lion17 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 04:25 PM
بۇيەردە بىر ئاڭ مەسىلىسى بار.بىزنىڭ كوپ قىسىم خەلقىمىز ...
كىشلىرمىزنىڭ بولۇپمۇ جەنۇپتىكى دېھقانلىرمزنىڭ مۇئارىپقا ،باللىرنى ئوقۇتۇشقا تۇتقان پاسسسىپ پوزىتسىيسى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ يۈرىكىنى سىقىدۇ ،ھەتتا غەزەپلەندۈرىدۇ .
توغرا ،بىز ئەڭ ئەقەللىيسى 9يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى بولسىمۇ 100%يەتكۈزەلىگەن بولساق چوڭ غەلبە ھېسابلىناتتى .دىھقان پەرزەنىتلىرى 9يىل بولسىمۇ مەجبۇرىي ئەمەس ، ئۆز ئىختىيارى ،بىلىمغا بولغان تەشنا قەلبى مەكتەپتە ئوقۇيالماي تۇرۇپ مىللەتنى زامانيۋىلاشتۇرۇشتىن سۆز ئاچساق بەك يەڭگىلتەكىلىك بولىدۇ.
بىراق ئويلاپ باقساق ،مائارىپتىمۇ نۇقسانلار يەتكۈچە بار ، بىزنىڭ مائارىپمىز ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم -ئىستقبالىڭنى تېپىشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ كەلدىيۇ ،بىراق «تۆمۈر تاۋاق »تىن باشقا ئىستىقبالنى كۆرستىپ بىرەلىدمۇ ؟ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش نوقۇل كادىر بولۇش ئۈچۈنلا ئەمەس ساپالىق ئىنسان بولۇشنىڭ ، ئۆز بەختىڭنى ئىزلەپ تېپىشنىڭ،مىللتىڭ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنىڭ زۆرۈر شەرتلىردىن بىرى دەپ چۈشەندۈردىغان ئوقۇتقۇچى قانچە؟ بالىسنى شۇنچە جاپا تارتىپ ئوقۇتۇپ كادىر قىلغاندىلا ھاردۇقۇم چىقتى دەپ ئويلىمايدىغان ،ئالىي مەكتەپنى پۈتترگەن بالىسى تىجارەتچى بولسا ،ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە تەمشەلسە ، شىركەتلەردە ئىشلەشنى تاللىسا قوللايدىغان ئاتا-ئانلار قانچلىك ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-3 01:11 AM