ئەلشاھ يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 10:44 PM
مىنىڭ كومپيۇتېرىمدىكى «مىسرانىم تور ئەسەرلىرى» سەھىپىسىنىڭ «تىما يوللاش» كۆزنىكىدە
«ئورگىنال ساقلاش» ، «ئورگىنال ساندۇقى» دىگەن سۆزلەر كۆرۈنۈپ باقمىدى. مەن دەسلىپىدە
كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى «ساقلاش» نى چېكىپ قويساملا ساقلىنىپ قالاتتى، كىيىن بۇ ئۇسۇل
ئەسقاتمىغاندىن كىيىن، ئۆزۈم بىر ئىزدىنىپ باقاي دەپ، «ساقلاش» نىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى
«30 سىكونتتىن كىيىن ساقلىنىدۇ» دىگەن سۆزنى چەكسەم،ئۇنىڭ ئورنىدا«ئاپتۇماتىك ساقلاش ئىقتىدارىنى
ئېچىش» دىگەن سۆز چىقتى. مۇشۇ سۆزنى بىر چېكىپ ساقلاشنى تەكرار سىناق قىلىپ كۆرسەم،
ساقلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ھازىر مۇشۇ ئۇسۇل بۇيىچە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. ئەمما ھىلىقى
«ئورگىنال ساقلاش» «ئورگىنال ساندۇقى» دىگەن سۆزنى قانداق قىلسام چىقارغىلى
بۇلىدىغانلىقىنى بىلمىدىم.