مۇئەللىم
(شىئېر)
----ئەخمەتجان تۇرۇب بەگتۇرگ......
مىليۇنېردەك ئەمەس سۆلىتى،
كېيگەنلىرى ئاددى ئۈستىباش،
تاشتەك ئۇپراپ ئۆتكىنى بىلەن،
يۈركىدىن چىقىدۇ قۇياش.
2
شاھلىق تەختى مۇنبەر بولسىمۇ،
تاشقىنلايدۇ قەلبىدە ھۇزۇر،
قۇياش بۇلۇپ ئۈنەر دىللاردا،
ئالقىنىدا تۈزۈپ كەتكەن بور.
3
مەنسەپ، شۆھرەت بېغىدەك ئاڭا،
ئاددىي تۇرمۇش سۆيگۈنى پەقەت،
چاقناپ بارار كۈمۈش تەرىدىن،
قۇم ئاستىغا چۆككەن سەلتەنەت.
4
قانىتىنى ئۇماق قۇشلارنىڭ،
تۆكەر ئۆمىرى بوراندا بىلەپ،
ئاڭا ئاسمان تىلەپ قالىدۇ،
ئۇچقىنىدا بىر كۈن لەپىلدەپ.
5
ئوخشىمايدۇ شامغىمۇ ئەسلا،
چاچالىغاچ خىلۋەتكىمۇ نۇر،
ئارمانلىرى قۇچقۇسى ۋېسال،
مۇئەللىمىمنى چۈشەنسە ئۇيغۇر.
ئىزاھات : بۇ شئېرىنى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمدا خاتېرە دەپتىرىمگە يېزۋالغان ئىدىم، مەلۇم پۇرسەتتە قايتا ئۇچىراپ قىلىپ تورداشلارغا سۇندۇم. ھوزۇرلانغايسلەر!!!
مەنبە: خاتېرەىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-28 12:49 AM