kisaskar2 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-12 11:25 AM
华为t 8951
ئۇيغۇرچە كىرگۈزسەم خەت ئۈزۈك چىقىۋالدى
سىز تېلېفونىڭىزنىڭ روت ھوقۇقىنى ئېلىپ( 刷机大师نىڭ 一键root ئىقتىدارىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.) تېلفونىڭىزغا root Explorei نى قاچىلاپ(بۇنى 91 قاتارلىق ئاندىروئىد ئەپ بازىرىدىن تاپالايسىز ئاۋۇ ئىسىمدا چىقمىسا 文件管理器دەپ ئىزدەتسىڭىز مۇ بولىدۇ.) بۇنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئېچىپ system نى ئېچىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن fonts ناملىق قىسقۇچنى ئاچسىڭىز كېڭەيتىلگەن نامى ttf بولغان بىر قاتار ھۆججەتلەر كۆرۈنىدۇ. سىز قالدۇرغان تېلېفوننىڭ ئاندىروئىد سىستىما نەشىرى بەلكىم 4.0بولىشى مۇمكىن شۇڭا DroidNaskh-Regularمۇشۇ ئىسىمدىكى خەت نۇسىخىسنى ئالماشتۇرىمىز.
توردىن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان خەت نۇسخىسى ھۆججىتىدىن بىرنى تېپىپ ئىسمىنى DroidNaskh-Regularقىلىپ ئەسلىدىكى بىلەن ئالماشتۇرىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.شۇ خەت نۇسخىسىنى بېسىپ تۇرۇپ چىققان تىزىملىكتىن ھوقۇق باشقۇرۇشنى چېكىپ ئوقۇش يېزىش ئۆزگەرتىش ھوقۇقى (بىر نەچچە كاتەكچە چىقىدۇ، شۇ يەرگە توغرا بەلگىسىنى چېكىپ) نى ئېچىپ قايتا قوزغىتىمىز.
سەمىمى ئەسكەرتىشىم ناۋادا سىزنىڭ بۇ ھەقەتە ھېچقانداق تەجرىبىڭىز بولمىسا بىرەر مەشغۇلاتتا خاتالىق كېلىپ چىقسا يانفۇن قوزغىلالمايدۇ. قوزغىلالماي قالسا ئورگان تورىدىن روم چۈشۈرۈپ قاچىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا مەشغۇلات جەريانىدا دىققەت قىلىڭ.
توردىن تاپالماي قالمىسۇن دەپ ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان خەت نۇسخىسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم.
http://yunpan.cn/Q4Iw4rzkIUdCa (访问密码:a282) بۇ يەردىن چۈشۈرىۋېلىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-13 03:49 PM