|
|
|
|
ئىلىكتىرماتورنىڭ ئىشلىتىلىشى مۇھىت بۇلغاشتىن ساقلىنىشلا ئەمەس يەنە ئىقتىساتچانلىق تەرەپتىنمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، مەن بۇ يەردە ئاساسلىقى بىماس قەدەملىك ئىلىكتىرماتور تۇغرىلىق چۈشەنچە بەرمەكچى. نۇۋەتتە بازارلاردا ئۇخشاش قۇۋۋەتتىكى ئىلىكتىرماتورنى ھەسسىلەپ پەرىق قىلىدىغان باھادا ئۇچرىتىمىز، سەۋەبى يەنىلا شۈپەت مەسلىسى بۇلۇپ، ئۇندىن باشقا مىس ئوراملىق ۋە مىسقا ئۇخشاش سىرلانغان ئاليومىن ئوراملىق بولغانلىقتىن شۇنداق پەرىقلىنىدۇ. يەنە ئاليومىن ئوراملىقنىڭمۇ سىتاتىر ۋە روتورغا ئىشلەتكەن تۈمۈر ئۈزەكنىڭ ماگىنىت ئۈتكۈزۈشچانلىقى ۋە سىپتىلىق دەرىجىسىگە قاراپ باھاسىمۇ ئۇخشىمايدۇ، تۈمۈر ئۈزەكنىڭ يۈزى بۈدۈر-چوقۇر بولسا ئالمىغان تۈزۈك...
ئاليومىن سىم بىلەن مىس سىمنىڭ توك ئۈتكۈزۈشچانلىقىنى تۇلۇقسىزنىڭ فىزىكا دەرسىدە سىلىشتۇرۇپ ئۈگەنگەن ئىدۇق. پەرىق بىزگە كىچىككىنە كۆرۈنسىمۇ ئەمىلى ئىشلىتىشتە بەك چوڭ پەرىقلىنىدۇ، يەنى مىس ئوراملىق ئىلىكتىرماتور ئوخشاش تۈمۈر ئۈزەكلىك ئىلىكتىرماتوردا ئىشلىتىلگەندە 1 كىلوۋات ئىنىرگىيەدە 800 ۋات قىسمىنى ھەركەت ئىنىرگىيسىگە ئايلاندۇرۇپ قالغان 200 ۋاتنى ئىسراپ قىلىۋىتىدۇ دىسەك، ئاليومىن ئوراملىقى ئادەتتىكى ئىشلىتىشتە ئاران 600 ۋاتقا يىقىن ئىنىرگىينى ھەركەت ئىنىرگىيسىگە ئايلاندۇرىدۇ، قالغان 400 ۋات ئىنىرگىيە ئىسراپ بۇلىدۇ، ئۇندىن سىرىت پۈتۈن يۈكلۈك ئۇخشاش سارائىتتا ئاليومىن ئوراملىق ئىلىكتىرماتورنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىدىغان قىلىشقا تۇغرا كەلسە سەل چوڭراق ئىلىكتىرماتورنىڭ ئورام ئورنىغا شۇ ئاليومىن سىمنى نىسبىتىنى ئۆزگەرتىپ ئوراپ ئىشلەتسە بۇلىدۇ.
تەخمىنەن بىر مىللىمىتىرلىق كەسمە يۈزلۈك مىس سىمنىڭ ئورنىغا 2.5 مىللىلىق كەسمە يۈزلۈك ئاليومىن سىم ئىشلىتىش كېرەك...
شۇڭا مۇھىت تىمپىراتورىسى يۇقىرى شارائىتتا ئۇزۇن ۋاقىت(بىر-نەچچە سائەتلەپ ياكى كۈن-ئايلاپ) ئودا ئىشلىتىدىغانلار ئىشلىتىدىغانلار مىس ئوراملىق ئىلىكتىرماتور ئىشلىتىشنى تاللايدۇ.
ئادەتتە ئىلىكتىرماتور ماگىنىت مەيدانىدا ئۈتكۈزگۈچتىن توك ئۈتكۈزۈلگەندە قايسى يۈنىلىشكە ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل قىلىدىغانلىقى شۇڭا مەكتەپتە ئوڭ قول ۋىنت قائىدىسىنى ئۈگەنگەنلىكى ئادەم بىلەلەيدۇ. بۇنىڭ ئاددى پىرىنسىپى ئاۋاز ياڭراتقۇدا ئىپادىلىنىدۇ.
مەن 2004- يىللاردا تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىماس قەدەملىك ئىلىكتىرماتورنىڭ ئوق ئاراشلېرىغا ئېرىتىپ كىرگۈزىۋىتىدىغان ئاليومىن ئورامنىڭ رولىنى ئوينايدىغان ئىندوكسىيلىك ئىغىتقۇچى ئورامنىڭ ئورنىغا مىسنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە ئۈنىمى يۇقىرلايدىغانلىقىنى بايقىغان، ئەمما شارائىت ئۇ سىناقنى قىلىشقا يار بەرمىدى، ئالماشتۇرۇشتا شۇ ئىندوكسىيلىك ئىغىتقۇچى ئۇقۇرنىڭ ھەجىمىنىمۇ بىر ھەسسە كىچىكلىتىپ ماگىنىت كۈچىنىڭ ئۈتۈش يۇلىنى چوڭلىتىمىز. بۇنىڭدا ئىش ئۈنىمى %95 كە يىتىدۇ...
ھازىر بۇ خىل ئىلىكتىرماتور چىقىپ بۇپتۇ، شۇڭا بۇ سىناقنى قىلىشتىن ۋاز كەچتىم.
|
|
|
|
|
|