uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 06:32 PM
مەن مۇنۇ بىر ئېغىز گەپنى قىلىشنى ئويلاشتىم ...
جۈملى ...
جېنىم قېرىندىشىم بىزگە ئۇيغۇرمىللىي كارخانىلاركېرەك ئەمەس ،ھالال مەھسۇلات كېرەك دەپسىز ،ئەجىبا مىللىي كارخانىلار قۇرۇلماي تۇرۇپ ھالال مەھسۇلات چىقامدۇ؟؟؟؟ياكى ئاۋۇ كاڭ ئۇستام،قىزىل كالا ئۇيغۇرلار ئىستىمال قىلسۇن دەپ ئالاھىتەن ئازغىنە بىزلەر ئۈچۈن ئايرىم ھالال قىلىپ ئىشلەمدۇ ؟؟؟؟
ئويلاپ باقايلى قېرىنداشلار ؟كەۋسەر ،ئابىدە،ئامىنە ،چىننۇرى ،سەردارقاتارلىق ماركىدىكى مەھسۇلاتلار بازارغا سېلىنماستا ياكى تېخى يوق چاغدا قانداق ئىچىملىك ،قانداق تەييار چۆپ ،قانداق چىش پاستىسى ئىشلەتكەن ؟؟؟ بۇئۇيغۇرچە ماركىدىكى مەھسۇلاتلارغا ئالدىغا بەلكىم 15يىل بولغاندۇ ؟؟؟
ھىچ ئىش قىلماي قۇرۇق گەپ قىلغانغا بولمايدۇ ؟ھەممەيلەن 15يىل بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى ئويلاپ باقايلى ئۇ چاغدا ھەجەپ خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭكىنى يەپتۇقكەن ،ئىشلىتىپتۇقكەن .
مىللىي كارخانىلار ئىچكىرىدە ئىشلەتكۈزسىمۇ خام ئەشيا مەنبەسىگە دىققەت قىلىشى مۇمكىن ،چۈنكى ئۇلار ھەرقانداق مەھسۇلاتنى ئاۋۋال ئۆزى ئىشلىتىپ،يەپ ئىچىپ بېقىپ ئاندىن بازارغا چىقىرىدۇ . ئەگەر قالايمىقان مەينەت مەھسۇلات ئىشلەتكەن بولسا بەلكىم ئۇلارنىڭ بۇنچە تەرەققى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ،ئۇلۇغ ئالاھىمىز بۇنىڭغا يول قويمايدۇ ،چۈنكى ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ .
ئۆز مىللىتىمىزنى ،ئۆزىمىزنىڭ كارخانىلىرىنى قوللايلى ،ئۇلارنىڭ بىر خىل مەھسۇلاتىنى ئىستىمال قىلغىنىمىز ئۆز مىللىتىمىزگە تۆھپە قوشقىنىمىز .