لوغەت بارلار لوغەتنى تازا كۆرۈب باقمايلىمۇ.مۇشۇ دەريا دىگەننىڭ ئوگۇز دىن باشقا يەنە قانداق ئىسىملەر بار.قوش ئوگۇز شەھرى.قوش دەريا شەھرى.ئۇنىڭدىن شىنجاڭدىكى مەجبۇرى قوش تىللىق سىياسەت بويىنچە نامنىمۇ قوش تىللىق ئاتىۋىتەمدۇق يا.مەسلەن ئىككى دىگەننى ئىر دىمەي ئەر دەپ،ئوگۇز دىگەننى تايىنلىق ئوغۇزلام دەپ ئاخىردا ئەر ئوغۇز دەپلا ئاتىۋەتسەك.بىكەتتە ئاڭلاتقۇچى:ئەر ئوغۇزغا بارىدىغان يولۇچىلار مانچىنچى ئۇرۇندا تۇرۇڭلار.بىلەت ساتقۇچى『ئەر ئوغۇز شەھرى بىلىتى مانچە پۇل.
مائارىپتا:ئەر ئوغۇز شەھەرلىك مانچىچى مەكتەپ........
تىل يىزىققا ئەھمىيەت بىرىش بىز ئەۋلاتلارنىڭ مەجبۇرىيىت
ى.بىز ئايرىلىپ قىلىۋاتقان بۇرۇنقى يەر جاي ناملىرى ئاز ئەمەس.مەسلەن:تاش ئىقىن شەھرىنى قىسقارتىپ شىخەنزە.قارا قۇرۇمنى بىۋاستە خەنزۇ تىلى بۇيىنچە كۈنلۈن ياكى كۇئىنلون.مىڭ تىكە داۋىنىنى قونجىراپ داۋىنى ياكى ئىغىزى دەپ ئاتايمىز.بۇ بىزدىكى مىللى روھمىدۇ.ئەجدادقا ۋارىسلىق قىلىشمۇ ياكى ئاتالمىش قەدىمىلىكنى تاشلاپ يىڭىلىققا كۆچۈپ مەدىنىي مۇھىت يارىتىشمۇ....مىڭ تىكە داۋىنى دەپ بىر چىرايلىق ئۇيغۇرچە نامى بار جاينى بۇزۇپ قونجىراپ دەپ ئاتاشقا نىمە مەقسەت باركەن.قونجىراپ دىگەن گەپنىڭ پارىسچە مەنىسى بىر ئەسەردە ئوقۇشۇمچە قان تۆكۈلىدىغان جايمۇ ئەيتاۋۇر شۇنداق مەنىسى باركەن.گەرچە بىزنىڭ بىر جايغا نام قويۇش،ھۆكۈمەتكە تاللاشقا مەجبۇر قىلغۇدەك ھۇقۇقىمىز بولمىسىمۇ تور يۈزىدە ياكى ئىغىزچە يازمىچە ئاتاشتا ئاتاپ كۆنسەك بولىدۇ.شىخەنزەلىكلەر شىخەنزە شەھرى دىمەي تاش ئىقىن شەھرى دەپ ئاتىسا نىمىشقا بولمايدىكەن.سۆزلىسەك گەپ بولىدۇدە بۇ يەردە.
تىمىغا كەلسەك قوش ئوگۇز دىگەننىڭ يەنىمۇ قەدىمى ئىسىمى تىپىلسا توردىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتكە پىكىر قىلساق بولىدۇ.قولدا يىزىلغان يىزىقنى يەنە شۇنداق پەنجىسى بەش قولدا تۈزەتمەك تەس ئەمەس.ئەگەر باشقا ئىسىم تىپىلمىسا مەيلىغۇ ئەمدى.
بەلكىم بۇ شەھەر لاھىيەسى قۇرۇشتىن ئاۋۋەلقى نام بىرىش ئىشىدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل ۋە يىزىق كامىتىتىنىڭ نەچچە تالاش تارتىشلىق مۇنازىرسى ۋە تاللاش قاتارلىق سۆھبەرلىرىدىن كىيىن قويۇلغان نامى بولىشى مۇمكىن.