سالام خەت
تەلمۈرۈپ يۈرۈيمەن سۆيگۈڭنى ئىزلەپ
ئېزىلگەن كۆڭلۈڭنى ئۇتۇشنى كۆزلەپ.
مەنمۇ ھەم دىل سۇنۇق بىچارە بەندە
ئېرىتەي كۆڭلۈڭنى سىرىمنى سۆزلەپ.
بىر گۈلنى پۈراي دەپ قولۇمنى سۇنسام،
سانجىلدى تىكەنلەر ئاغرىدى يۈرەك.
گۈل دېدى:” ماس ئەمەس ئككىمىزئەسلا
ھاياتلىق يولۇمدا ھەمراھىم بۆلەك .
كۆيمىگىن قەلبىڭنى ئوتقا ئىتتىرىپ
سۆيگۈم بار دىلىمدا ماڭا ياريۆلەك“.
مەن دېدىم:”بەختىڭنى مەڭگۈگە تىلەپ،
قالايمەن پىنھاندا قەلبىمنى بەزلەپ.
ۋىسالسىز سۆيگۈنى سىغىنغان چىغىم
يۈرەي ھەم تۈنلەردەشامالغا سۆزلەپ“
ئېزىلگەن يۈرەكنى قان زەرداپ قىلىپ،
كەلدىغۇ ئۇ گۈلدىن كۈتمىگەن جاۋاب.
ئۆرتەندىم پىراقتىن، مۇزلىدى قەلبىم
غۇبارسىز سۆيگۈمنى ئەيلىدى خاراب.
”سەن نېمە؟ بەختىمنى تىلەپ قالغۇدەك،
سەن نېمە؟ كۆڭلۈڭنى ئىزھار قىلغۇدەك.
سەن نېمە؟ پىنھاندا سېغىنىپ زىنھار
سەن نېمە؟ باغرىڭغا خەنجەر ئۇرغۇدەك.
قەلبىمگە مۆھۈردەك ئويۇلدى مەھكەم،
شۇ تەلۋە قىزچاقنىڭئېيتقان سۆزلىرى.
ئۆزۈمنى تاپالماي يۈردۈم بىر مەھەل
قىينىدى سىھرلىك ئويچان كۆزلىرى.
ئۆتۇپتۇ ھىجراندا ئىككى –ئۈچ يىلمۇ،
بەختىمنى تاپالماي يۈردۈم تەمتىرەپ.
ئەي گۈزەل سىرىمنى بىلدۈردۈم ساڭا
سىنىلا مەڭگۈگە ھەمراھ قىلاي دەپ.
دەرت يۇتۇپ ئۆتكىلى بولماس بىر ئۆمۈر،
ياشلىقىڭ كىتىدۇ كۈن-كۈنلەپ ئۆتۈپ .
ئىچەيلى سۆيگۈنىڭ جامىدىن شەربەت
يۈرمەيلى ۋىسالسىز سۆيگۈنى كۈتۈپ.
2014-يىلى2-ئاينىڭ23-كۈنى
ئاقتۇ ناھىيە كوسىراپ يىزىسىدا يىزىلدى..
مەنبە: مەن