barnakiz886 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 12:32 PM
مەنمۇ ناشتا قىلاي بۇنىڭدىن كىيىنلىكىن سەھەردە زادى ...
ناشتا قىلمىسا تۈۋەندىكى كىسەللىكلەر كۈرۈنىدىكەن ، شۇڭا سىزمۇ چوكۇم دىققەت قىلىشىڭىز زۆرۈردۇر .
ئەتىگەنلىك ناشتا ئۈچ ۋاقلىق تاماقنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قېتىملىق تاماق ھېساپلىنىدۇ.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇزاق مەزگىل ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا تۈرلۈك كېسەللىكلەر پەيدا بولىدىكەن.
1. ئاشقازان ياللۇغى ياكى ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەممىدىن زىيانلىق، ئادەتتە نورمال ئەھۋالدا ئالدىنقى كۈنى كەچتە يېگەن تاماقلار ئالتە سائەت ئەتراپىدا ئاشقازاندىن ئۆتۈپ ئۈچەي يولىغا كىرىپ بولىدىكەن، ناۋادا ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا، چۈشلۈك تامقنىمۇ يېمىگەندە ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئازقازاندىكى ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرى ئاشقازاننىڭ تىرىپسىنى « ھەزىم قىلىشقا» باشلايدىكەن. دائىم شۇنداق بولۇۋەرگەندە، ھۈجەيرە ئاجراتقان يېپىشقاق سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمال ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ئاشقازان يارىسى ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىق ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن.
2. ئۆتتە تاش پەيدا بولىدۇ.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ ناشتىدا ياغ تەركىۋى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېنال قىلىشنى ، ھورۇنلۇق قىلىپ ئەتىگەندە ئىشقا ئالدىراپ ناشتا قىلماسلىققا ئادەتلىنىپ قالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ، چۈنكى ئەتىگەندە ئاچ قورساق چاغدا، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاسانلا يىغىلىپ قېلىپ ئۆتتە تاش پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە گۆشلۈك تاماققا ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرگە ئامراق كىشىلەر، ياغ ۋە خولېستىرىننىڭ مىقتارى ئارتىپ كەتكەنلىكتىن ئاسانلا ئۆتتە تاش پەيدا بولۇپ قالىدۇ، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندىمۇ ئىنسولىن كۆپ ئاجرىلىپ، خولېستېرىننىڭ ئۆت سۇيۇقلقىدا چۆكۈپ قېلىشنى تېزلىتىپ ئۆتتە تاش پەيدا قىلىدۇ.
3. داس بوشلۇقى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
كۆپىنچە قىز- ئاياللار ئورۇقلاش ئۈچۈن ھەتتا ناشتىمۇ قىلمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. بولۇپمۇ قىشتا ناشتا قىلمىغاندا ئادەم بەدىنىگە ئاسانلا قۇۋۋەت يېتىشمەي قالىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئاياللارنىڭ بەدىنىنى سوغۇق قاپلاپ، داس بوشلۇقىدىكى قان-تومۇرلار تارىيىپ كېسەل پەيدا قىلىدۇ.
4. قان -تومۇر كېسەللىكلىرى پەيدا قىلىدۇ.
ئۇزاق مەزگىل ناشتا قىلمىغاندا تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ياغ ئاقسىلى قان -تومۇر دىۋارىغا يىغىلىپ قېلىپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ يۈرەك تىقىلمىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ناشتا قىلىدىغانللارنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن.
5. چىش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر يېقىندا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە 2 ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەتىگەندە ناشتا قىلمايدىغنالارنىڭ چىشىنى قۇرت يېيىش نىسبىتى ئەتىگەندە ناشتا قىلىدىغانلارنىڭكىگە قارىغاندا تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
چۈنكى ناشتا قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان بالىلار قورسىقى ئاچقاننى سەزگەن ھامان ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلەر بىلەن قورساق تويغۇزىدىغان، ناشتا قىلغان ھامان كۆڭلى ئېلىشىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن. شۇڭا داۋاملىق ناشتا قىلمايدىغان ناچار ئادەتلەرنى سىڭدۈرۈۋالىدىكەن، ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تەكرىبىدىكى يۇقىرى قەنت مىقتارى چىشنى قۇرت يېيىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىكەن.
شۇڭا ساغلاملىق ئۈچۈن ئەتىگەندە ناشتا قىلىش كېرەك. ناشتىدا ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت، قېتىق، ئېرىمچىك، ئاشلىقتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، ئارپا ئومىچى، مېۋە، مېۋە شەربىتى قاتارىقلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەككەن.