مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: TashpolatRozi

تاشپولات: ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس بورھان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9606
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1741 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 12:12:36 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89765
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 783
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2013-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 01:02:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇنداق ئۇيغۇرلادىن يىتىشىپ چىققان ئالىم ،مۇتەخەسسلىرىمنىڭ ئىش -پائلىيەتلىرىدىن خەۋەردار بولسام تەسۋرىلگۈسىز ھاياجان بىلەن« ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق » دېگۈم كېلىدۇ.. ياشاڭ ئۇيغۇرۇم ..ئىلمي نەتىجىلرىڭىزگە بەرىكەت .تەنگە قۇۋۋەت تىلەيمەن.

ھەر قانچە ئازاپ چەكسىڭىزمۇ، كۆلۈپ ياشاڭ !!!! ھايات پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2081 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 08:04:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاشپولاتكا، ئەجرىڭىزگە رەھمەت. ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن مېنى تىلغا ئاپسىز، رەھمەت!

رىشاتكامنىڭ نەتىجىلىرى بىئو-مىدىتسىنا ساھەسىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ھاياتلىق پەنلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان دورىشۇناسلىق ساھەسىدە ئۇ ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئەڭ نەتىجىلىك ئالىمىمىز، دېسەك خاتالاشمايمىز. مەن رىشاتكامنىڭ «كىلىنىكىلىق ئۆسمەشۇناسلىق ژورنىلى» (J Clin Oncol) (تەسىر كۆرسەتكۈچى 18.1) قاتارلىق راك كېسەللىكلىرى ساھەسىدىكى دۇنيادىكى يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە ژورناللاردا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى كۆرۈپ ئالىمىمىزنىڭ ئۆز ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئالىملاردىن ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم ۋە ئۇنىڭغا قەلبىمدە زور ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغالغان. ئۇنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرىنى بىر تونۇشتۇرۇش پىلانىم بار ئىدى، بۇمۇ بوپ قالار. رىشاتكامدەك ئالىملىرىمىزنى بىر ئەمەس بىر نەچچە قېتىم ھەر خىل نۇقتىدىن تونۇشتۇرىدىغان ماقالىلەر قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى.
ھازىرچە رىشاتكام توغۇرلۇق بىلىدىغان كىچىككىنە شەخسىي قارىشىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشاي. رىشاتكامنى مەن خىلى بۇرۇنلا بىلسەممۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولۇپ باقمىدى. ئۇ دەسلەپ ماڭا ئوقۇش پۈتتۈرگىنمنى مۇبارەكلەپ تېلېفۇن ئۇرۇپتىكەن. شۇ قېتىم رەسمىي تونۇشقان بولدۇق. ئۆتكەن يىل 6-ئاي مەزگىلى، نەق ھازىرقى خىزمەت ئورۇنۇمغا يۈز تۇرانە ئېمتىھان بىرىش ئۈچۈن سان ئانتونىيوغا كەلگەن ۋاقىتىم ئىدى. كەچتە مېھمانخانىدا ئولتۇرسام تېلېفۇنۇم جىرىڭشىدى، قارىسام رىشاتكامدىن كەپتۇ، شۇنداق خوش بوپ كەتتىم. شۇ تاپتا چوڭ بىر قارار چىقىرىش ئالدىدا ئىككىلىنىپ بىر تەجىرىبىلىك ئادەمنىڭ مەسلېھەتىگە مۇھتاج بولۇپ تۇرغان ۋقتىم ئىدى. ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭغا خەت يېزىپ خىزمەت ئورنىنى تاللاشتا ئىككىلىنىپ قالغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇ شۇ ئىشتا ماڭا يول كۆرسىتىش ئۈچۈن تېلېفۇن ئۇرغان ئىكەن، شۇنداق ياخشى مەسلېھەتلەرنى بەردى. ئۇ ۋە يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پرافىسورى دوكتۇر رەيھان بەكتۇر ھەدەمنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ نۇرغۇن ئىشلارنى ماڭا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويۇشى بىلەن خىلى ئاسان بىر قارارغا كىلەلىگەن ئىدىم. بۇ ئىككەيلەن ئامېرىكىدا تەبئىي پەندە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ ئۆز ساھەسىدە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولغاچقا ئۇلارنىڭ تەجىرىبىلىرىنى ئۈلگە قىلسام بولاتتى. بۇ ئىشتا نۇرغۇن قەدەمنى مەندىن ئارتۇق باسقان ۋە ئۆز قەۋمىگە كۆيۈنىدىغان ئالىملىرىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن شۇنداق سۆيۈنگەن، مىننەتدار بولغان ۋە پەخىرلەنگەن ئىدىم. ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئۇ پات-پات تېلېفۇن قىلىپ ئەھۋالىمنى ئۇقۇشىدۇ ۋە يېتىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارغا قولدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە ئۆز-ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىشىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ تۇرىدۇ. رىشاتكام كۆڭلۈمدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان، مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ۋە پەخىرلىنىدىغان، ئۆزۈمگە ئۈلگە دەپ قارايدىغان ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى. رىشاتكامنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خۇشاللىق ۋە تەتقىقاتىغا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 11:12:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئالىمىمىزنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، ئەمدى  ئاڭلىدىم ھەم تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاڭلاپ چەكسىز ئىپتىخارلىققا چۆمدۈم. رەھمەت تاشپولاتكا،رەھمەت بىلگەجان..... ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلارغا سالامەت ،خىزمىتىڭلارغا ئوتۇق تىلەيمەن....!!!!!

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2971
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 11:32:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىملىرىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ، تۇرمىشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن.

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 11:34:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

تىمىڭىزغا تەشەككۇر!

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99627
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 5871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-11-15
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 12:26:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقىرىدىكى يازمامدا رىشات ئابباسنىڭ 2013-يىلدىكى بىر ماقالىسى "دۇنيا بىو-مەدىتسىنا ئالدىنقى سەپى” ژۇرنىلىنىڭ ئالدى مۇقاۋا بېتىدە تونۇشتۇرۇلۇشقا تەكلىپ قىلىنىپتۇ دەپ يازغان ئىدىم. تۆۋەندىكى خەت بۇ ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى دوكتور رىشات ئابباسقا يازغان تەكلىپىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى.

Dear Dr. Abbas:
Your recent paper about cancer: “Evaluation of the pharmacokinetics and safety of bosutinib in patients with chronic hepatic impairment and matched healthy subjects” (published in “cancer chemotherapy and pharmacology.2013 Jan;71(1):123-132.”) has been selected to be featured in our next issue of World Biomedical Frontiers, because of its innovation and potential for significant impact.
Research results with significant potential to improve health – or to treat or prevent disease – often deserve an immediate leap onto the “front page”. However, scientific breakthroughs don't always make the front page – and some don't make any page! We are the platform for you to stand out from among ~100,000 papers published each month, in order toattract more attention from the public and potential investors.
World Biomedical Frontiers [ISSN: 2328-0166] focuses on cutting-edge biomedical research from around the globe. Our website receives more than 11,000 visits per month from an international audience of academic and industrial researchers and developers, providing greater opportunity for your results to be recognized and appreciated.
Sincerely,

Michael S. Yang, MD, PhD
Editor
World Biomedical Frontiers, LLC
New York, USA
Phone: 1-(917) 426-1571
E-mails: editors@biomedfrontiers.org
Website: http://biomedfrontiers.org/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99627
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 5871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-11-15
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 12:41:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى-مەرھۇم ئابباس بورھان  

ئابباس بۇرھان 1932-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.  
ئابباس بۇرھان جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىسى بولغان.   
جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 1-نۆۋەتلىك كومىتېتى ئەزاسى، 2-، 3-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 1-، 2-، 3-نۆۋەتلىك رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 6-نۆۋەتلىك كومىتېتى ئەزاسى، 7-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.  
ئابباس بۇرھان يەنە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە شىخەنزە (تاشئېرىق) يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ، زور تۆھپە قوشقان.  
ئابباس بۇرھان شىنجاڭ ۋە مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمىتىدە كاتتا تەسىرگە ئىگە بولۇپ، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى مەشھۇر شەخستۇر. ئۇ 1983-يىلى جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئەمگاك-كادىرلار مىنىستىرلىقى ئۇنىڭغا «ئىلغار پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى» دەپ نام بەرگەن ۋە تەقدىرلىگەن.  
ئابباس بۇرھان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 1980-1982-يىللىرى «بىلىم-كۈچ» ۋە «پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى، «پەن-تېخنىكا نەشرىياتى»نى قۇرۇپ، باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان، «پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.  
ئابباس بۇرھان 10 پارچە كىتاب يازغان، 31 پارچە كىتابنى ۋە 3 پارچە لۇغەتنى تەھرىرلىگەن. مەملىكەتلىك تەبىئىي پەن ئاتالغۇلىرىنى بېكىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ 3-قۇرۇلتىيىدا مۇكاپاتلانغان. ئابباس بۇرھان يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ، جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، «نەتىجىسى ئەڭ زور پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىپادىسىمۇ ئالاھىدە ئاكتىپ بولغان بولۇپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بەلگىلىك خەلقئارا شۆھرەتكە ئىگە بولغان.  
ئابباس بۇرھان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، تۈرلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىلىرىدىن 300 پارچىدىن ئارتۇقنى ئېلان قىلغان، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقلىرىدىن 352 پارچىنى تەھرىرلىگەن. يازغان ئۇيغۇرچە كىتابلىرى 10 پارچە بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا مىللەتلەر نەشرىياتى، جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتى شىنجاڭ ئۇيغۇر-قازاق شۆبىسى، شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، پەن-تېخنىكا نەشرىياتى قاتارلىق نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. نۇرغۇن ماقالە ۋە ئوقۇشلۇقلىرى ئارقىلىق پەن-تېخنىكىنىڭ رولىنى تەشۋىق قىلغان. كىشىلەرنىڭ پەن-تېخنىكا ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ياخشىلاشقا بېغىشلانغان.  
ئابباس بورھاننىڭ نەشر قىلىنغان كىتابلىرى:  
«ئىرسىيەت ۋە ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى»،  
«ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش»،  
«مىكرو جانلىقلارنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى»،  «ھاياتلىق ۋە مۇھىت»،  «پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە زامانىۋى پەن-تېخنىكا»، «بىئولوگىيە تېخنىكىسى». ئابباس بورھاننىڭ نەشر قىلىنغان تەرجىمە كىتابلىرى:  «دېھقانچىلىققا پايدىلىق قۇشلار ۋە ھايۋانلار»،  «دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ سىرى»،  
«مۇھىت ئاسراش»،  
«گاۋ شىچى بوۋا»،  
«زوئولوگىيە»،  
«جىنسىيەت بىلىملىرى»،«يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن؟ (ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر، ماددىلار، يېزا ئىگىلىكى قىسىملىرى)»،  
«ئادەم ئاناتومىيىسى بىلىملىرى»  
ئابباس بورھان يەنە  
«ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە بىئولوگىيە لۇغىتى»، 7  
«دېھقانچىلىق بىلىملىرىگە ئىزاھلار»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە پەن-تېخنىكا لۇغىتى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەھرىرلىگەن ۋە تۈزگەن،  
«يېزا پەن-تېخنىكىسى» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان.  
شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىنى قۇرۇش تەييارلىقىنى قىلغان ۋە باشچى بولۇپ قۇرغان.  
ئابباس بورھان كۆپ قېتىم دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  
بۇلارنىڭ ئاساسلىقى:  
1983-يىلى «مەملىكەتلىك ئىلغار پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى» بولغان؛  
1984-يىلى «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  
1990-يىلى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىيىنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ :  
«ئىرسىيەت ۋە ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى» دېگەن كىتابى «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا ئەسىرى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 878
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 12:42:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىخىمۇ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104007
يازما سانى: 838
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 01:18:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«بىزدە بۇنداق ئالىم ئاز ئىدى»  كۆپلەپ  شۇنداق  ئالىملىرىمىز  يىتىشىپ چىقسا دەيمەن ...ئالىملىرىمىزغا سالامەتلىك ۋە ئۇتۇق يار بولسۇن..........

ئەخلاق ئادەم زىننىتى  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش