SaBa_002 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 08:29 PM
خۇدايا توۋا .........
بىزنىڭ مەھەللىدىكى دوسىت ـ تۇنۇشلىرىم ئارىسىدا يېرىمى دېگۈدەك ئاجراشقان.
ئالدى يەتتە ـ سەككىزدىن ، كەينى بىر ـ ئىككى قېتىم توي قىلغان .
خوتۇننى ئالىدۇ ، بىر ئىككى كۈز پاختا تەرگۈزىۋالسا ، ئېتىزدا ئىشلىتىۋالسا
خوتۇن بىكارغا قالىدۇ .
ئۇلارنىڭ پەسكەشلەرچە خىيالى ، مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلى مۇشۇنداق تىراگىدىيەلەر
كۆپلەپ يۈز بېرىدۇ . مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلاردا ئاجرىشىش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلاپ
تۇرغانلارنى داۋاملىق ئۇچراتقىلى بولىدۇ .
بەك ئارتۇقمۇ ئويلاپ كەتمەي ، كۆپرەك تۇرمۇشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلايلى .
جاھاننىڭ بىز ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئىشلىرىغا ئارتۇق كۆڭۈل بۆلۈشمۇ بىمەنىلىك .
دىن دېمەك ـ ئەخلاق ، ساپا ، پاكىزلىق دېمەكتۇر . سېسىق پايپاق ، كىر
چاپان بىلەن مۈگدەپ تۇرۇپ قىلغان قىلغان ئىبادەتلىرىمىزگە مۇسۇلمان بولۇپ
كەتكىلى بولمايدۇ .
ئاللاھ ھەممىمىزگە پاكىز ئىتىقاد ، مەسئۇلىيەتچان يۈرەك ، بەخىتلىك ئائىلە نىسىپ
ئەتكەي ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-27 08:46 PM