىنىي ساھەنىڭ ئەھۋالى  بۇنىڭدىن 100-200 يىل ئىلگىرى بۇنداق بەتتەر ئەمەس ئىدى.400-500 يىل ئىلگىرى تېخىمۇ شۇنداق ئەمەس ئىدى.بۇگۇن ئىسلام مۆتىۋىرى يۇسۇپ قەززاۋىنىڭ گېپى بىلەن مەۋلۇتنى بىدئەتكە چىقىرىشتىن ۋاز كەچكۇسى بارلار باركەنۇ،نىمىشقا يۇسۇپ قەززاۋىدەك ئالىمدىن بالاغەت ۋە ئىستىدات جەھەتتە ئونى كەلسە تەڭ كىلەلمەيدىغان دىنىي ئالىملىرىمىز ياشىغان دەۋردىن دۇرۇس بولۇپ كېلىۋاتقان ئاللىقاچان ئۆرۇپ ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن نەرسىلەرنى چۇۋىشتىن ھېيىقمايمىز ؟ ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن شۇنچىۋالامۇ گۇمانلانغان بارمۇ؟ ئەرەپتىن يۇسۇپ قەززاۋىدەك بىرسى پەتىۋا بېرىپ توختاتقىچە يەنە قانچىلىك نەرسە چۇۋىلىپ بىر يەرگە بېرىپ بولار؟ ئۇنى يەنە قاچانلاردا ئۆرۇپ -ئادەتكە ئايلاندۇرامىز؟شۇڭا تەپەككۇر ئىگىلىرىنىڭ بىزنى تىكىپ سۆكۇپ ئىش قىلىدىغان قۇشناچىمنىڭ يولىغا باشلاپ،خەلقىمىزنىڭ ئۆيىنى ئۇنى دەپ بۇنى دەپ مالىمان قىلماي ئەكسىچە ئەرلىك مۇقامىغا كىلىپ ئۇنى مۇقەددەسلەشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئېتىزغا روھلۇق چىقىپ ئەمگەك قىلىشىغا شارائىت يارىتىش ، ئىش ئۇسىلىنى،ئويلاش تەرزىنى ئالىلاشتۇرۇش يولىغا مېڭىشلىرىنى، يەنە بىر قىتىم تەۋسىيە قىلىمىز.ئاخىرىدا بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلغان تەرجىمانغا ئېھتىرام بىلدۇرىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103662
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 03:50:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداشلار مەن مۇنداق ئويلىدىم ..مەۋلۇت ئوقۇش دېگەن نىمە دېگەن گەپ؟.قۇرئان ئوقۇش ياكى پەيغەمبىرىمىزنى مەدھىيلەش دېگەن گەپمۇ بۇ؟!..ئەگەر شۇنداق دېگەن گەپ بولسا مەيلى پۇل بېرىپ باشقىلارغا ئوقۇتسۇن ياكى ئۆزلىرى ئوقۇسۇن ۋەياكى باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ خالىش ئوقۇپ قويسۇن..ئىشقىلىپ قۇرئان ئوقۇدىمۇ،مېنىڭچە ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ساۋابى بار. چۈنكى ئۆزى ئوقۇغان بولسا قۇرئان ئوقۇغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ.ئۆزى ئوقۇشنى بىلمەي باشقىلارغا پۇل بېرىپ ئوقۇتقان بولسا ،ھەمىمىز بىلىمىز  ھەممىمىزنىڭ ئىشىمىز بار ،ھەممىمىز ئىشلەپ  پۇل تېپىپ جاننى بېقىشىمىز لازىم،شۇسەۋەپ  ئوقۇشنى بىلىدىغانلار ئىشىنى تاشلاپ ئوقۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ  شۇ ئىشلەش پۇرسىتىدىن ،شۇ پۇل تېپىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ تىلاۋەت قىلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا ئاز تولا ھەق بەرسە نەرى خاتا،،،،يەنە بىر گەپ ناماز چۈشۈرۈپ بەرگەنگە پۇل ئالدى دەپ تىللىدۇق.پەيغەمبىرىمىز بارلىق ئەر ئايال مۇسۇلمانلارغا ئىلىم(مەيلى پەننى مەيلى دىننىي)تەلەپ قىلماق پەرھىز دېگەن شۇنداققۇ؟!!!،لېكىن نۇرغۇنلىرىمىز  ناماز چۈشۈرۈش تۈگۈل كامىل تاھارەت ئېلىشنى بىلمەيمىز..سىلەر بىزلەر تىللاۋاتقان قارىلىرىمىز ئاخۇنلىرىمىز نۇرغۇن ۋاقتىنى زېھنىنى سەرىپ قىلىپ ئۆگەندى،شۇنداققۇ؟!!!..بىز نىمىشقا ئۆزىمىز ئۆگەنمەيمىز؟ئۆزىمىز قىلالمىغاننى جاپا تارتىپ ئۆگەنگەنلەر بىزگە ياردەم قىلىپ  بىزگە ۋەكالىتەن ئورۇنداپ بىرىش بەدىلىگە بىزلەرنىڭ ئاشۇ تۆت تال سېسىق پۇلىمىزنى ئالسا خاتاما؟!!!.....ئاخۇنۇملار  ناماز چۈشۈرۈپ پۇل ئالسا خاتا دېگۈچىلەر ئاتا-ئانا ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرىۋالسا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟!!!تىلى گاچا بولمىغاندىكىن،تۆت بەش جامائەت مېيىتنى تۇپراق بېشىغا ئاپىرىشىپ بەرگەنگە پۇل ئالمىغاندىكىن....
    نەزىرگە كەلسەك   ئويلاپ باقايلى   شۇ نەزىردە پولو يىيىلگەندىن كىيىن نېمىش بولىدۇ؟!ئىمام قىرائەت قىلىدۇ،... شۇ نەزىر بەرگۈچىنىڭ بەرگەن  ئاشۇ ئازىراق  تائامى بەدىلىگە زېمىندا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنسا گۇناھما قېرىنداشلىرىم ؟!!!
بىلىمەن ،يوقارقى ئىنكاس مەزمۇنلىرىمنى  ئوقۇپ نەچچەيلەن مىنى تىللاش ئۈچۈن پوقتىن تاتلىق گەپلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ بولۇشتى...لېكىن مېنىڭ بەكلا يۈزۈم قېلىن دەڭلا....گەپ ئاڭلىغانغا بىر يېرىم ئاغرىپ كەتمىگەندىكىن دەپ خىرامان يۈرۈمەن،يەنە كۆڭلۈم خالىغان باشقا تېمىلارغا ئىنكاس يازىمەن...ئەڭ مۇھىمى قېرىنداشلىرىمنىڭ مىنى تىللاپ ئۆزلىرىنى گۇناھكار قىلىۋالماسلىقىنى سورايمەن،چۈنكى باشقىلارغا يامان سۆزلەش گۇناھ«گۇناھنى بىدئەت دېسەك بولارمۇ؟؟»...يەنە بىر گەپ مېنى تىللىساڭلارمۇ مەن كۆرمەي ،ئاڭلىماي قېلىشىم مۇمكىن،چۈنكى  ھازىر توردىن چۈشۈپ ئۇخلىغانچە ئۆلۈپ كېتەمدىمەن بۇنى بىر ياراتقۇچى بىلىدۇ.....
ئاخىرىدا قېرىنداشلىرىمىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم ئىناق ئۆتەيلى  ئاق تاغلىق قارا تاغلىق بولۇشۇپ كەتمەيلى...ناۋادا كېرەك ئۆلۈپ تارتىپ قالساق پۇل ئېلىپ بولسىمۇ نامىزىمىزنى چۈشۈرۈشكە ئەسقىتىپ قالىمىز...

ئۆزەڭ توغقان بالا ئۈچۈن ئازىراقمۇ قۇربانلىق بەرمىدىڭ ،ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسان ۋاز كەچتىڭ ، شۇسەۋەپ سەن پەقەتلا ئوغلۇمنى تۇغقان خوتۇنسەن ،ئۆزەڭنى ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى دېيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش